سىدنېيدا 5 - ئىيۇل ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقىغا قارشى يەنە نامايىش ئۆتكۈزۈلدى

بۇگۇن 8 - ئاينىڭ 2 - كۇنى يەكشەنبە سىدنېي شەھىرىدىكى ئۇيغۇرلار، خىتايلارنىڭ ئۇيغۇرلار ئۇستىدىن قەتلىئام ئىلىپ بارغان 5 - ئىيۇل قاتىللىق قىلمىشىغا قارشى نامايىشىنى ئۈتكۈزۈش ئۈچۈن شەھەر مەركىزىدىكى بېلمورە باغچىسىغا يىغىلدى.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺑﻪﺧﺘﯩﻴﺎﺭ
2009.08.03
Awstiraliye-Sidney-namayish-08022009-305.jpg ﺳﯜﺭﻩﺕ، 8 - ﺋﺎﻳﻨﯩﯔ 2 - ﻛﯘﻧﻰ، ﻳﻪﻛﺸﻪﻧﺒﻪ، ﺳﯩﺪﻧﯧﻲ ﺷﻪﻫﯩﺮﯨﺪﯨﻜﻰ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭﻧﯩﯔ ﺷﻪﻫﻪﺭ ﻣﻪﺭﻛﯩﺰﯨﺪﯨﻜﻰ ﺑﯧﻠﻤﻮﺭﻩ ﺑﺎﻏﭽﯩﺴﯩﻐﺎ ﻳﯩﻐﯩﻠﯩﭗ، ﺧﯩﺘﺎﻳﻼﺭﻧﯩﯔ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭ ﺋﯘﺳﺘﯩﺪﯨﻦ ﻗﻪﺗﻠﯩﺌﺎﻡ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﺑﺎﺭﻏﺎﻥ 5 - ﺋﯩﻴﯘﻝ ﻗﺎﺗﯩﻠﻠﯩﻖ ﻗﯩﻠﻤﯩﺸﯩﻐﺎ ﻗﺎﺭﺷﻰ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﺑﺎﺭﻏﺎﻥ ﻧﺎﻣﺎﻳﯩﺸﯩﺪﯨﻦ ﺑﯩﺮ ﻛﯚﺭﯛﻧﯜﺵ.
YouTube ﺩﯨﻦ ﺋﯧﻠﯩﻨﺪﻯ.

بۇ نامايىشقا ئۇيغۇر كۆچمەنلەر، ئۇيغۇرلارنىڭ قىرىندىشى بولغان تۈركلەر، بۇ قىرغىنچىلىققا غەزەپلەنگەن ھەرخىل مىللەتلەردىن تەركىپ تاپقان ئۇيغۇرلارنىڭ دوستلىرى بولۇپ 1000 گە يېقىن كىشى قاتناشتى. بېلمورە باغچىسىغا توپلانغان بۇ نامايىشچىلار قوشۇنى "ئۇيغۇرلارغا ئەركىنلىك!"، "شەرقى تۇركىستانغا ئەركىنلىك!"، "خىتاي تېررورچىلىرى چىقىپ كەت" قاتارلىق شوئارلىرىنى سىدنېي شەھىرىنىڭ ئاساسلىق كوچىلىرىدىن بىرى بولغان ئېلىزابېتا كوچىسىدا جاراڭلىق ياڭرىتىپ، يۈرۈشىنى باشلىۋەتتى. سەپنىڭ ئالدى، قانغا بويالغان مايكىلارنى كىيگەن 4 ياشنى يالاپ ئېلىپ ماڭغان خىتاي ساقچىلىرىنىڭ فورمىسىغا نەقىل قىلىپ كىيىنگەن 4 ياش بىلەن باشلىنىپ، ئاي يۇلتۇزلۇق كۆك بايراقلار، ھەر خىل شوئارلار يېزىلغان شوئار تاختىلىرى، شوئارلار بيسىلغان كۆك رەڭلىك شارلار... كۆكتە جەۋلان قىلدى ۋە مىڭلىغان كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتتى. نامايىشچىلار يۈرۈشىنى سىدنېي شەھىرىنىڭ مەركىزى مەيدانلىرىدىن بىرى بولغان ھىيدﯤ باغچىسىدا توختىتىپ خىتاينىڭ قىلمىشلىرىنى ئەيىبلەشلەر باشلاندى.

بۇ نامايىشنى تەشكىللىگەن ئاۋسترالىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ باش كاتىبى مەھەممەتىمىن ئەلا ئەپەندى سۆزگە چىقىپ خىتايلارنىڭ 5 - ئىيۇل قىرغىنچىلىقىنى تەپسىلىي چۇشەندۇرۇپ، ئىنسان قىلىپىدىن چىققان ۋەھشىلىكىنى پاش قىلدى، خىتاينىڭ تاجاۋۇزى، زۇلۇمى، ئاسسىمىلياتسىيە سياسىتى ۋە ئۇيغۇرلارنى قانلىق باستۇرۇپ كىلىۋاتقان قىلمىشلىرىنى ئەيىبلىدى ھەمدە ئۇيغۇرلارنىڭ خىتاي تاجاۋۇزىغا ھەر ۋاقىت قارشى ئىكەنلىكىنى، ئۇيغۇر ۋەتىنىنىڭ نامى "شىنجاڭ"ئەمەس، شەرقى تۈركىستان ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

سۆزگە يەنە تۈرك جامائەتچىلىكىنىڭ ئابرويلۇق ئىمامى ئىسمائىل باققال تەكلىپ قىلىندى ئۇ سۆزىدە : ئۇيغۇرلار يالغۇز ئەمەس، ئۇيغۇرلار ئاجىز ئەمەس، بۇنى 1 مىليارد 400 مىليون ئاھالىگە، كۇچلۇك ئارمىيىگە ئىگە خىتاي بىلەن قارشىلىشىپ ئۇيغۇر دېگەن نامىنى، پاك ئىمانىنى ساقلاپ كېلىشى، بولۇپمۇ 5 - ئىيولدىكى قەھرىمانلىقى ئىسپاتلاپ تۇرۇپتۇ، بىز ئۇيغۇردىن ئىبارەت مىللىي ۋە دىنىي قىرىنداشلىرىمىزدىن پەخىرلىنىمىز، دۇنيا پەخىرلىنىدۇ، ھەقىقەت سىلەردە، غەلىبە ئاخىرى سىلەرنىڭ. ئۇ نامايىش قاتناشقۇچىلىرىغا ئىماملىق قىلىپ شېھىدلەرنىڭ نامىزىنى چۈشۈردى ۋە دۇئالار قىلدى ھەمدە كەچۈرۈم تەشكىلاتى، تىبەت جەمئىيىتى قاتارلىق كۆپلىگەن تەشكىلات ۋە ئورگانلارنىڭ ۋەكىللىرى سۆزگە چىقتى.

نامايىشچىلار ئارىسىدا "نومۇسسىز خىتاي قاتىللىرى!"، "خىتاينىڭ ئىمپىرىيال تۈزۈمى يوقالسۇن!" دەپ يېزىلغان تاختىلارنى كۆتۈرۈۋالغان ياشانغان كىشى ۋە ياش قىزغا كوزۇم چۈشتى - دە، ئۇلارنىڭ ئېنگىلىز ئاتا - بالا ئىكەنلىكىنى، بۇ كىشىنىڭ ئىسمى كولىن ئاندېرسون ئىكەنلىكىنى بىلىپ ئۇلارنىڭ نامايىشقا قاتنىشىش سەۋەبىنى سورىدىم. ئۇ كىشى: بىز ئۇيغۇرلار بىلەن بىر سەپتە تۇرۇش ئۇچۇن بۇ نامايىشقا كەلدۇق. بىر يىل ئاۋۋال بەختىگە يارىشا، رابىيە كادىرنى كۆرگەن ئىدىم، مانا ھازىر كىتابىنى ئوقۇۋاتىمەن. خىتايلار ئۇيغۇرلار ئۇستىدىن كېڭەيمىچىلىك سىياسىتىنى ئىلىپ بېرىپ، ئاققۇنلار بىلەن ئۇيغۇرلارنى يوق قىلماقچى بولۇۋاتىدۇ ۋە قىرغىنچىلىقلار ئىلىپ بېرىۋاتىدۇ، بۇ قىلمىشلارغا يول قويۇشقا بولمايدۇ، دېدى. ئۇنىڭ قىزى سرىئان : خىتاينىڭ قىلىۋاتقانلىرى ناھەقچىلىك، ئۇلار ۋەھشىيلىك قىلىۋاتىدۇ، بىر - ئىككى ئادەم بولساقمۇ ئۇيغۇرلار بىلەن بىر سەپتە تۇرۇپ كۈچ قوشماقچىمىز، دېدى.

نامايىشچىلارغا ھەۋەس بىلەن قاراپ تۇرغان بىر ئېنگلىز خانىم : مەن ئۇيغۇرلارنى ئۈرۈمچىدىكى قىرغىنچىلىقتىن كېيىن بىلدىم، خىتايلار ھەددىدىن ئاشتى، ئۇيغۇرلار ھەقىقانىي دەۋاسىنى توختاتماسلىقى كېرەك، دېدى.

نامايىش ئاخىرىدا نامايىشچىلار بىلەن تاماشىبىنلار قوللىرىنى تۇتۇشۇپ مەيدانغا كېڭەيگەن ئادەم چەمبىرىكى ياساپ، شېھىدلەر ئۇچۇن بىر مىنۇت سۈكۈتتە تۇردى ھەمدە "ئۇيغۇرلارغا ئەركىنلىك!"، "خىتاي قىرغىنچىلىقنى توختات!"، "ئۇيغۇرىستانغا ئەركىنلىك!" دېگەن شوئارلار بيسىلغان كۆك رەڭلىك شارلار ئەركىنلىكنىڭ، تىنچلىقنىڭ سىمۋولى قىلىپ قويۇپ بېرىلدى.

سيدنېينىڭ سۈزۈك ئاسمىنىدا كۆككە كۆتۈرۈلۈپ كېتىۋاتقان شارلار غايىپ بولغىچە مىڭلىغان ئۈمىدلىك كۆزلەر تىكىلىپ تۇرۇشتى.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.