' سۈرگۈن ۋە ئۆلۈم ' ناملىق 9 قىسىملىق تېلېۋىزىيە فىلىمنىڭ شەرقىي تۈركىستان قىسمى كۆرسىتىلدى

2009 ‏ - يىلى 3 ‏ - ئاينىڭ 25 ‏ - كۈنى ئىستانبۇل شەھرى زەيتىنبۇرنۇ رايونلۇق ھۆكۈمەت ئىدارىسىنىڭ مەدەنىيەت ۋە سەنئەت يىغىن زالىدا "سۈرگۈن ۋە ئۆلۈم" ناملىق 9 قىسىملىق تېلېۋىزىيە فىلىمنىڭ "شەرقىي تۈركىستان" قىسمى كۆرسىتىلدى.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﺎﺭﺳﻼﻥ
2009.03.26
Surgun-we-olum-305 2009 ‏ - ﻳﯩﻠﻰ 3 ‏ - ﺋﺎﻳﻨﯩﯔ 25 ‏ - ﻛﯜﻧﯩﺪﯨﻜﻰ "ﺳﯜﺭﮔﯜﻥ ﯞﻩ ﺋﯚﻟﯜﻡ" ﻧﺎﻣﻠﯩﻖ 9 ﻗﯩﺴﯩﻤﻠﯩﻖ ﺗﯧﻠﯧﯟﯨﺰﯨﻴﻪ ﻓﯩﻠﯩﻤﻨﯩﯔ "ﺷﻪﺭﻗﯩﻲ ﺗﯜﺭﻛﯩﺴﺘﺎﻥ" ﻗﯩﺴﻤﻰ ﻛﯚﺭﺳﯩﺘﯩﻠﮕﻪﻥ ﺋﯩﺴﺘﺎﻧﺒﯘﻝ ﺷﻪﻫﺮﻯ ﺯﻩﻳﺘﯩﻨﺒﯘﺭﻧﯘ ﺭﺍﻳﻮﻧﻠﯘﻕ ﻫﯚﻛﯜﻣﻪﺕ ﺋﯩﺪﺍﺭﯨﺴﯩﻨﯩﯔ ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﻪﺕ ﯞﻩ ﺳﻪﻧﺌﻪﺕ ﻳﯩﻐﯩﻦ ﺯﺍﻟﯩﻐﺎ ﻓﯩﻠﯩﻤﻨﻰ ﻛﯚﺭﯛﺵ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺗﻮﻟﻐﺎﻥ ﺋﺎﻣﻤﯩﺪﯨﻦ ﺑﯩﺮ ﻛﯚﺭﯛﻧﯜﺵ.
RFA Photo / Arslan

بۇ فىلىمنى كۆرۈشكە پەقەت ئۇيغۇر ‏ - قازاقلار دەۋەت قىلىنغان بولۇپ، فىلىمنى كۆرۈشكە ئىستانبۇل شەھىرىنىڭ ھەر قايسى رايونلىرىدا ياشاۋاتقان ئۇيغۇر - قازاقلاردىن كۆپ ساندا كىشى ئىشتىراك قىلدى.

فىلىم باشلىنىشتىن ئىلگىرى فىلىم ھەققىدە قىسقا ۋاقىتلىق مۇراسىم ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ، مۇراسىمدا زەيتىنبۇرنۇ رايونلۇق شەھەر باشلىقى مۇراد ئايدىن، زەيتىنبۇرنۇ رايونلۇق ھۆكۈمەت مەجلىس ئەزاسى ئىلياس ساكا ۋە شەرقىي تۈركىستان ئاممىۋى تەشكىلاتلارنىڭ مەسئۇللىرى سۆز قىلدى. مۇراسىمدا يەنە شەرقىي تۈركىستان ئاممىۋى تەشكىلاتلارنىڭ نامىدا، بۇ فىلىمنىڭ ئىشلىنىشىگە ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلۈپ ماددى ۋە مەنىۋى جەھەتتىن ھەمكارلىشىپ ياردەم قىلغان زەيتىنبۇرنۇ رايونلۇق شەھەر باشلىقى مۇراد ئايدىنغا تەشەككۈر بىلدۈرۈپ شەرەپ تاختىسى تەقدىم قىلدى.

بۇ فىلىمگە ئەخمەت ئوقۇر ئىسىملىك شەخس رېجىسسورلۇق قىلغان بولۇپ، 9 قىسىمدىن تەركىپ تاپقان بۇ فىلىمنىڭ 7 ‏ - قىسىمى مەخسۇس خىتاي زۇلمىدىن قېچىپ شەرقىي تۈركىستاندىن ھىجرەت قىلغان شەخسلەرنىڭ تۈركىيىگە كۆچۈپ كېلىش سەپەر جەريانىدىكى ئېچىنىشلىق ئەھۋالى، چېگرىدىن ئۆتۈش جەريانىدا خىتاي ئەسكەرلىرىنىڭ توسقۇنلىقىغا ئۇچراپ بېشىدىن ئۆتكەن ئېغىر كۈلپەتلىرى، تاغ ‏ - داۋانلارنى ئېشىشتا تارتقان جاپا ‏ - مۇشاقەتلىرى تەسۋىرلەنگەن.

9 قىسىملىق بۇ تېلېۋىزىيە فىلىمى تارىخىي خاراكتېرلىك بولۇپ، 20 ‏ - ئەسىرنىڭ 30 ۋە 48 ‏ - يىللار ئارىسىدا دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى 9 دۆلەتتىن تۈركىيىگە كۆچۈپ كېلىپ ئولتۇراقلاشقان تۈرك خەلقلەرنىڭ كۆچۈش جەريانىدىكى بېشىدىن ئۆتكەن ئېچىنىشلىق ئەھۋاللىرى تەسۋىرلەنگەن. بۇ فىلىم زەيتىنبۇرنۇ رايونلۇق ھۆكۈمەت ئىدارىسى تەرىپىدىن ئىشلەنگەن بولۇپ پۈتكۈل چىقىملارنى رايونلۇق ھۆكۈمەت ئىدارىسى تەستىقلىغان.

فىلىمنىڭ مۇقەددىمىسى مۇنداق باشلانغان: ھەممەيلەنگە مەلۇم بولغىنىدەك بۈيۈك تۈركىستاننىڭ بىر پارچىسى بولغان شەرقىي تۈركىستان 250 يىلدىن بىرى خىتاي ئىشغالى ئاستىدا، ۋەتىنىمىزنى ئىشغال ئاستىدىن قۇتۇلدۇرۇش ئۈچۈن ئەجدادلىرىمىزنىڭ ئېلىپ بارغان مۇجادىلىرى نەتىجىسىدە ئۇ يەردە ئىككى قېتىم دۆلەت قۇردۇق، ئەمما ئەپسۇسلىنارلىق بىلەن بۇ دۆلەتلەرنىڭ ئۆمرى ئۇزۇن بولمىدى.

بۇ فىلىمدە 130 كىشى رول ئالغان بولۇپ، ئۈچ يىل تىرىشىپ ئىشلەش نەتىجىدە 2008 ‏ - يىلى 2 ‏ - ئايدا رەسمى ئىشلىنىپ بولغان، ئۆتكەن يىلى 2 ‏ - ئايدا بۇ فىلىمنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك ئىشلىنىپ چىققانلىقىنى تەبرىكلەپ ئىستانبۇلنىڭ تاكسىم رايونىغا جايلاش لۇتفى كىردار زالىدا، تۈركىيە مەدەنىيەت ۋە ساياھەت مىنىستىرى ئەرتۇغۇل ساغلامنىڭ ئىشتىراك قىلىشى بىلەن تەبرىكلەش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلگەن ئىدى. بۇ فىلىم ئۆتكەن يىلى تۈركىيىدىكى قانال 7 تېلېۋىزىيىسىدە بىر قېتىم تارقىتىلغان.

بىز بۇ فىلىمنى كۆرگەن بىر قىسىم ئۇيغۇرلار بىلەن ئۇ فىلىم ھەققىدە سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى سۆھبەت خاتىرىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.