خىتاي دائىرىلىرى يېقىندىن بۇيان ئۇيغۇر رايونىدا مۇقىملىقنى ساقلاش نامىدا خىلمۇ-خىل تەدبىرلەرنى ئېلىشقا باشلىماقتا. رادىئومىز مەكىت ناھىيىسىدىكى كوچا ئېغىزلىرىغا ئورنىتىلغان تۆمۈر دەرۋازىلار ھەققىدىكى ئۇچۇرغا ئاساسەن مەكىتكە تېلېفون قىلىپ ئەھۋال ئىگىلىدۇق.
ئۆز كىملىكىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان بىر ئوقۇتقۇچىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ يىل ئەتىيازدىن باشلاپلا ناھىيىدە «مۇقىملىقنى ساقلاش، بىخەتەرلىككە كاپالەتلىك قىلىش» نامىدا پۈتكۈل ناھىيىدىكى ئوقۇتقۇچى، ئىشچى، خىزمەتچىلەر ئۆز خىزمەت ئورۇنلىرىدا نۆۋەتچىلىككە ئورۇنلاشتۇرۇلغان. مەكتەپ، ئىدارە ئورگانلىرى ئىشىكلىرىگە قارايدىغان كۆزەتچىلەرگە ئۇقتۇرۇش چۈشۈرۈپ، ھەرقانداق گۇمانلىق كىشىنىڭ مەكتەپ دەرۋازىسىدىن كىرىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش، بالىلىرىنى مەكتەپتىن ئېلىۋالغۇچى ئاتا-ئانىلارنىڭمۇ مەكتەپ ئىچىگە خالىغانچە كىرىشىگە رۇخسەت قىلماسلىق تەلەپ قىلىنغان.
بۇ ئوقۇتقۇچىدىن مەكىتتىكى كوچا ئېغىزلىرىدىكى دەرۋازىلارنىڭ قاچاندىن باشلاپ ئورنىتىلغانلىقىنى ھەم قانداق جايلاردا دەرۋازا بارلىقىنى سورىغىنىمىزدا، ئۇ بىزگە بۇ خىل دەرۋازىلارنىڭ ئاساسەن ئۇيغۇرلار زىچ ئولتۇراقلاشقان مەھەللە ئېغىزلىرىغا ئورنىتىلغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، بۇ ئەھۋال مەكىتتىكى ئۇيغۇرلارنى بىئارام قىلغان بولسىمۇ، ئەمما ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆز نارازىلىقىنى ئاشكارا ئىپادىلەشكە ئامالسىز ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.
خىتاي ئۆلكىلىرىدە ئوقۇۋاتقان بىر ئوقۇغۇچىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۆزى يازلىق تەتىل مەزگىلىدە ساياھەتتە بولغان قەشقەر، خوتەن قاتارلىق جايلاردا بىخەتەرلىك تەدبىرلىرى كۈچەيتىلگەن بولۇپ، 5-ئىيۇل ۋەقەسىدىن بۇيان شەھەر كوچىلىرىدا تۆتتىن -بەشتىن بولۇپ چارلاشقا چىقىدىغان قوراللىق ساقچىلار ھەم كېچىسى شەھەر كوچىلىرىنى ئايلىنىپ يۈرىدىغان ساقچى ئاپتوموبىللىرىغا قارىتا ئۇيغۇرلاردا پەرۋا قىلمايدىغان كەيپىيات شەكىللەنگەن. ئوتتۇرا مەكتەپتىن باشلاپلا خىتاي ئۆلكىلىرىدىكى شىنجاڭ سىنىپىدا ئوقۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن بۇ ئوقۇغۇچى، يەنە ئۆزى ئوقۇۋاتقان شەھەردىكى تۇڭگان قاتارلىق مۇسۇلمانلارنىڭ مەسچىتلەرگە ئازادە كىرىپ ئىبادەت قىلىدىغانلىقىنى، ئەمما جەنۇبىي ئۇيغۇر ئېلىدىكى ناھىيە، ۋىلايەتلەردە بۇ ئىمكانىيەتنىڭ يوقلۇقىنى ئىلگىرى سۈردى. بۇ ئوقۇغۇچى بۇ يىل يازلىق تەتىلدە يۇرتىغا بارغىنىدا، دەم ئېلىشقا چىققان دادىسىنىڭ جۈمە نامىزىنى ئۆيدە ئوقۇغانلىقىنى بايان قىلىپ، بۇ يىل يازلىق تەتىلدە يۇرتقا بېرىپ قايتىپ كەلگەندىن كېيىن، ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان چەكلىمە ۋە بېسىملارنىڭ ئىلگىرىكىدىنمۇ كۈچەيتىلگەنلىكىنى ھېس قىلغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئامېرىكىدىكى ئۇيغۇر زىيالىيسى، سىياسىي ئانالىزچى ئېلشات ئەپەندى مەكىت كوچىلىرىدىكى تۆمۈر دەرۋازىلارنىڭ ھۆكۈمەت دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان باستۇرۇش سىياسىتىنىڭ تېخىمۇ ئاشقانلىقى، ئۇيغۇرلارنىڭمۇ قارشىلىق ھەرىكەتلىرىنىڭ كۈچەيگەنلىكىنىڭ ئىپادىسى ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.
ئېلشات ئەپەندى يەنە، كوچا ئېغىزلىرىغا ئورنىتىلغان دەرۋازىلارنىڭ ئۇيغۇر مەھەللىلىرىنى ئۈستى ئوچۇق تۈرمىگە ئايلاندۇرۇش مەقسىتىدە ئورنىتىلغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، بۇ دەرۋازىلارنىڭ 2-دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدىكى گىتلېر گېرمانىيىسىنىڭ پولشادا يەھۇدىيلارغا قاراتقان سىياسىتى ھەم ياپونىيىنىڭ 2-دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە خىتاي مەھەللىلىرىنى كونترول قىلىش ئۇسۇلىنى ئەسكە سالغانلىقىنى بىلدۈردى.
مەكىتتىكى كوچا ئېغىزلىرىغا ئورنىتىلغان تۆمۈر دەرۋازىلار ھەققىدىكى خەۋەرنى ئۇيغۇربىز تورىنىڭ خەلقئارا تور بېكىتىدە كۆرگەندىن كېيىنكى تەسىراتىنى بىلدۈرگەن، «بېيجىڭ باھارى» ژۇرنىلىنىڭ باش مۇھەررىرى خۇ پىڭ ئەپەندى بۇنى خىتاي ھۆكۈمەت دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇر رايونىدا مۇقىم، تىنچ ۋەزىيەت بەرپا قىلىشقا بولغان ئىشەنچىنىڭ بارغانچە ئاجىزلاپ كېتىۋاتقانلىقىنىڭ بىر مىسالى دېيىشكە بولىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
خۇ پىڭ ئەپەندى مۇنداق دېدى:
-مەن ئۇيغۇر بىز تورىدا مەكىتتىكى كوچا ئېغىزلىرىغا ئورنىتىلغان تۆمۈر دەرۋازىلار ھەققىدىكى خەۋەرنى كۆرگىنىمدە ھەيران قالمىدىم. چۈنكى بۇ يەردىكى مۇقىمسىز ۋەزىيەت ھۆكۈمەت دائىرىلىرىنى ئەندىشىگە سالماقتا. تۈنۈگۈن يەنە خوڭكوڭ ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدە ئېلان قىلىنغان 19-ئۆكتەبىر كورلىدا يۈز بەرگەن ئۈچ نەپەر ئۇيغۇرنىڭ ساقچىخانىغا ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى ھەققىدىكى خەۋەرنىمۇ كۆردۈم. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، بۇ خىل ھۇجۇم قىلىش ۋەقەلىرى توختىماي يۈز بېرىۋاتىدۇ، بولۇپمۇ 5-ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسىدىن بۇيان ئۇيغۇر رايونىدا توختىماي يۈز بېرىۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى ۋە كۆچمەن خىتاي پۇقرالىرىغا قىلغان ھۇجۇم خاراكتېرلىك قارشىلىق ھەرىكەتلىرى بارغانچە كۆپەيدى. بۇ ئەھۋاللار رايوندىكى خىتاي دائىرىلىرىنى ساراسىمىگە سېلىپ، دائىرىلەرنىڭ ئۆزىگە بولغان ئىشەنچىنى يوقاتماقتا. ئەنە شۇنداق بولغىنى ئۈچۈن، دائىرىلەر تۈرلۈك چارە-تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، رايوندا تىنچ، مۇقىم ۋەزىيەت بەرپا قىلىشقا ئۇرۇنۇۋاتىدۇ. ئەمما بۇ خىل باستۇرۇش ۋە كونتروللۇق كۈچەيگەنسېرى رايوندىكى نارازىلىق ۋە قارشىلىق ھەرىكەتلىرى تېخىمۇ كۆپىيىشى مۇمكىن.
خوڭكوڭدا چىقىدىغان «شەرق گېزىتى» نىڭ خەۋىرىدە بايان قىلىنىشىچە، 19-ئۆكتەبىر كۈنى كورلىدا يۈز بەرگەن ساقچىخانىغا ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى، كورلا شەھىرىنىڭ ئىتتىپاق يولى ساقچى پونكىتىدا يۈز بەرگەن. خەۋەردە دېيىلىشىچە، ساقچى پونكىتىغا 3 كىشى ھۇجۇم قىلغان بولۇپ، ھۇجۇمچىلار ئاۋۋال ساقچىنىڭ قولىدىكى ئاپتوماتنى تارتىۋالغان ھەم ئاز دېگەندە 2 ساقچىنى يارىلاندۇرغان. بىراق ھۇجۇمچىلاردىن بىرى ئېتىپ ئۆلتۈرۈلۈپ، بىرى يارىلانغان. يەنە بىر ھۇجۇمچى بولسا قېچىپ كەتكەن. رادىئومىز مۇخبىرلىرى نۆۋەتتە كورلىدا يۈز بەرگەن ۋەقە ھەققىدە تېخىمۇ ئىلگىرىلەپ مەلۇمات ئېلىشقا تىرىشماقتا.
خۇ پىڭ ئەپەندى سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ،يېقىندىن بۇيان ئۇيغۇر ئېلىدە بارغانچە كۆپىيىۋاتقان ساقچىخانىلارغا ھەمدە خىتاي پۇقرالىرىغا ھۇجۇم قىلىش ۋەقەلىرىنىڭ خىتاي دائىرىلىرىنىڭ رايوندىكى كونتروللۇقىنى كۈچەيتىش ئۈچۈن،مەھەللە ئېغىزلىرىغا دەرۋازا ئورناتقاندىن باشقا يەنە تېخىمۇ كۆپ خىل كونترول قىلىش ئۇسۇللىرىنى قوللىنىشىغا سەۋەب بۆلىشى مۇمكىنلىكىنى تەكىتلىدى.