ئۇلاردىن بەزىسى بىر نەچچە يىلدىن بىرى ساقلاش بىلەن كامپلاردا ۋە دالدىلىنىپ تۇرۇۋاتقان يەرلىرىدە ئۈن-تۈنسىز ياشىماقتا. كۆپىنچىسى تەشكىلاتلار بىلەن ئالاقە ئورنىتىپ، قاچان نامايىش تەشكىللەنسە ئاكتىپلىق بىلەن قاتنىشىپ ماتېرىيال توپلاپ، ئادۋوكاتلىرى ئارقىلىق مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارغا يوللاشنىڭ كويىدا تېپىرلىماقتا.
گوللاندىيىدە 6-7 ئايدىن بىرى پارچىلىنىپ كەتكەن بىرلەشمە پارتىيىلەردىن تەشكىللەنگەن ئىجراچى ھۆكۈمەتنىڭ قايتىدىن تەرتىپلىنىشى سەۋەبلىك، خۇددى تىنچ سۇدەك جىمىپ كەتكەن پاناھلىق ئىشلىرى سەبىرگە كۆندۈرۈۋەتكەن ئۇيغۇرلاردىن بەزىسىنىڭ پىغانىنى تاشۇرۇۋەتتىمۇ قانداق، يېقىندا ئىلتىجا تەلىپى رەت قىلىنىپ، كامپتىن ھەيدەپ چىقىرىلغان بىر ئۇيغۇر قىزى خىتاي كونسۇلخانىسىغا تۇخۇم ئېتىپ، شوئار توۋلاپ نامايىش قىلغان. ئۇزۇن ئۆتمەي ساقچىلار كېلىپ مەزكۇر قىزنى تۇتقۇن قىلغان ۋە قىسقىغىنا سوئال-سوراقتىن كېيىن قويۇۋەتكەن.

دىلرەبا ئىسىملىك بۇ قىز خىتاي كونسۇلخانىسىنىڭ ئالدىغا نېمە ئۈچۈن باردى؟ ئۇنىڭ نامايىش جەريانى قانداق بولدى؟ ساقچىلار ئۇنى تۇتۇۋالغاندىن كېيىن، نېمە دەپ قويۇپ بەردى؟ ئۇ قورقتىمۇ؟ پۇشايمان قىلدىمۇ؟ ئۇنىڭ ۋاپادار دوستى ئۇنىڭغا قانداق ياردەم قىلدى؟
يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن دىلرەبا قىز بىلەن ئۆتكۈزگەن سۆھبىتىمىزنى ئاڭلىغايسىز.