مۇھەممەتجان ئابدۇللانىڭ دوستلىرىنىڭ رادىئومىزغا يازغان خېتىدىن مەلۇم بولۇشىچە، ئۇ 1977 -يىلى قارامايدا تۇغۇلغان ۋە قارىمايدا چوڭ بولغان. 2001 - يىلى بېيجىڭدىكى ئاخبارات ئۇنىۋېرسىتېتىنى پۈتتۈرگەن. ئاندىن مەركىزى خەلق رادىئو ئىستانسىسىدا 8 يىل مۇخبىر ۋە تەھرىر بولۇپ ئىشلىگەن. ئىشتىن سىرت ۋاقىتلىرىدا، سەلكىن توربېتىنىڭ باشقۇرغۇچىلىرىدىن بىرى بولۇپ ۋەزىپە ئۆتىگەن. ئۇ بۇلتۇر ئۈرۈمچى ۋەقەسىدىن 2 ھەپتە ئۆتكەندە تۇتقۇن قىلىنغان. بۇ يىل 4 -ئايدا ئۈرۈمچىدە ئېچىلغان بىر مەخپىي سوتتا گۈلمىرە ئىمىن قاتارلىق نامايىش يېتەكچىلىرى بىلەن بىرلىكتە مۇددەتسىز قاماققا ھۆكۈم قىلىنغان. بىز مۇھەممەتجان ئابدۇللانىڭ مۇددەتسىز كېسىلگەنلىكى ھەققىدىكى ئۇچۇرنىڭ توغرىلىقىنى ئېنىقلاش ئۈچۈن، ئالدى بىلەن مەركىزى خەلق رادىئو ئىستانسىسىنىڭ كادىرلار بۆلۈمىگە تېلېفون قىلدۇق. مەسئۇل خادىم، ئەھۋالنى باش تەھرىر بۆلۈمىدىن سورىشىمىزنى تەۋسىيە قىلدى. باش تەھرىر بۆلۈمىدىكى مەسئۇل خادىم، مۇھەممەتجان ئابدۇللانىڭ قانۇنغا خىلاپلىق قىلغانلىقىنى، نۆۋەتتە خىزمەت ئورنىدا يوقلۇقىنى، ئۇنىڭ ئەھۋالىنى قانۇن ئورۇنلىرىدىن ئىگىلىشىمىزنى ئېيتتى.
بىز ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئوتتۇرا سوت مەھكىمىسىگە تېلېفون قىلدۇق. سوت خادىملىرى خۇددى بۇرۇنقىغا ئوخشاشلا ئەھۋال ھەققىدە مەلۇمات بېرىشنى رەت قىلدى. بىز ئارقىدىن مەركىزى خەلق رادىئو ئىستانسىنىڭ ئۇيغۇر بۆلۈمىگە تېلېفون قىلدۇق.
مۇھەممەتجاننىڭ دوستلىرىنىڭ رادىئومىزغا يازغان خېتىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، مۇھەممەتجان ئاساسلىقى سەلكىن تور بېتىدە ئېلان قىلغان نادىر تەرجىمە ئەسەرلىرى، مۇھىم تەرجىمە خەۋەرلىرى بىلەن جامائەتچىلىك ئىچىدە تونۇلغان. 26 -ئىيۇن شاۋگۈەندە ۋەقە بولۇپ، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى چەتئەلدىكى ئۇيغۇرلارنى نامايىشقا چاقىرىپ ئۇقتۇرۇش چىقارغاندا، بۇ ئۇقتۇرۇش خىتايچە ACNT دېگەن توربەتتە ئېلان قىلىنغان. مۇھەممەتجان ئابدۇللا بۇ ئۇقتۇرۇشنى خىتايچە توربەتتىن تەرجىمە قىلىپ، سەلكىن توربېتىگە قويۇپ قويغان. مەلۇم بولۇشىچە، مەزكۇر ئۇقتۇرۇشنى تەرجىمە قىلىپ سەلكىن توربېتىگە قويغىنى قۇتراتقۇلۇق دەپ قارالغان ۋە ئۇنىڭغا مۇددەتسىز قاماق جازاسى بېرىشكە ئاساسلىق سەۋەب بولغان. سوتقا قاتناشقان گۇۋاھچىلاردىن بىرىنىڭ، سوتتىكى ئەيىبلىمىلەرگە ئاساسەن، مۇھەممەتجان ئابدۇللانىڭ دوستلىرىغا ئاشكارىلىشىچە، مەمەتجان ئابدۇللا شاۋگۈەن ۋەقەسىدىن كېيىن، بېيجىڭدىكى بىر تۈركۈم چەتئەل مۇخبىرلىرىنىڭ ۋەقە ھەققىدىكى، ۋەقەگە قارىتا ئۇيغۇرلارنىڭ ئىنكاسلىرى ھەققىدىكى سوئاللىرىغا جاۋاب بەرگەن. بۇمۇ ئۇنىڭ بۇ قېتىم سوت جەريانىدىكى ئەيىبلىمىلەرگە پاكىتلاردىن بىرى بولغان.
ئۇ بۇرۇنمۇ توربەتلەردە بىر قىسىم سەزگۈر تېمىلاردىكى خەۋەرلەرنى تەرجىمە قىلغاچقا خىتاي دۆلەت بىخەتەرلىك كۈچلىرىنىڭ دىققەت نۇقتىسىغا ئايلانغان.
مۇھەممەتجان ئابدۇللانىڭ مۇددەتسىز كېسىلگەنلىكىنى ئورۇنلار تېخى مۇئەييەنلەشتۈرمىگەن بولسىمۇ، ئەمما مۇھەممەتجان ئابدۇللا ھەققىدىكى يۇقىرىقى مەلۇماتلار ۋە ئۇيغۇر ئېلىنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتى، ئۇنىڭ مۇددەتسىز كېسىلگەنلىك ئېھتىماللىقىنى كۈچلەندۈرمەكتە.