مەرھۇم كوممۇنار تالىپوفنىڭ 'تارىخ ساۋاقلىرى' ناملىق كىتابى قازاقىستاندا نەشردىن چىقتى

ئۇيغۇر ئالىمى مەرھۇم كوممۇنار تالىپوفنىڭ "تارىخ ساۋاقلىرى" ناملىق كىتابى قازاقىستان "مېر" نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشر قىلىندى.

0:00 / 0:00

ژۇرنالىست يولداش ئازىماتوف تەرىپىدىن نەشرگە تەييارلانغان مەزكۇر توپلامغا، مەرھۇم كوممۇنار تالىپوفنىڭ، ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئازادلىق كۈرىشى ۋە پاجىئەلىك تەقدىرى ھەققىدىكى 15 پارچە ماقالىسى كىرگۈزۈلگەن بولۇپ، 15 - فېۋرال كۈنى ئالماتادا مەزكۇر كىتابنى تونۇشتۇرۇش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلگەن.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.