گوللاندىيىدە سىياسىي پاناھلىقى رەت قىلىنغان ئۇيغۇرلارنىڭ خىتايغا قايتۇرۇلمايدىغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە

گوللاندىيە سوت مەھكىمىسىنىڭ سىياسىي پاناھلىقى رەت قىلىنغان بىر ئۇيغۇرنى ۋەتىنىگە قايتۇرۇلۇشقا بۇيرۇغانلىق ھۆكۈمنامىسى نارازىلىق قوزغىدى.
ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز پىدائىي
2013.01.09
Gollandiye-panahliq-Lagiri.JPG گوللاندىيىدىكى پاناھلىنىش لاگېرىدىكى ئۇيغۇرلاردىن بىر كۆرۈنۈش. 2013-يىلى يانۋار.
RFA/Pidaiy

2013-يىلى 8-يانۋار گوللاندىيە سىياسىي پاناھلىق ئىدارىسىنىڭ تور بېتىدە گوللاندىيە پاناھلىق ئىشلىرى ئىدارىسى بىلەن گوللاندىيىدىكى خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى بىرلىكتە، گوللاندىيە سوت مەھكىمىسىنىڭ سىياسىي پاناھلىقى رەت قىلىنغان بىر ئۇيغۇرنى ئەتىسى چۈش ۋاقتى سائەت بىردە ۋەتىنىگە قايتۇرۇلۇشقا بۇيرۇغانلىق ھۆكۈمنامىسىگە نارازىلىق بىلدۈرۈپ، گوللاندىيىدىكى ھەرقايسى ساھەلەرنىڭ دىققىتىگە ئۇيغۇرلارنىڭ خىتايغا قايتۇرۇۋېتىلسە بولمايدىغانلىقى بىلەن ئاگاھلاندۇرۇش بەرگەنلىكى مەزمۇن قىلىنغان بىر بايانات ئېلان قىلىنىپ، گوللاندىيە مەتبۇئاتلىرىدا ئۇزۇندىن بىرى تىنچىپ قالغان ئۇيغۇر تېمىسى، قىزىق نۇقتىغا ئايلاندى.

«جۇڭگولۇق پاناھلانغۇچىنىڭ ئىنسانىي ھوقۇقى خەتەر ئاستىدا» ناملىق باياننامىدە: «ۋەتىنىگە قايتۇرۇلىدىغان ئۇيغۇرلارنىڭ بىخەتەرلىكىگە كىم كاپالەت بېرەلەيدۇ؟ كىشىلىك ھوقۇقتىن ئېغىز ئاچقىلى بولمايدىغان جۇڭگودا ئۇيغۇرلار زۇلۇم چەكمەكتە. تۈرمىلەرگە مەھكۇم قىلىنماقتا» دەپ كۆرسىتىلىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆز يۇرتىدا خارلىنىۋاتقان ئىنسان ھەقلىرىگە دائىر ماتېرىياللارنىڭ خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتىنىڭ يىللىق دوكلاتلىرىدا ئېغىر سالماقنى ئىگىلەپ كېلىۋاتقانلىقى ئەسكەرتىلگەن.

باياننامىدە يەنە: «پاناھلانغۇچى ئۇيغۇرلارنى ۋەتىنىگە قايتۇرۇش توختىتىلسۇن!» دەپ خىتاب قىلىنىپ، شۋېتسىيىدىن ۋەتىنىگە قايتۇرۇلغان ئىككى ئۇيغۇرنىڭ خەتەرلىك ئاقىۋىتىدىن ئىبرەت ئالغان شۋېتسىيە ھۆكۈمىتىنىڭمۇ، شۋېتسىيىدىكى بارلىق ئۇيغۇرلارغا شەرتسىز پاناھلىق بېرىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەتىنىگە قايتۇرۇلماسلىقى ھەققىدە ئالاھىدە قانۇن ماقۇللاشقا مەجبۇر قالغانلىقى كۆرسىتىلگەن.

پاناھلىق ئىشلىرى ئىدارىسى ۋە خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتىدىكى تىرىشچانلارنىڭ تۈنۈگۈندىن بىرى توختىماي يول مېڭىپ، تېلېفون قىلىش، ئېلخەت يوللاش ئارقىلىق، مېدىئا ساھەلىرىدە پىكىر پەيدا قىلىشى نەتىجىسىدە، بۈگۈن 9-يانۋار سەھەردىن باشلاپ گوللاندىيىدىكى داڭلىق گېزىت ۋە رادىئولاردا، پاناھلىق تەلىپى رەت قىلىنغان ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەتىنىگە قايتۇرۇلسا بولىدىغان ياكى بولمايدىغانلىقى ھەققىدە كەسكىن مۇنازىرىلەر باشلىنىپ كەتتى.

9-يانۋار گوللاندىيە مەتبۇئاتلىرىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، قايتۇرۇلۇشقا ھۆكۈم قىلىنغان ئۇيغۇرنىڭ قايتۇرۇلمايدىغانلىقى ئەسكەرتىلگەن. نۆۋەتتە پاناھلىق تىلىگۈچى ئۇيغۇرلارنىڭ تەقدىرىنى بەلگىلەشكە ئالاقىدار بەلگىلىمىلەرنىڭ گوللاندىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ئاخىرقى قارارىغا قاراشلىق بولۇپ قالغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن پاناھلىق ئىشلىرى ئىدارىسى ۋە خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى تىرىشچانلىقىنى داۋام قىلماقتا.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.