سىنان ئوگان ئەپەندى: ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسى مېنىڭ مۇھىم خىزمەتلىرىمنىڭ بىرسى بولىدۇ

يېقىندا تۈركىيىدە ئۆتكۈزۈلگەن سايلامدا مىللەتچى ھەرىكەت پارتىيىسىدىن نامزات بولۇپ سايلامغا قاتناشقان سىنان ئوگان ئەپەندى پارلامېنت ئەزاسى بولۇپ سايلىنىپ، تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسىگە كىردى.

0:00 / 0:00

سىنان ئوگان ئەپەندى پارلامېنت ئەزاسى بولۇپ سايلانغاندىن كېيىن رادىئومىز مۇخبىرىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، ئۆزىنىڭ بۇندىن كېيىنكى خىزمەت پىلانلىرى ھەققىدە مەلۇمات بەردى. ئۇ سۆھبەتتە ئۆزىنىڭ تۈركىيە پارلامېنتىدا ئۇيغۇرلارنىڭ ئاۋازى بولىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

تۈركىيىدىكى خەلقئارا ئىستراتېگىيە تەتقىقات ئورنىنىڭ باشلىقى سىنان ئوگان ئەپەندىنىڭ ئىسمى سىلەرگە يات بولمىسا كېرەك. تۈركىيىنىڭ ئىچكى ۋە تاشقى سىياسەتلىرى ئۈستىدە ئىستراتېگىيىلىك تەتقىقات بىلەن شۇغۇللىنىپ كېلىۋاتقان سىنان ئوگان ئەپەندى ئۇيغۇرلارنىڭ مەسىلىسىگىمۇ چىن كۆڭلىدىن كۆڭۈل بۆلۈپ، ئۇنى يېقىندىن تەقىب قىلىپ كەلگەن تەتقىقاتچىلارنىڭ بىرى.

ئۇ ئۆزىنىڭ تەتقىقات ماقالىلىرىدە تۈركىيە ۋە خىتاي مۇناسىۋەتلىرىدە تۈركىيىنىڭ چوقۇم ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇقىنىڭ قوغدىغۇچىسى بولۇشى كېرەكلىكىنى، بۇنى ئىككى دۆلەت مۇناسىۋەتلىرىنىڭ بىرىنچى كۈن تەرتىپى قىلىشى كېرەكلىكىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئاخباراتلارغا ئۆز كۆز قارىشىنى ئېلان قىلىپ كەلگەن.

ئۇ شۇنداقلا كۆپ قېتىم بىزنىڭ رادىئويىمىزنىڭ زىيارىتىنىمۇ قوبۇل قىلىپ، تۈركىيە، ئوتتۇرا شەرق، ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى سوئاللىرىمىزغا جاۋاب بەرگەن ئىدى. سىنان ئوگان ئەپەندى يېقىندا تۈركىيىدە ئۆتكۈزۈلگەن ئومۇمىي سايلامدا تۈركىيىدىكى ئىغدىر ۋىلايىتىدىن سايلامغا قاتنىشىپ، يېتەرلىك ئاۋاز بىلەن تۈركىيە پارلامېنتىنىڭ پارلامېنت ئەزاسى بولۇپ سايلاندى. ئۇ تۈركىيە پارلامېنتىدا ئۆكتىچى پارتىيىلەرنىڭ بىرى بولغان مىللەتچى ھەرىكەت پارتىيىسىنىڭ پارلامېنت ئەزاسى بولۇپ ۋەزىپە ئۆتەيدۇ. بىز سىنان ئوگان ئەپەندىنى تېلېفون ئارقىلىق زىيارەت قىلىپ، ئۇنىڭ پارلامېنت ئەزاسى بولغاندىن كېيىنكى خىزمەت پىلانلىرى ئۈستىدە سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.

‏-سىنان ئەپەندى، مەن ئالدى بىلەن رادىئودىكى بارلىق خىزمەتچىلەر نامىدىن سىزنى تەبرىكلەيمەن. بۇنىڭ تۈركىيە ئۈچۈن ۋە شۇنداقلا ئۇيغۇرلار ۋە بارلىق تۈرك دۇنياسى ئۈچۈن خەيرلىك بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن. ئوتتۇرا ئاسىياغا ۋە ئۇنىڭ مەسىلىلىرىگە يېقىندىن كۆڭۈل بۆلۈپ كەلگەن بىرى بولۇش سۈپىتىڭىز بىلەن، سىزنىڭ پارلامېنتتىكى ئاساسلىق خىزمەت نىشانىڭىز نېمە بولىدۇ؟

-سىزگە مەلۇم بولغاندەك، مەن ئۇزۇن يىللاردىن بېرى تاشقى سىياسەت ساھەسىدە بولۇپمۇ تۈرك دۇنياسىغا ئالاقىدار سىياسەتلىرى ساھەسىدە خىزمەت قىلىپ، بۇ جەھەتتە يېتىشىپ چىققان بىرسى. ئەلۋەتتە پارلامېنتتا تۈركىيىنىڭ بارلىق مەسىلىلىرى ئۈستىدە خىزمەت قىلىمەن. ئەمما مېنىڭ پارلامېنتتا تۈرك دۇنياسىغا مۇناسىۋەتلىك تاشقى سىياسەتتە نۇرغۇن ئىش پىلانلىرىم، سۇنىدىغان نۇرغۇن تەكلىپلىرىم بار، مەن بۇ جەھەتتە نۇرغۇن خىزمەتلەرنى قىلىمەن. بىز تۈرك دۇنياسىنىڭ ھەممە يېرىنى خىزمەت دائىرىمىزگە كىرگۈزىمىز. ئەلۋەتتە شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى بىز قىلىدىغان مۇھىم خىزمەتلەرنىڭ بىرى بولىدۇ.

‏-سىنان ئوگان ئەپەندى، سىز ئۇيغۇرلارنىڭ مەسىلىسىنى ناھايىتى ياخشى بىلىدىغان بىرى بولۇش سۈپىتىڭىز بىلەن، يېڭى ھۆكۈمەتنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ مەسىلىسى ھەققىدە ئاكتىپ رول ئوينىشى ئۈچۈن پارلامېنتتا نېمىلەرنى قىلىسىز؟

-مەن پارلامېنتتىكى ئۆكتىچى پارتىيىنىڭ مىللەت ۋەكىلى. شۇڭا ھۆكۈمەتنى ئىدارە قىلىۋاتقان ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيىسىنىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسىگە بولغان پوزىتسىيىنى ئۆزگەرتىش، ئۇلارنى توغرا يولغا باشلاش، توغرا قارارلارنى چىقىرىشى ئۈچۈن ئۆز تەكلىپلىرىمنى سۇنىمەن، بۇ جەھەتتە قولۇمدىن كېلىشىچە كۈچ چىقىرىمەن. چۈنكى تۈرك دۇنياسىنىڭ مەسىلىسى مەن ئۈچۈن ئالدىنقى ئورۇندا تۇرىدىغان مەسىلىلەرنىڭ بىرى بولغىنىدەك، شەرقىي تۈركىستان تۈرك دۇنياسىنىڭ ئەڭ مۇھىم پارچىلىرىدىن بىرى. مەن خەلقئارا پرىنسىپلارغا، دۆلەتلەرنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىغا ھۆرمەت قىلىش بىلەن بىرگە، ئۇيغۇرلارنىڭ ھەم باشقا دۆلەتلەردىكى تۈرك ئائىلىسىگە تەۋە بولغان باشقا خەلقلەرنىڭ دېموكراتىك ھوقۇقلىرىنى تەلەپ قىلىمەن.

‏-سىز تۈركىيە پارلامېنتىدا ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇقىنىڭ دەپسەندە قىلىنىش ئەھۋالىنى ئوتتۇرىغا قويامسىز؟

-ئەلۋەتتە، كىشىلىك ھوقۇق ۋە دېموكراتىيە ھېچقانداق بىر دۆلەتنىڭ ئىچكى ئىشى ئەمەس. كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى قايسى دۆلەتتە بولۇشىدىن قەتئىينەزەر بىز كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىگە خاتىمە بېرىش ئۈچۈن كېرەكلىك بولغان بارلىق تىرىشچانلىقنى كۆرسىتىمىز.

‏-ھۆرمەتلىك سىنان ئوگان ئەپەندى، سىز بىر پارلامېنت ئەزاسى بولۇش سۈپىتىڭىز بىلەن، ھۆكۈمەتنىڭ بۇندىن كېيىنكى سىياسىتى قانداق بولۇشى كېرەك، دەپ قارايسىز؟

-ئەپسۇسكى، ھازىرقى ھۆكۈمەت بارلىق كۈچىنى ئوتتۇرا شەرقتىكى ئەرەب مەملىكەتلىرىگە قارىتىۋاتىدۇ. مەن مەجلىستە تۈركىيىنىڭ تاشقى سىياسىتىنى ئوتتۇرا شەرق بىلەن بىرلىكتە ئوتتۇرا ئاسىياغا جۈملىدىن تۈرك دۇنياسىغا قارىتىش ئۈچۈن، بۇ رايونلاردا تۈركىيىنىڭ تەسىرىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن خىزمەت قىلىمەن.