گوللاندىيىدە يەنە بىر قىز خىتاي كونسۇلخانىسىغا تۇخۇم ئېتىپ نامايىش قىلدى

ھازىر ئېنىقسىز مەلۇماتلارغا كۆرە گوللاندىيىدە سىياسىي پاناھلىقى ھەل بولماي ساقلاۋاتقان ئىلتىجاچى ئۇيغۇرلارنىڭ سانى 200 دىن ئارتۇق دەپ تەخمىن قىلىنماقتا.
ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز پىدائىي
2012-09-20
Share
Dilraba-Ablet-305.jpg سىياسىي پاناھلىق تىلىگۈچىلەرنى تۇتۇپ تۇرۇش لاگېرىدىن چىقىرىۋېتىلگەندىن كىيىن غەمگە پاتقان دىلرەبا ئابلەت خىيال سۈرمەكتە. 2012-يىلى سېنتەبىر، گوللاندىيە.
RFA/Pidaiy

ئۇلاردىن بەزىسى بىر نەچچە يىلدىن بىرى ساقلاش بىلەن كامپلاردا ۋە دالدىلىنىپ تۇرۇۋاتقان يەرلىرىدە ئۈن-تۈنسىز ياشىماقتا. كۆپىنچىسى تەشكىلاتلار بىلەن ئالاقە ئورنىتىپ، قاچان نامايىش تەشكىللەنسە ئاكتىپلىق بىلەن قاتنىشىپ ماتېرىيال توپلاپ، ئادۋوكاتلىرى ئارقىلىق مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارغا يوللاشنىڭ كويىدا تېپىرلىماقتا.

گوللاندىيىدە 6-7 ئايدىن بىرى پارچىلىنىپ كەتكەن بىرلەشمە پارتىيىلەردىن تەشكىللەنگەن ئىجراچى ھۆكۈمەتنىڭ قايتىدىن تەرتىپلىنىشى سەۋەبلىك، خۇددى تىنچ سۇدەك جىمىپ كەتكەن پاناھلىق ئىشلىرى سەبىرگە كۆندۈرۈۋەتكەن ئۇيغۇرلاردىن بەزىسىنىڭ پىغانىنى تاشۇرۇۋەتتىمۇ قانداق، يېقىندا ئىلتىجا تەلىپى رەت قىلىنىپ، كامپتىن ھەيدەپ چىقىرىلغان بىر ئۇيغۇر قىزى خىتاي كونسۇلخانىسىغا تۇخۇم ئېتىپ، شوئار توۋلاپ نامايىش قىلغان. ئۇزۇن ئۆتمەي ساقچىلار كېلىپ مەزكۇر قىزنى تۇتقۇن قىلغان ۋە قىسقىغىنا سوئال-سوراقتىن كېيىن قويۇۋەتكەن.

سىياسىي پاناھلىق تىلىگۈچى دىلرەبا ئابلەت گوللاندىيىدە تۇرۇشلۇق خىتاي كونسۇلخانىسىغا تۇخۇم ئاتماقتا. 2012-يىلى سېنتەبىر، گوللاندىيە.
سىياسىي پاناھلىق تىلىگۈچى دىلرەبا ئابلەت گوللاندىيىدە تۇرۇشلۇق خىتاي كونسۇلخانىسىغا تۇخۇم ئاتماقتا. 2012-يىلى سېنتەبىر، گوللاندىيە.
RFA/Pidaiy

دىلرەبا ئىسىملىك بۇ قىز خىتاي كونسۇلخانىسىنىڭ ئالدىغا نېمە ئۈچۈن باردى؟ ئۇنىڭ نامايىش جەريانى قانداق بولدى؟ ساقچىلار ئۇنى تۇتۇۋالغاندىن كېيىن، نېمە دەپ قويۇپ بەردى؟ ئۇ قورقتىمۇ؟ پۇشايمان قىلدىمۇ؟ ئۇنىڭ ۋاپادار دوستى ئۇنىڭغا قانداق ياردەم قىلدى؟

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن دىلرەبا قىز بىلەن ئۆتكۈزگەن سۆھبىتىمىزنى ئاڭلىغايسىز.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت