ئۇيغۇر سىياسىي پائالىيەتچىلىرى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ سىياسىتىگە تاقابىل تۇرۇش ھەققىدە يېڭى پىكىرلىرىنى يۈرگۈزدى
2011.03.31

چەتئەللەردە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار، بولۇپمۇ ئۇيغۇرلارنىڭ مائارىپ، دىن ۋە كىشىلىك ھوقۇق قاتارلىق سىياسىي ھوقۇقلىرىنى قوغداش ئۈچۈن ئامېرىكا ھەمدە غەرب ئەللىرىدە پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان سىياسىي تەشكىلاتلىرى، ھەمدە ئۇيغۇر زىيالىيلىرى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ قوش تىل مائارىپ سىياسىتى، ئۇيغۇر ياشلىرىنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش باھانىسىدە خىتاي ئۆلكىلىرىگە يۆتكەش، ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي ئەركىنلىكىنى كونترول قىلىش، پىلانلىق تۇغۇت قاتارلىق بىر قاتار سىياسەتلىرىنى يەنىلا ئىزچىل تۈردە، ھەتتا تېخىمۇ كۈچەيتكەن ئاساستا يولغا قويۇۋاتقانلىقىنى خەلقئارا سورۇنلاردا كۈچلۈك ئەيىبلەپ كەلمەكتە.
ئۇيغۇرلارنىڭ سىياسىي تەشكىلاتلىرى ھازىرقى ۋەزىيەتتە، يەنە قانداق يېڭى سىياسىي يۆنىلىش ۋە چارىلەرنى ئىشقا سېلىشى كېرەك؟ ئۇيغۇر زىيالىيلىرىنىڭ بۇ ھەقتىكى يېڭى پىكىر ۋە قاراشلىرى قانداق ؟ بىز بۇ مەسىلىلەر ھەققىدە گېرمانىيىدە ياشاۋاتقان، شەرقىي تۈركىستان مىللىي قۇرۇلتىيىنىڭ سابىق رەئىسى ئەنۋەرجان ئەپەندىنى شۇنىڭدەك تۈركىيىدىكى سىياسىي پائالىيەتچى، شائىر سېيىتنىسا لوقمان خانىمنى زىيارەت قىلدۇق.