تېررورلۇققا قارشى ئۇرۇش قىلىش ئىستراتېگىيىسى تارىخقا ئايلىنامدۇ؟

"تېررورلۇققا قارشى ئۇرۇش قىلىش" بۇش ھۆكۈمىتىنىڭ 11 - سېنتەبىر ۋەقەسىدىن كېيىن يولغا قويغان ۋە ئەڭ كۆپ تەنقىدكە ئۇچرىغان ئىستراتېگىيىلىرىدىن بىرى.خىتاي ھۆكۈمىتى ئامېرىكىنىڭ بۇ سىياسىتىنى سۇيىئىستېمال قىلىپ، ئەركىنلىك ۋە مۇستەقىللىق تەلەپ قىلغان ئۇيغۇرلارنى، تېررور بىلەن باغلاپ، قاتتىق باستۇرۇپ كەلدى.

0:00 / 0:00

بۇشنىڭ بۇ ئىستراتېگىيىسى ئەينى ۋاقىتتا ئەنگلىيە ھۆكۈمىتىنىڭمۇ ئەڭ قوللىشىغا ئېرىشكەنىدى. بۇنىڭدىن 5 كۈن ئىلگىرى ئەنگلىيىنىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرى داۋىد مىلىباند "گۋاردىئان" گېزىتىدە ئېلان قىلغان ماقالىسىدە "تېررورغا قارشى ئۇرۇش قىلىش" ئىستراتېگىيىسىنىڭ خاتا بولغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ،ئەنگلىيىنىڭ بۇ سىياسەتتىن قول ئۈزىدىغانلىقىنىڭ بىشارىتىنى بەردى.

ئۇنداقتا، يېڭى بىر ئامېرىكا يارىتىدىغانلىقىنى ۋەدە قىلغان يېڭى پرېزىدېنت باراك ئوبامانىڭ بۇش ھۆكۈمىتى دەۋرىدىكى بۇ ئىستراتېگىيىسىدىن ۋاز كېچىشى مۇمكىنمۇ ؟

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، كانادادىكى ئىختىيارى مۇخبىرىمىز كامىل تۇرسۇننىڭ بۇ ھەقتىكى مۇلاھىزىسىنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.