تۈنۈگۈندىن باشلاپ بۇ يۇرتتا قېلىن قار يېغىپ، ئاپەتكە ئۇچرىغان خەلقنى قۇتقۇزۇشقا تېخىمۇ قىيىنچىلىق تۇغۇلغان بۇنداق ۋاقىتتا، قۇمۇلدىن كەلگەن بىرىنچى تۈركۈم ياردەم - ناۋايخانىلاردا يېقىلغان 35 مىڭ دانە ئۇيغۇر نېنى 2 مىڭ كىلومېتىر يىراقلىقتىن بۇ تىبەت يۇرتىغا يېتىپ كەلدى.
خىتاينىڭ چىڭخەي ئۆلكىسىدىكى يەر تەۋرەشنى ئۆلچەش ۋە ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش قوماندانلىق شتابىنىڭ بۈگۈن ئېلان قىلىشىچە، خىتاينىڭ چىڭخەي ئۆلكىسىگە تەۋە يۈشۇ ناھىيىسىدە 14 - ئاپرىل كۈنى قاتتىق يەر تەۋرەش يۈز بەرگەندىن كېيىن، 20 - ئاپرىل كەچ سائەت يەتتىگە قەدەر ئۆلگەن ئادەم سانى 2064، يارىلانغان ئادەم سانى 12 مىڭ 135، بۇنىڭ ئىچىدە ئېغىر يارىدار 1434. ئىز - دېرەكسىز يوقالغان ئادەم سانى 175.
تىبەت راھىپلىرى سانىغان جەسەت سانى 2300
ئاپەت يۈز بەرگەن كيگۇدو رايونىدا تۇرۇۋاتقان بىر ژۇرنالىستنىڭ بۈگۈن رادىئومىزغا ئېيتىپ بېرىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى 740 جەسەت كۆيدۈرۈلدى دەپ ئېلان قىلغان بولسىمۇ، ئەمما 17 - ئاپرىل كۈنى يەرلىك ئۆرپ - ئادەت بۇيىچە جەسەت كۆيدۈرۈلگەندە، تىبەت راھىپلىرى سانىغان جەسەت سانى 2300. بۇ رايوندا ھازىر ساقىندى يەر تەۋرەش تېخى توختىمىدى.

كۈنلەردىن بۇيان بۇ رايوننىڭ ھاۋا كېلىماتىدا غەلىتە ئۆزگىرىش يۈز بېرىپلا تۇرۇۋاتىدۇ. بىردەم قار ياغسا، بىردەم يامغۇر ياغىدۇ. تۈنۈگۈندىن باشلاپ يەنە قېلىن قار يېغىپ، ئاپەتكە ئۇچرىغان خەلقنى قۇتقۇزۇشقا تېخىمۇ كۆپ قىيىنچىلىق تۇغۇلدى. بۇنداق شارائىتتا پەقەت تىبەت راھىپلىرىلا قېرىنداشلىرىنى قۇتقۇزۇشنى ئۈزلۈكسىز داۋاملاشتۇرۇۋاتىدۇ.
خىتاينىڭ بەزى قۇتقۇزۇش ئەترەتلىرى تىبەت ئېگىزلىكىنىڭ ھاۋا كېلىماتىغا ماسلىشالماي ئىشقا كىرىشەلمىگەن
ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، خىتاينىڭ بەزى قۇتقۇزۇش ئەترەتلىرى بۇ تىبەت ئېگىزلىكىنىڭ ھاۋا كېلىماتىغا ماسلىشالماي ئىشقا ياخشى كىرىشەلمىگەن.
تىبەت ئېگىزلىكىنىڭ ھاۋاسىغا كېلىشەلمەي دېمى سىقىلىپ ئىشلىيەلمىگەن قۇتقۇزۇش ئەترەتلىرىدىن، گۇاڭدۇڭدىن ئەۋەتىلگەن 300 كىشىلىك بىر ئەترەت تۈنۈگۈنلا قايتۇرۇپ كېتىلگەن. ئەمما، ئۆرۈلگەن بىر بۇددا ئىبادەتخانىسىنىڭ تېگىدىن بۈگۈنمۇ يەنە، كۆمۈلۈپ قالغان ئادەملەرنىڭ نالە قىلغان ئاۋازلىرى ئاڭلىنىپ تۇرۇۋاتىدۇ.
بۇ يۇرتتا ھازىر تىبەتلەرگە ھۆكۈمرانلىق قىلىۋاتقان خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ خىزمەت بىنالىرىلا مەۋجۇت
'بوشۈن تور گېزىتى'نىڭ بايان قىلىشىچە، تىبەت ئېگىزلىكىدە يەر تەۋرەش يۈز بەرگىلى 7 كۈن بولدى. تىبەتلەر ئۆزى 'كيگۇدو' رايونى دەپ ئاتايدىغان، ئەمما خىتايلار چىڭخەي ئۆلكىسىنىڭ 'يۈشۇ' ناھىيىسى دەپ ئاتىۋالغان بۇ تىبەت يۇرتىدا، يەرلىك خەلق ئۆيلىرىنىڭ 95% دىن ئارتۇقى، مەكتەپلەرنىڭ 80% تىن ئارتۇقى پۈتۈنلەي ئۆرۈلۈپ خارابىلىققا ئايلانغان.
بۇ خارابىلىقتا ھازىر تىبەتلەرگە ھۆكۈمرانلىق قىلىۋاتقان خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ خىزمەت بىنالىرىلا مەۋجۇت، ئۇ ھازىر بۇ يۇرتتىكى تىبەت مازارلىرىنىڭ مۇئەككەللىرىگە ئوخشاپ قالدى.
خىتاي ھازىر ۋېن جاباۋ بىلەن خۇ جىنتاۋنىڭ ھال سورىغىلى كەلگەنلىكىنى ۋە ھەربىي قىسىملارنىڭ پائالىيەتلىرىنىلا خەۋەر قىلىۋاتىدۇ
ماقالىدە ئېيتىلىشىچە، گەرچە خىتاينىڭ تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى نەق مەيداندىن ئىشلىگەن ۋىدىئو ئۇچۇرلىرىدا، تىبەت راھىپلىرى ئادەم قۇتقۇزۇش ئۈچۈن خارابىلىقلارنى كولاۋاتقاندا، ئەتراپتا قورال تۇتۇپ تۇرۇۋاتقان خىتاي قوراللىق قىسىملىرى، بىرەر جەسەت ياكى تېخىچە ئۆلمىگەن ئادەم بايقالغان ھامان دەرھال سىنئالغۇلىرىنى ئەكىلىپ، ئۆزلىرى قۇتقۇزۇۋالقان قىلىپ رەسىمگە تارتىۋاتقانلىقى ئېنىق كۆرۈنۈپ تۇرسىمۇ، ئەمما خىتاي ئارمىيىسى، قوراللىق قىسىملىرى ۋە قۇتقۇزۇش ئەترەتلىرى ئاپەتكە ئۇچرىغان خەلقنى ئاپەتتىن قۇتقۇزۇۋاتقانلىقىنى، كوممۇنىست خىتاينىڭ باش مىنىستىرى ۋېن جاباۋ ئاپەت يۈز بەرگەن رايوندىن ھال سورىغىلى كەلگەنلىكىنى، 18 - ئاپرىل كۈنى يەنە خىتاي رەئىسى خۇ جىنتاۋ بۇ تىبەت رايونىغا ھال سورىغىلى كەلگەنلىكىنى، 21 - ئاپرىل كۈنى پۈتۈن مەملىكەت بۇيىچە بۇ يۇرتتا ئاپەتكە ئۇچرىغان كىشىلەرگە تەزىيە بىلدۈرۈش مۇراسىمى ئاچىدىغانلىقىنى توختىماي خەۋەر قىلىۋاتىدۇ.
خىتاي دالاي لامانى ئۆز يۇرتىغا كىرگۈزمىدى
بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ كيگودو دىن بايان قىلىشىچە، بۈگۈن راھىبلار خارابىلىقتا كۆمۈلۈپ قالغان 4 ياشلىق بىر قىز بالا ۋە يەنە ياشانغان بىر ئايالنى قۇتقۇزۇۋالدى. بۈگۈن بۇ يۇرتنىڭ تېمپېراتۇرىسى نۆلدىن تۆۋەن 3 سېلسىيە گرادۇس.
خىتاينىڭ چوڭ شەھەرلىرىنىڭ بىرى بولغان شىنىڭ شەھىرىگە يېقىن بولغان بۇ يۇرتتا ئاپەتكە ئۇچرىغان خەلق ھازىر خىتاي ھەربىي قىسىملىرى قۇرۇپ چىققان ئاران بىر كىلومېتىر ئۇزۇنلۇقتىكى بىر چېدىر مەھەللىسىنىلا كۆرۈۋاتىدۇ. گەرچە مۇشۇ يۇرتتا تۇغۇلغان تىبەتلەرنىڭ ھۈرمەتلىك دىنىي داھىسى دالاي لاما ئۆز يۇرتىدىكى قېرىنداشلىرىدىن ھال سوراشنى تەلەپ قىلغان بولسىمۇ، ئەمما خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇنىڭ تەلىپىگە پسەنت قىلماي، بۇ ئارقىلىق ئۆزى ھازىر تىبەتلەر رايونىدا دالاي لامانىڭ داھىلىق رولىنى جارى قىلدۇرۇۋاتقانلىقىنى ئىپادىلىمەكتە.
قۇمۇلدىن نان كەلدى
خىتاي خەۋەر تورىدا ئاشكارىلىنىشىچە، قۇمۇلدىن كەلگەن بىرىنچى تۈركۈم ياردەم - ناۋايخانىلاردا يېقىلغان 35 مىڭ دانە ئۇيغۇر نېنى 2 مىڭ كىلومېتىر يىراقلىقتىن بۇ تىبەت يۇرتىغا يېتىپ كەلدى. بۇ نانلارنى ئەمەرجان كېرەم قاتارلىق 60 نەچچە ناۋاي 17 - ئاپرىل كۈنى ئاپەت خەۋىرىنى ئاڭلىغاندىن كېيىنلا ھارماي - تالماي ئىشلەپ تەييارلىغان.
خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ نانلارغا خىتايچە ماركا چاپلاپ، "يېڭى چېگرا"دىكى 56 مىللەتنىڭ كۆڭلى دەپ ئەۋەتكەن.
يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.