بۇ ۋەقە ئۇيغۇر ئېلىدىمۇ زور ساراسىم پەيدا قىلغان. "سەنلۇ " سۈت پاراشۇكى ۋەقەسىدە ئۆلگەن بالىلارنىڭ بىرى ئۇيغۇر ئېلىدە بولۇپ، يەرلىك مەتبۇئاتلار كېسەل بالىلارنىڭ سانى ئۈزلۈكسىز كۆپىيىۋاتقانلىقىنى خەۋەر قىلماقتا. دائىرىلەر بولسا ئادۋوكاتلارغا "سەنلۇ سۈت پاراشۇك ۋەقەسىگە مۇناسىۋەتلىك ئەرز - شىكايەت دىلولىرىنى قوبۇل قىلماسلىق "نى يەتكۈزگەن.
ئۇيغۇر ئېلىدە مېلامىن قوشۇلغان سۈت پاراشۇكى ئېچىپ كېسەل بولغان بالىلارنىڭ سانى ئۈزلۈكسىز كۆپىيىۋاتقان بولۇپ، بۇ ئاتا - ئانىلارنى جىددىي ساراسىمغا سالماقتا ۋە رايوندىكى دوختۇرخانىلاردا بۆرەك تەكشۈرۈش قىزغىنلىقى پەيدا قىلماقتا ئىكەن. ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ھۆكۈمىتىنىڭ رەسمىي تور بېكىتى " تەڭرىتاغ" تورىنىڭ پەيشەنبە كۈنى تارقاتقان بۇ ھەقتىكى بىر خەۋىرىدە، 24 - سېنتەبىر سائەت 14:00 كە قەدەر رايوندا 284 نەپەر يېڭى كېسەللىك بايقالغانلىقىنى، بۇنىڭ بىلەن رايوندا بايقالغان كېسەللىكنىڭ 1537 گە يەتكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈلگەن.
خىتايدا بۈگۈنگە قەدەر "سەنلۇ" سۈت پاراشۇكى ئىچىپ كېسەل بولغان بالىلارنىڭ ئومۇمى سانى ئاز دېگەندە 60 مىڭ بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە بۆرىكى زەخمىلەنگەنلىك تۈپەيلى ئۆلگەن 4 نەپەر بالىنىڭ بىرى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ قارا شەھەر ناھىيىسىدىكى بىڭتۈەن 2 - دىۋىزىيىسىنىڭ پۇقراسى ئىدى. "سەنلۇ" سۈت پاراشۇكى ئىچكەنلىك سەۋەبى بۆرىكى زەخمىلەنگەن بۇ بوۋاقنىڭ قارا شەھەردىكى بىڭتۈەن 2 - دىۋىزىيە دوختۇرخانىسىغا ئېلىپ بېرىلغانلىقى ۋە شۇ دوختۇرخانىدا ئۆلگەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە. "تەڭرىتاغ" تورى 18 - سىېنتەبىردىكى خەۋىرىدە، بوۋاقنىڭ ئۆلۈمىگە "مېلامىن قوشۇلغان سەنلۇ سۈت پاراشۇكى ئىچكەنلىك سەۋەب بولغانلىقىنى" ئىلگىرى سۈرگەن، لېكىن ۋەقەنىڭ تەپسىلىي ئەھۋالى توغرىسىدا ئۇچۇر بەرمىگەن ئىدى.
بۇ 11 - سېنتەبىر كۈنى، سەنلۇ سۈت پاراشۇك سەتچىلىكى ئاشكارىلانغاندىن بېرى يۈز بەرگەن ۋە سۈت پاراشۇك ۋەقەسىدە ئۆلگەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلگەن 4 - بالا بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. لېكىن رايوندىكى دوختۇرخانىلار بولسا "سەنلۇ" سۈت پاراشۇك سەتچىلىكى بىلەن مۇناسىۋەتلىك كېسەللەر ئۈستىدە كۆپ توختىلىشنى خالىمايدىغاندەك قىلاتتى.
ئۆزىنىڭ بۇ ۋەقە ئۈستىدە پىكىر بايان قىلالمايدىغانلىقىنى، بۇنىڭغا دوختۇرخانا مەسئۇللىرىنىڭ جاۋاب بېرەلەيدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن قاراشەھەر 2 - دىۋىزىيە دوختۇرخانىسىنىڭ بالىلار بۆلۈمىدىكى بىر دوختۇر خانىم، مۇخبىرىمىزنىڭ بۇ ھەقتىكى سوئاللىرىغا جاۋاب بېرىشنى رەت قىلدى. لېكىن مەزكۇر دوختۇرخانىنىڭ ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمايدىغان بىر كېچىلىك نۆۋەتچى مۇدىرى ئۆلگەن بالا ھەقتىكى خەۋەرلەرنىڭ راستلىقىنى ئىنكار قىلدى.
مەزكۇر دوختۇرخانىدا بىر بوۋاقنىڭ ئۆلگەنلىكىنى، لېكىن ئۆلۈش سەۋەبى سۈت پاراشۇك سەتچىلىكى بىلەن مۇناسىۋەتسىز ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن نۆۋەتچى مۇدىر، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ھۆكۈمەت تورى "تەڭرىتاغ" تور بېكىتىنى خاتا خەۋەر بېرىش بىلەن ئەيىبلىگەن بولسىمۇ، لېكىن مەزكۇر دوختۇرخانىدا ئۆلگەن بوۋاقنىڭ ئۆلۈش سەۋەبىنى چۈشەندۈرۈشنى رەت قىلدى.
ئۇ مۇنداق دەيدۇ": بۇ خەۋىرىدە خاتالىق بار. بۇ خەۋەر ھۆكۈمەت تەرەپنىڭ خەۋىرى بولسىمۇ، ئۇنىڭدا يەنىلا خاتالىق مەۋجۈت. بۇ شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرى بولسىمۇ توغرا ئەمەس. راست، ھۆكۈمەت تەرەپ بەرگەن خەۋەر بولسىمۇ بۇ خاتا . مەن شۇنى ئېيتىپ قوياي, چۈنكى مەن دوختۇرخانىنىڭ باش نۆۋەتچى مەسئۇلى، بۇ كېسەل ئىلگىرى ناھىيىلىك دوختۇرخانىدا ياتقۇزۇلغان. كېيىن بىزنىڭ دوختۇرخانىغا يۆتكەپ كېلىنگەن. ئۇ يۆتكەپ كېلىنىپ 5 سائەتتىن كېيىن ئۆلدى. بۇ ۋاقىت 8 - ئايلارنىڭ ئاخىرى بولسا كېرەك. ئۇ چاغدا تېخى سەنلۇ ۋەقەسى يۈز بەرمىگەن. بۇ مۇخبىرنىڭ خاتالىقى، تەڭرىتاغ تورىنىڭ مۇخبىرى بۇ خەۋەرنى ئۆزگەرتكەن. بۇ ئىش پاراشۇك ۋەقەسى بىلەن بىر ئىش ئەمەس...." بوۋاقنىڭ ئۆلۈش سەۋەبىنى چۈشەندۈرمىگەن دوختۇرخانىنىڭ مەزكۇر مۇدىرى، بۇ ھەقتىكى سوئالىمىزغا بالىنىڭ ئۆلۈش سەۋەبىگە دىئاگنوز قويۇلمىدى، دەپ جاۋاب بەردى. نۆۋەتچى مۇدىر " ئۇ بالا دوختۇرخانىمىزدا ناھايىتى قىسقا ۋاقىت ياتتى. ئۇنىڭغا دىئاگنوز قويۇشقا ئۈلگۈرمىدى. ئۇنىڭ ئۆلۈش سەۋەبى ئېنىقلانمىدى. لېكىن ئۇنىڭ سۈت پاراشۇك ۋەقەسىدە ئۆلمىگەنلىكى مەلۇم " دەيدۇ.
خەۋەرلەرگە قارىغاندا دائىرىلەر 22 كارخانا ئىشلەپچىقارغان 60 نەچچە تۈرلۈك سۈت پاراشوكىنىڭ تىزىملىكىنى ئېلان قىلىپ، تىزىملىكتىكى پاراشۇكنى ئىشلەتكەنلەر بالىلىرىنى تەكشۈرتۈش، تەكشۈرۈلىدىغان بالىلارنىڭ يېشىنى 3 كە قەدەر ئۇزارتىش توغرىسىدا ئۇقتۇرۇش چۈشۈرگەن. بۇ قېتىمقى سەتچىلىك دۇنيادا خىتاي سۈت مەھسۇلاتلىرىنى ئىمپورت قىلىشنى چەكلەش دولقۇنى قوزغىغان بولۇپ، ياۋروپا ئىتتىپاقى خىتاينىڭ سۈت تەركىۋى بار بوۋاقلار يېمەكلىكىنى ئىمپورت قىلىشنى پۈتۈنلەي چەكلىگەن.
ئاسىيادىكى نۇرغۇن دۆلەتلەر خىتاينىڭ سۈت مەھسۇلاتلىرىنى ئىمپورت قىلىشنى توختاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى. رايوندىكى كۈزەتكۈچىلەر بۇ ۋەقەنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە زور ساراسىم پەيدا قىلغانلىقىنى، ئاتا - ئانىلارنىڭ پەرزەنتلىرىنى تەكشۈرتۈش بىلەن ئالدىراش بولۇپ كەتكەنلىكىنى بىلدۈرمەكتە. "شىنجاڭ " تىببىي ئۇنىۋېرسىتېتى قارمىقىدىكى 1 - دوختۇرخانىنىڭ بالىلار بۆلۈمىدىكى بىر دوختۇر خانىم ھەر كۈنى ئاز دېگەندە 100 بالا ئۈستىدە تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ" :ئۈچ بالا بالنىتسىدا ياتقان. ھەر كۈنى 100 دىن 150 كىچە بالىنى تەكشۈرىۋاتىمىز. بىز سالامەتلىكىدە مەسىلە كۆرۈلگەن بالىلارنى داۋالاشقا يوللاۋاتىمىز. ھەر كۈنى 2 - 3 بالىنى يوللايمىز. 100 بالىنىڭ ئىچىدىن ھەر كۈنى كېسىلى بار بالىلاردىن 2 - 3 ى چىقىدۇ. لېكىن ئۇلارنىڭ كۆپ قىسىمى يېنىك كېسەللەر، بۆرەك ئىقتىدارىدا مەسىلە بارلار بايقالسا داۋالاشقا يوللايمىز،" دەپ كۆرسەتتى.
سەھىيە نازارىتى بولسا جايلاردىكى دوختۇرخانىلارغا سۈت پاراشۇك سەتچىلىكى بىلەن مۇناسىۋەتلىك كېسەللەرنى ھەقسىز داۋالاش توغرىسىدا ئۇقتۇرۇش چۈشۈرگەن. لېكىن بۇ داۋالاشنىڭ چەكلىمىسى زادى قانچىلىك بولىدۇ ؟ سالامەتلىكى زەخمىلەنگەن بالىلارنىڭ زىيىنىغا كىم ئىگە بولىدۇ ؟ دېگەن مەسىلىلەر ھېچكىمگە ئايدىڭ ئەمەس.
بۇ ئەھۋالدا ئاتا - ئانىلارنىڭ سۈت پاراشۇكى ئىشلەپچىقىرىدىغان شىركەتلەرگە زىياننى تۆلىتىۋېلىش داۋاسى ئېچىش ئېھتىمالى ئوتتۇرىغا چىققان. لېكىن رادىئومىزنىڭ ئىگىلىشىگە قارىغاندا، خىتاي ئەدلىيە مىنىستىرلىقى بۇ ئەھۋالنىڭ ئالدىنى ئېلىش توغرىسىدا قانۇن مۇلازىمەت ئورگانلىرىغا ھۆججەت چۈشۈرگەن. ئىچكىرىدىكى بەزى خىتاي ئادۋوكاتلار چارشەنبە كۈنى رادىئومىزغا خىتاي ئەدلىيە مىنىستىرلىقىنىڭ قانۇن مۇلازىمەت ئورگانلىرىغا چۈشۈرگەن ھۆججىتىدە سۈت پاراشۇك ۋەقەسى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئەرز - شىكايەتلەر كەلسە قوبۇل قىلماسلىقنى تەلەپ قىلغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
بىر ئادۋوكات " بىزگە ئەدلىيە مىنىستىرلىقى چۈشۈرگەن بۇ ھەقتىكى ھۆججەت كەلدى.... بۇ ھۆججەتنىڭ تەپسىلىي مەزمۇنىنى كۆرۈپ باقمىدىم. لېكىن بۇ توغرىسىدا كۆپ سۆزلىمىسەممۇ بولىدۇ " دەپ تەكىتلىگەن. لېكىن ئۇيغۇر ئىلىدىكى ئادۋوكاتلارنىڭ پوزىتسىيىسى ناھايىتى سەزگۈر بولۇپ، ئۇلار ئەدلىيە دائىرىلىرىنىڭ بۇ ھەقتىكى ھۆججىتىنى كۆرۈپ باقمىغانلىقىنى بىلدۈرمەكتە.
ئۈرۈمچىدىكى ئادۋوكات جاڭ جىخې " سىز دېگەن بۇ ھۆججەتنى بىز تېخى تاپشۇرۇۋالمىدۇق. چۈنكى بىزنىڭ بۇ يەردە بۇ ئىشنىڭ بىر تەرەپ قىلىنىشى ناھايىتى ياخشى . شۇڭا بىزگە بۇ توغرىسىدا يوليورۇق كېلىپ باقمىدى. بىزنىڭ بۇ يەردە قايتۇرۇلۇشقا تېگىشلىك پاراشۇكلار قايتۇرۇلدى. يىغىۋېلىنىشقا تېگىشلىكلەر يىغىۋېلىندى. لېكىن بۇ يەردە ئىشلار ناھايىتى قاتتىق تۇتۇلماقتا،" دەپ كۆرسەتتى.