خان جەمەتى ساقچى ئورگىنى كانادادىكى خىتاي شىركەتلىرىنىڭ ئالدامچىلىق ۋەقەسىنى تەكشۈرمەكتە
2011.12.29

كانادا خان جەمەتى ساقچى ئىدارىسى ئاكسىيە بازىرىغا كىرگەن، خىتاينىڭ ئەڭ چوڭ شىركەتلىرىدىن بىرى بولغان «خىتاي ئورمان شىركىتى» كانادادىكى ئىقتىسادىي ئالدامچىلىق قىلمىشلىرىنى تەكشۈرمەكتە. خىتاينىڭ كىيىم-كېچەك ۋە ئاياق سودىسى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان يەنە بىر شىركىتىنىڭ كانادا ئاكسىيە بازارلىرىدىكى پائالىيىتى توختىتىلدى.يېقىنقى يىللاردىن بېرى، خىتاي شىركەتلىرى كانادا بازارلىرىغا كىرگەندىن كېيىن ئىقتىسادىي سەتچىلىكلەرمۇ بارغانسېرى كۆپلەپ ئوتتۇرىغا چىقماقتا.
كانادا خان جەمەتى ساقچى ئىدارىسى خىتاينىڭ كانادادا پائالىيەت قىلىۋاتقان «سىنو-فورەست كورپ» يېنى «خىتاي ئورمان شىركىتى» گە قارىتا جىنايى ئىشلار بويىچە رەسمىي تەكشۈرۈشنى باشلىدى. بۇ تەكشۈرۈش بۇ شىركەتنىڭ مال-مۈلۈك ۋە مەبلەغ-كىرىملىرىنى كۆپتۈرۈپ كۆرسىتىش ئارقىلىق، كانادالىق مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ نەچچە مىليارد دوللارلىق سەرمايىسىنى ئالداپ قولغا كەلتۈرگەن-كەلتۈرمىگەنلىكىنى ئېنىقلاشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئەگەر يۇقىرىقى ئەيىبلەش ھەقىقەتەن ئىسپاتلانسا،بۇ كانادا تارىخىدىكى ئەڭ چوڭ ئاكسىيە بازىرى ئالدامچىلىق دېلوسى بولۇپ قالىدۇ.
بۇ يىلنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا، «خىتاي ئورمان شىركىتى» نىڭ خىتايدىكى مەبلىغىنى كۆپتۈرۈپ مەلۇم قىلغانلىقى ئاشكارىلانغان ئىدى. ئونتارىئو شتاتىنىڭ ئاكسىيە بازىرىنى نازارەت قىلىش ئورگىنى ئاۋغۇست ئېيىدا مەزكۇر شىركەتنىڭ ئىقتىسادىي ئالدامچىلىقىغا ئائىت دەلىل-پاكىتلارنى بايقىغانلىقى ۋە بۇ شىركەتنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلىرىنىڭ ساختىپەزلىك قىلمىشلىرىدا بولۇنغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، ئۇنىڭ تورونتو ئاكسىيە بازىرىدىكى سودىسىنى توختاتقانلىقىنى ئېلان قىلغانىدى.
«خىتاي ئورمان شىركىتى» تورونتو ئاكسىيە بازىرىغا كىرگەن، خىتاينىڭ ئەڭ چوڭ شىركەتلىرىدىن بىرى بولۇپ، ئۇنىڭ ئاساسلىق پائالىيىتى خىتاي قۇرۇقلۇقىدا.بۇ شىركەت تورونتودىكى ئاكسىيە بازىرىغا كىرگەندىن كېيىن، خىتاينىڭ ئىقتىسادىي جەھەتتىن دۇنيادا باش كۆتۈرۈۋاتقانلىقىغا ۋە ئۇنىڭ ياغاچ ماتېرىياللارغا بولغان ئېھتىياجىنىڭ ئاشىدىغانلىقىغا ئۈمىد بىلەن قارايدىغان كانادالىق مەبلەغ سالغۇچىلارنى ئۆزىگە جەلپ قىلغان شۇنداقلا شىركەتنىڭ ئەمەلىي بازار قىممىتى قىسقا ۋاقىت ئىچىدە تېز يۈكسىلىپ، 6 مىليارد دوللارغا يەتكەنىدى.
«يەرشارى پوچتىسى» گېزىتىنىڭ مۇستەقىل تەكشۈرۈشىگە قارىغاندا،ئۇلار «خىتاي ئورمان شىركىتى»نىڭ بەزى ئېلىم-سېتىم ئىشلىرىنىڭ ئوچۇق-ئاشكارا ئەمەسلىكىنى ۋە بۇ شىركەتنىڭ خىتايدىكى مەبلەغ ۋە مال مۈلۈكلىرىنىڭ ئەمەلىي قىممىتىنىڭ ئۇلار مەلۇم قىلغان سان بىلەن كۆپ پەرق قىلىدىغانلىقىنى بايقىغان.
مەزكۇر گېزىتنىڭ ئاشكارىلىشىچە، «خىتاي ئورمان شىركىتى» نىڭ ئالدامچىلىق دېلوسىنى تەكشۈرۈۋاتقان خان جەمەتى ساقچى ئىدارىسىنىڭ پۇل-مۇئامىلە ئورگانلىرىنى نازارەت قىلىش ئەترىتى نۆۋەتتە كانادا بىلەن خىتايدىن ئىبارەت ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى مۇساپە، تىل ۋە قانۇن-ئەدلىيە قاتارلىق مەسىلىلەردە تۈرلۈك قىيىنچىلىقلارغا يولۇققان.
كانادا مەتبۇئاتلىرىنىڭ ئەسكەرتىشىچە، تورونتو ئاكسىيە بازىرىغا كىرگەن خىتاينىڭ يەنە بىر چوڭ شىركىتىمۇ مالىيە مەسىلىسىدىكى قالايمىقانچىلىقلار سەۋەبىدىن تەكشۈرۈلمەكتە. ئونتارىئو شتاتىنىڭ ئاكسىيە بازىرىنى نازارەت قىلىش ئورگىنى كىيىم-كېچەك ۋە ئاياق سودىسى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان «زۇڭۇئى» ئىسىملىك بۇ شىركەتنىڭ پاي چېكى بازىرىدىكى بارلىق پائالىيەتلىرىنى توختاتقان ۋە شىركەتنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئىككى نەپەر ئەمەلدارى ئۈستىدىن سوت ئورۇنلىرىغا ئەرز سۇنغان.
كانادا ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ ئالدىنقى كۈنىدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا،نۆۋەتتە «خىتاي ئورمان شىركىتى» نىڭ تەكشۈرۈلۈۋاتقانلىق خەۋىرى ئوتتۇرىغا چىققاندىن كېيىن، ئۇنىڭ بازار قىممىتى ئەسلىدىكى 6 مىليارد دوللاردىن 2 مىليارد 3 يۈز مىليونغا چۈشۈپ قالغان، يەنى بۇ بىر نەچچە ئايدا، بۇ شىركەتنىڭ تەخمىنەن 3.7 مىليارد دوللارلىق قىممىتى ئېرىپ تۈگىگەن.
يېقىنقى يىللاردىن بېرى، خىتاي شىركەتلىرى كانادا بازارلىرىغا كىرگەندىن كېيىن ئىقتىسادىي سەتچىلىكلەرمۇ بارغانسېرى كۆپەيگەن.