مۇراسىمغا يەنە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى جاڭ چۈنشيەن بىۋاسىتە قاتنىشىپ سۆز قىلغان. ئۇ سۆزىدە مەرھۇم تېيىپجان ئېلىيوپنىڭ ۋەتەنپەرۋەر شائىر ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، شائىرنىڭ "ۋەتەن ھەققىدە غەزەل" ناملىق شېئىرىدىن بىر كوبلىت دېكلاماتسىيە قىلغان. خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ كۈنگە كەلگەندە شائىر تېيىپجان ئېلىيوپنىڭ ۋەتەنپەرۋەرلىك ھەققىدىكى شېئىرلىرىنى كۆككە كۆتۈرۈپ، ئۇنى ۋەتەنپەرۋەرلىك نۇقتىسىدىن تەشۋىق قىلىشى چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر زىيالىيلىرى ئارىسىدا ئوخشىمىغان كۆز قاراشلارنى پەيدا قىلماقتا.
20- دېكابىر كۈنى ئۆزىنىڭ تۈگىمەس ناخشا، ئانا قاتارلىق ئەسەرلىرى بىلەن ئۇيغۇرلارنىڭ قەلبىدىن چوڭقۇر ئورۇن ئالغان مەرھۇم شائىر تېيىپجان ئېلىيوپنىڭ تۇغۇلغانلىقىنىڭ 80 يىللىقىنى خاتىرىلەش مۇراسىمى شىنجاڭ خەلق سارىيىدا ئۆتكۈزۈلگەن. تەڭرىتاغ خەۋەرلەر تورىدا بۇ ھەقتە بېرىلگەن خەۋەردىن مەلۇم بولۇشىچە، مۇراسىمغا ئۇيغۇر ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى جاڭ چۈنشيەن قاتنىشىپ ئېچىلىش سۆزى قىلغان بولۇپ، ئۇ سۆزىدە تېيىپجان ئېلىيوپنىڭ ۋەتەنپەرۋەر شائىر ئىكەنلىكىنى، ئۇنىڭ ئەسەرلىرىنىڭ جۇڭخۇا خەلقىنىڭ مەنىۋى بايلىقى ئىكەنلىكىنى، باشقا بارلىق سەنئەتكارلارنىڭمۇ سەنئەت ئارقىلىق دەۋر روھىنى مەدھىيىلەيدىغان، شىنجاڭچە ئالاھىدىلىك گەۋدىلەندۈرۈلگەن، ئىسلاھات ئېچىۋېتىشكە ماسلىشىدىغان ئەسەرلەرنى كۆپلەپ ئوتتۇرىغا چىقىرىشىنى تەلەپ قىلغان.
مۇراسىمدا شىنجاڭ پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئوقۇغۇچىلىرى خىتاي تىلىدا شائىرنىڭ ۋەتەن ھەققىدە غەزەل ناملىق شېئىرىنى دېكلاماتسىيە قىلغان. جاڭ چۈنشيەن ئۆزىمۇ بۇ شېئىردىن بىر كۇپلېت دېكلاماتسىيە قىلغان. بۇ ھەقتىكى خەۋەرلەر بولسا ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئۇيغۇرچە ۋە خىتايچە مەتبۇئاتلاردا كەڭ تەشۋىقات قىلىنغان. ئۇنداقتا نېمىشقا بۇ كۈنگە كەلگەندە شائىر تېيىپجان ئېلىيوپنىڭ تۇغۇلغانلىقىنىڭ 80 يىللىق خاتىرە كۈنىنى خاتىرىلەش خىتاي دائىرىلىرى تەرىپىدىن شۇنچە چوڭ ئىش بولۇپ قالىدۇ، تېيىپجان ئېلىيوپ قانداق شائىر ئىدى. چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر زىيالىيلىرى بۇ ھەقتە ئوخشىمىغان كۆز قاراشلارغا ئىگە. بۇ ھەقتە بىز ئالدى بىلەن ئۇيغۇرلار ئارىسىدا تونۇلغان شۇنداقلا مەرھۇم تېيىپجان ئېلىيوپ بىلەن زامانداش بولغان شائىرەلەردىن ھازىر تۈركىيىدە ياشاۋاتقان زەينۇرە ئەيسا خانىمنى زىيارەت قىلدۇق.
بىز يەنە تۈركىيە ئەگە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى پروفېسسور دوكتور ئالىمجان ئىنايەت ئەپەندى بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق. ئالىمجان ئىنايەت ئەپەندى شائىر تېيىپجان ئېلىيوپقا باھا بەردى.
ئالىمجان ئىنايەت ئەپەندىنىڭ ئېيتىشىچە، خىتاي كومپارتىيىسىنى مەدھىيىلەيدىغان بۇنىڭدەك شېئىرلارنى ئەينى ۋاقىتتىكى باشقا شائىرلارمۇ يازغان بولۇپ، بۇنداق بولۇشى شۇ دەۋردىكى شارائىت بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك ئىكەن.
ئالىمجان ئىنايەت ئەپەندىنىڭ ئېيتىشىچە، خىتاي ھاكىمىيىتى ئۇيغۇرلارنىڭ داڭلىق شائىرلىرىغا ھېچقاچان ئىشەنمىگەنلىكىنى، ئۇلارنىڭ نۇرغۇن رىيازەتلەرنى چەككەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ ھازىرقى تەشۋىقاتىنىڭ بىر كۆز بويامچىلىقتىن باشقا نەرسە ئەمەسلىكىنى ئېيتتى.