سۈرىيە ۋە يەمەندىكى «ئاخىرقى غەلىبە» نامايىشلىرى داۋاملاشماقتا

يەمەندە رەئىس ئابدۇللا سالىھ ھاكىمىيىتىگە قارشى نامايىش داۋام قىلىپ، بارغانسېرى كەسكىنلەشمەكتە.
ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئۆمەرجان
2011.07.01
yemen-namayish-tutqun-305.jpg يەمەن ئەسكەرلىرى نامايىشچىلارنى تۇتقۇن قىلماقتا. 2011-يىلى 20-ئاپرېل.
AFP

يەمەنلىكلەر 2011-يىلى1-ئىيۇل جۈمە كۈنىدىكى نامايىشىنى ئېلى ئابدۇللا سالىھنى تەختتىن چۈشۈرۈپ، ئاخىرقى غەلىبىنى قولغا كەلتۈرۈش چاقىرىقى بىلەن «ئاخىرقى غەلىبە نامايىشى» دەپ ئاتىغان. بۈگۈن يەمەننىڭ ھەر قايسى شەھەر ۋە يېزىلىرىدا ئومۇميۈزلۈك چوڭ نامايىش داۋام قىلدى.

تەھلىلچىلەرگە كۆرە، يەمەن رەئىسى ئېلى ئابدۇللا سالىھنىڭ يەمەندىكى ئىشلار بىلەن ئالاقىسى ئۈزۈلگەن ۋە ئۇ ئۆزىنىڭ ئەھۋالى بىلەن قالغان. يەمەن ھاكىمىيىتى يەمەن رەئىسىنىڭ ئوغلى ۋە تۇغقانلىرىنىڭ ئىدارە قىلىشى بىلەن داۋام قىلماقتا ئىكەن. نامايىشچىلارنى باستۇرۇش، ئۆلتۈرۈش ئىشلىرى يەنە بۇرۇنقىدەكلا داۋام قىلماقتا ئىكەن.

سانئا شەھىرىدىن مۇھەممەد ئابدۇررازىق دېگەن كىشى2011-يىلى1-ئىيۇل كۈنى قاتارنىڭ «ئەل جېزىرە»تېلېۋىزىيە قانىلىغا بەرگەن باياناتىدا مۇندا دېگەن:« ھازىر يەمەندە ئېلى ئابدۇللا سالىھنىڭ تۇغقانلىرى ۋە يانداشلىرىدىن باشقا ھېچكىم ئۇنىڭ ھاكىمىيىتىنى قوغدىمايدۇ. بۇلارنىڭ ئىچىدىنمۇ ھەر كۈنى ئونلارچە كىشى نامايىشچىلارغا قوشۇلماقتا.»

تۈركىيە چېگرىسىدىكى سۈرىيىلىكلەرنىڭ ۋەزىيىتى

 لوندوندا چىقىدىغان «ئوتتۇرا شەرق» گېزىتىنىڭ 2011-يىلى1-ئىيۇل سانىدىكى خەۋىرىگە كۆرە، سۈرىيىدىن جېنىنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن تۈركىيە چېگرىسىغا قاچقانلار شۇ جايدا سۈرىيە رەئىسى بەششار ئەل ئەسەدنىڭ ھاكىمىيەتتىن چۈشۈشىنى تەلەپ قىلىپ چوڭ كۆلەملىك نامايىش ئۇيۇشتۇرغان. ئۇلارمۇ بۇ نامايىشىنى« ئاخىرقى غەلىبە» نامايىشى دەپ ئاتىغان. مۇندىن باشقا يەنە سۈرىيىنىڭ كۆپلىگەن شەھەرلىرىدە جۈمە نامىزىدىن كېيىن چوڭ كۆلەملىك نامايىش باشلانغان. تۈركىيە چېگرىسىدىكىلەر «ئەل جەزىرە» تېلېۋىزىيە قانىلىنىڭ مۇخبىرىغا سۈرىيە ئارمىيىسىنىڭ تۈركىيە چېگرىسىغا يېقىن جايلاردىكى سۈرىيە يېزىلىرىنى ئوققا تۇتۇپ، بەزى يېزىلارنى پۈتۈنلەي كۆيدۈرۈپ تاشلىغانلىقىنى ۋە ئۆزلىرىنىڭ ھاياتىدىن ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقىنى ئېيتقان. بىر تەرەپتىن سۈرىيە ئارمىيىسى چېگرىدىكىلەرنى قايتۇرۇپ كېلىش يولىدا ئۇلارنى تەھدىت قىلماقتا ئىكەن.

سۈرىيىلىكلەر سۆھبەت گۇرۇپپىسى قۇرۇپ چىقتى

شىرزاد شەيخانى دېگەن كىشىنىڭ «ئوتتۇرا شەرق»گېزىتىنىڭ 2011-يىلى1-ئىيۇل كۈنىدىكى سانىدا ئېلان قىلىنغان بىر ماقالىسىدە مۇنداق يېزىلغان: «تۈنۈگۈن سۈرىيە پايتەختى دەمەشىق شەھىرىدە سۈرىيە ھاكىمىيىتىگە قارشى پارتىيىلەر ۋە جامائەتلەر بىرلىشىپ، سۈرىيە ئىچى ۋە سىرتىدىكى مۇھىم شەخسلەرنىڭ ئىشتىراكى بىلەن «سۆھبەت گۇرۇپپىسى» قۇرۇپ چىقتى. بۇ گۇرۇپپىنى قۇرغۇچىلارنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇلار سۈرىيىنى ھەقىقىي دېموكراتىك دۆلەت قىلىپ قۇرۇپ چىقىش ۋە ئىسلاھاتنى تىنچ يول بىلەن ئەمەلگە ئاشۇرۇش يولىدا بۇ گۇرۇپپىنى قۇرغان. ئۇلار سۈرىيە ھاكىمىيىتىنىڭ مەسىلىنى سۆھبەت بىلەن ھەل قىلىش تەكلىپىنى 8 شەرت بىلەن قوبۇل قىلىدىغانلىقىنى ئوچۇق جاكارلىغان. دەمەشىقتە قۇرۇلغان «سۆھبەت گۇرۇپپىسى» تەرىپىدىن قويۇلغان مەزكۇر 8 شەرت بولسا: «سۈرىيە ھۆكۈمىتىنىڭ نامايىشچىلارغا قارشى باستۇرۇشنى دەرھال توختىتىشى، نامايىشچىلارنى قارىلايدىغان تەشۋىقاتلىرىنى توختىتىشى، نامايىش باشلانغان كۈنىدىن بىرى تۈرمىلەرگە قامالغانلارنىڭ ھەممىسىنى قويۇپ بېرىشى، نامايىشچىلارغا ئوق چىقارغانلارنى جازالاش ئۈچۈن مەخسۇس تەكشۈرۈش كومىتېتى قۇرۇپ چىقىشى، سۈرىيىلىكلەرنىڭ تىنچلىق نامايىشىنى ئېتىراپ قىلىشى، سۈرىيە قانۇنىدىكى «سۈرىيىدە مۇتلەق ھاكىمىيەت ھاكىمىيەت ئۈستىدىكى تىرىلىش پارتىيىسىنىڭ قولىدا بولىدۇ» دېگەن 8- ماددىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇشى، قانۇننى ئۆزگەرتىش ئارقىلىق ئىسلاھات ئېلىپ بېرىش ئۈچۈن مۇئەييەن ۋاقىت توختىتىشى » قاتارلىق شەرتلەر ئىكەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.