گوللاندىيىدىكى بىر قىسىم ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەتەنگە قايتىپ كېتىش مەسىلىسى ھەققىدىكى ئىنكاسلىرى

ئالدىنقى پروگراممىلىرىمىزدا گوللاندىيىدىكى ئىلتىجاچى مېھرىبان ئىسىملىك قىزنىڭ ۋەتەنگە قايتىپ كېتىدىغانلىقى ۋە ئۇنىڭ سەۋەبى ھەققىدە ئۇچۇر بېرىلگەن ئىدى.
ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز پىدائىي
2011.12.14

بۇ قىزنىڭ ۋەتىنىگە قايتىپ كېتىش مەسىلىسى ھەققىدە گوللاندىيىدىكى ئۇيغۇر جامائىتى ئارىسىدا تۈرلۈك ئىنكاسلار داۋاملاشماقتا. مېھرىبان ئابلەتنىڭ دېيىشىچە، قايتىپ كېتىش پىلانى ئاشكارىلىنىپ قالغان كۈندىن بۇيان ھەر كۈنى ئونلاپ كىشى ئۇنىڭغا تېلېفون قىلغان، ھەتتا بېزىلەر ئۇنىڭ تۇرۇۋاتقان يېرىگە كېلىپ ئۇنى ئاۋارە قىلغان. مېھرىبان ئابلەت بىلەن تېلېفون سۆھبىتى ئېلىپ بارغان خەلچەم ئىسىملىك بىر خانىم ئۇنىڭ بىلەن قىلىشقان سۆھبىتى ھەققىدە ئۇچۇر بەردى.

مېھرىبان ئابلەت ئۆزىنىڭ ئوقۇش مەقسىتى بىلەن ۋەتەندىن چىققانلىقىنى، ياۋروپادا جىق پۇل تېپىپ باياشات ياشاشنى خىيال قىلغانلىقىنى، ئەمما، سىياسىي پاناھلىق يولىدىكى تۈرلۈك ئۆتكەللەردىن ئۆتۈشكە كۆزى يەتمىگەنلىكتىن، قايتىپ كەتمەكچى بولغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، گوللاندىيىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئۇنىڭغا نىسبەتەن تۇتقان مۇئامىلىسى ۋە ئىنكاسلىرىدىن شىكايەت قىلىپ، ئىلگىرى قايتىپ كەتكەنلەرنىڭ بۇنداق ئاۋارىچىلىككە ئۇچرىمىغانلىقىنى كۆرسىتىپ، ئۆزىنىڭ رىيازەتلىرىنى ناھەق بولدى، دەپ قارىماقتا.

بۇنىڭغا نىسبەتەن بولۇۋاتقان مۇنازىرىلەردە گوللاندىيىدىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى ۋە شەخسلەر ئۆزىگە خاس كۆز قاراشلارغا ئىگە بولماقتا.

ئىلگىرى مۇشۇ لاگېردىن، يەنى مېھرىبان ئابلەت تۇرۇۋاتقان لاگېردىن ئۇيغۇر تېبابىتى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان ئابدۇغېنى ئىسىملىك بىر ئۇيغۇر ۋەتىنىگە قايتىپ كەتكەن بولۇپ، ئىنكاسلارغا ئاساسلانغاندا ئۇ ھازىر ئۈرۈمچىدىكى دۇكىنىنى خاتىرجەم ئېچىپ يۈرگەن ۋە بۇ يەردىكىلەرگە تېلېفون قىلىپ، خاتىرجەم كېلىۋېرىڭلار دېگەنىمىش.

تەپسىلاتىنى يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن ئاڭلىغايسىلەر.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.