سېيىت تارانچى: خىتاي ھۆكۈمىتى ئىزچىل خاتا سىياسەت يۈرگۈزۈۋاتىدۇ

خىتاي ھۆكۈمىتى نۇرغۇنلىغان ئۇيغۇر ياشلارنى ئۆز يۇرتىدا ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ئىمكانىيىتى بار تۇرۇقلۇق خىتاي ئۆلكىلىرىگە يۆتكەپ ئىشقا ئۇرۇنلاشتۇرۇۋاتماقتا.

0:00 / 0:00

يېقىندا، ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتىدە، يوپۇرغا ناھىيىسىدىن 30 نەپەر ياشنى، ئۈرۈمچىدىكى «بەختىيار زىبۇزىننەت بۇيۇملىرىنى ياساش زاۋۇتى» غا ئىشقا قوبۇل قىلىپ يولغا سالغانلىقى، بۇ ئارقىلىق يېزا ياشلىرىنىڭ بېيىش يوللىرىنى كېڭەيتىش، دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇش مەقسىتىگە يەتكىلى بولىدىغانلىقى توغرىسىدا خەۋەر ئېلان قىلىندى.

بۇ ھەقتە مۇلاھىزە يۈرگۈزگەن، ئىستانبۇلدىكى شەرقىي تۈركىستان ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ باشلىقى سىيىت تارانچى ئەپەندى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ 30 نەپەر ئەمەس، بەلكى 30 مىڭ نەپەر ئۇيغۇر ياشنى، ھەتتا ئۇنىڭدىنمۇ كۆپلىگەن ياشلارنى ئۆز ۋەتىنىدە ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ئىمكانىيىتىنىڭ بارلىقىنى، ئەمما ئۇيغۇرلارنى ئاسسىمىلياتسىيە قىلىشنى مەقسەت قىلغان خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ، نەچچە يۈزمىڭلىغان ئۇيغۇر ياشلىرىنى خىتاي ئۆلكىلىرىگە يۆتكەپ ئىزچىل خاتا سىياسەت يۈرگۈزۈۋاتقانلىقىنى، بۇ خەۋەر ئارقىلىق كىشىلەرنىڭ كۆزىنى بوياشقا ئۇرۇنۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

يۇقىرىدىكى ئۇلىنىشتىن مۇخبىرىمىزنىڭ سىيىت تارانچى ئەپەندى بىلەن قىلغان سۆھبىتىنى ئاڭلىغايسىلەر.