شۇنداق، شەرقىي تۈركىستاندا ياشاۋاتقان چاغلىرىدا چەكلىمە ۋە شارائىتنىڭ يار بەرمەسلىكى تۈپەيلىدىن ئۆزىنىڭ رادىئو دىكتورى بولۇش ئارزۇسىغا ئېرىشەلمىگەن ياش، ئىقتىدارلىق زىيالىي ئىبراھىم ئىستەمى ئەپەندىلا نورۋېگىيىگە كېلىپ ئۇزۇن ئۆتمەي ئۆز تالانتىنى جارى قىلدۇرۇشقا باشلىدى.
تۇلپارنىڭ چېپىشى ئۈچۈن كەڭرى مەيدان بولىشى كېرەك بولغاندەك، نورۋېگىيە ئۇيغۇر كومىتېتىنىڭ ئىنتېرنېت تور بېتى مەيدانغا كەلتۈرۈلگەندىن كېيىن، بۇ پۇرسەتنى چىڭ تۇتقان ئىبراھىم ئىستەمى ئەپەندى، نورۋېگىيە ئۇيغۇر كومىتېتىنىڭ رەھبەرلىرى ۋە تور بەت باشقۇرغۇچى تېخنىك خادىملارنىڭ زور قوللىشىغا ئېرىشىپ، ئۆزىنىڭ ئەھمىيەتلىك بولغان ئىشتىن سىرتقى دىكتورلۇق خىزمىتىنى باشلىۋەتتى. ئۇ ئالدى بىلەن ۋەتەن ئىچى ۋە چەتئەللەردىكى ئۇيغۇرلار سۆيۈپ ئوقۇغان ، ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابىنىڭ ئالدى - كەينىدىكى پۈتكۈل سىياسى، ئىجتىمائىي ۋە ئىنقىلابى جەريانلار تەپسىلى يورۇتۇپ بېرىلگەن، داڭلىق يازغۇچى زوردۇن سابىرنىڭ "ئانا يۇرت" رومانىنى ئوقۇشنى باشلاپ ئىنتېرنېت رادىئوسى ئارقىلىق كەڭ جامائەتچىلىككە ئاڭلىتىپ زور ئالقىش ۋە ماختاشلارغا سازاۋەر بولدى.
بولۇپمۇ ئۇ رومان ئاڭلىتىش جەريانىدا ئەسەردىكى ھەر خىل پىرسۇناجلارنىڭ دىئالوگلىرىنى كوپ خىل ئۆزگىرىشچان ئاۋاز بىلەن ئىپادىلەپ بۇ ئارقىلىق ئۇلارنىڭ خاراكتېرى ۋە ئوبرازىنى يورۇتۇپ بېرىشتە ئۆزىنىڭ ئالاھىدە تالانتىنى نامايان قىلىپ رادىئو ئاڭلىغۇچىلارنىڭ ياخشى باھاسىغا ئېرىشتى.
ئۆزىنىڭ ئەھمىيەتلىك ئەمگىكى ئارقىلىق ئۇيغۇر خەلقىنىڭ مەنىۋى ھاياتى ئۈچۈن ئۇن - تۈنسىز خىزمەت قىلىپ تۆھپە قوشۇپ كېلىۋاتقان ئىبراھىم ئىستەمى ئەپەندىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ ئەركىنلىكى يولىغا بىر كىشىلىك تۆھپىسىنى قوشۇش غايىسى بەكمۇ بۈيۈك.
نۆۋەتتە ئۇ "ئانا يۇرت" رومانىنى ئوقۇپ تاماملاش ئالدىدا تۇرغان بولۇپ، رومان ئوقۇلۇپ تاماملانغاندا ئۇ نورۋېگىيە ئۇيغۇر كومىتېتىنىڭ تور بەت باشقۇرغۇچىلىرىنىڭ ياردىمىدە ئۇنى ئۈن - سىن لېنتىسىغا ئايلاندۇرۇپ ھەر قايسى جايلارغا تارقىتىپ، ئۇنىڭدىن كىرگەن كىرىمنى تەشكىلاتقا ئىقتىسادى كىرىم سۈپىتىدە ياردەم قىلماقچى بولىۋاتىدۇ.