چەتئەللەردە پاناھلىق تىلىگۈچى ئۇيغۇر ياشلار يولۇقۇۋاتقان مەسىلىلەر ھەققىدە

5-ئىيۇل ۋەقەسىدىن كېيىن گېرمانىيىگە كېلىپ سىياسىي پاناھلىق تىلىگەن قورۇمىغا يەتمىگەن ئۇيغۇر ياش ئۆسمۈرلىرىنىڭ كۆپىيىشى ۋە ئۇلارنىڭ پاناھلىق تىلەش يولىدا ئۇچراۋاتقان مەسىلىلەر گېرمانىيە كۆچمەنلەر ئىدارىسى كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرىنىڭ دىققىتىنى تارتقان.
مۇخبىرىمىز گۈلچېھرە
2012.10.22
5-fewral-germaniye-namayish-2012-305.png سۈرەتتە نورۋېگىيەدىكى نامايىشتىن بىر كۆرۈنۈش
Photo: RFA

گەرچە ئۇيغۇرلار چەتئەللەرگە چىقىش ئۈچۈن كۆپ خىل توسۇقلارنى بۆسۈشكە ھەم نۇرغۇن بەدەللەرنى تۆلەشكە توغرا كەلسىمۇ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان باستۇرۇش سىياسىتى سەۋەبلىك، يۇرت-ماكانى، قوۋم-قېرىنداشلىرى، ئىقتىساد ۋە سۆيگەن كەسىپلىرىنى تەرك ئېتىپ چەتئەللەرگە قېچىپ چىقىۋاتقان ۋە ياكى ئۆزى چىقىپ كېتەلمىسىمۇ، پەرزەنتلىرىنى مىڭ بىر جاپادا چىقىرىۋاتقان ئۇيغۇرلار بارغانچە كۆپەيمەكتە.

گېرمانىيە Karlsruhe شەھىرىدىكى چېگراسىز مىللەتلەر تەشكىلاتى كىشىلىك ھوقۇق مەركىزىدە پاناھلىق تىلىگۈچىلەر خىزمىتى بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان ئامانگۈل ئېزىز خانىم، بولۇپمۇ 5-ئىيۇل ۋەقەسىدىن كېيىن گېرمانىيىگە كېلىپ سىياسىي پاناھلىق تىلىگەن ئۇيغۇرلار ئارىسىدا قورۇمىغا يەتمىگەن ئۇيغۇر ياش ئۆسمۈرلىرىنىڭ كۆپىيىشى ۋە ئۇلارنىڭ پاناھلىق تىلەش يولىدا ئۇچراۋاتقان مەسىلىلەرنىڭ گېرمانىيە كۆچمەنلەر ئىدارىسى كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرىنىڭ دىققىتىنى تارتقان مەسىلىگە ئايلانغانلىقىنى، ئۇيغۇرلارنىمۇ ئەندىشىگە سېلىۋاتقان بىر مەسىلە بولۇپ قالغانلىقىنى بايان قىلدى.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، مەزكۇر مەسىلە ھەققىدە مۇخبىرىمىزنىڭ ئامانگۈل خانىم بىلەن ئۆتكۈزگەن سۆھبىتىنى ئاڭلىغايسىلەر.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.