بۇنىڭ بىلەن مەزكۇر يېزىدىكى 560 نوپۇسلۇق 84 چارۋىچى ئائىلىسى ھايات يولىدىن ئايرىلىپ قالغان. مەلۇم بولۇشىچە، مەزكۇر يايلاق ئاساسلىقى، خىتاي ئىشلەپچىقىرىش قۇرۇلۇش ئارمىيىسىنىڭ ئۈرۈمچىگە ماكانلاشقان 12 دېۋىزىيىسىگە قاراشلىق 104-پولكى تەرىپىدىن ئىگىلىۋېلىنغان. نۆۋەتتە خىتاي كۆچمەنلىرى بۇ جايدا كۆمۈر كان ئىشلەپچىقىرىشى ۋە تۈرلۈك سودا سانائەت ئىشلىرى بىلەن مەشغۇل. يەر ئىگىلىرى بولغان بۇ 84 ئائىلىلىك ئۇيغۇرغا ھېچقانداق تۆلەم بېرىلمىگەن.
يېقىنقى 20 نەچچە يىل ئىچىدە ئۈرۈمچى نوپۇسىنىڭ تېز كۆپىيىشى، بولۇپمۇ خىتاي سودا-سانائەتچىلىرىنىڭ ئۈرۈمچى شەھەر مەركىزىدىن سىرتقا قاراپ كېڭىيىشى نەتىجىسىدە، توقسۇن ناھىيىسىنىڭ ئۈرۈمچىگە چېگرىداش جايلىرىدىكى يايلاقلار بارا-بارا خىتاي كۆچمەنلىرىنىڭ قولىغا ئۆتۈپ كەتكەن. مەلۇم بولۇشىچە، بۇ جەريان دەسلەپتە پەقەت خىتاي سودا-كارخانىچىلارنىڭ زوراۋانلىقى ۋە شۇ جايدىكى 104-پولكنىڭ كۈشكۈرتۈشى بىلەن بولغان بولسا، 2008-يىلىغا كەلگەندە، ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەت بۇ ھەقتە «88-نومۇرلۇق ھۆججەت» چۈشۈرۈپ، توقسۇن چارۋىچىلىرىنى مەزكۇر يايلاقلارنى بوشىتىشقا بۇيرۇغان. ئەمما يەرلىك دائىرىلەر بۇ سىرلىق ھۆججەتنىڭ تەپسىلىي مەزمۇنىنى، زىيانكەشلىككە ئۇچرىغان ئۇيغۇر چارۋىچىلاردىن ھازىرغىچە يوشۇرۇپ كەلگەن.
يەنە مەلۇم بولۇشىچە، غولبۇيى يېزىلىق ھۆكۈمەت نۆۋەتتە 410 مىڭ مو يايلاق مەسىلىسىدە، ئۇيغۇر چارۋىچىلار تەرەپتە تۇرۇش ياكى خىتاي كۆچمەنلىرىنىڭ مەنپەئىتى تەرەپتە تۇرۇشتا تېڭىرقىماقتا.
مەزكۇر 84 ئۇيغۇر ئائىلىسىنىڭ ۋەكىلىنىڭ بۇ ھەقتىكى مەلۇماتلىرىنى يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن ئاڭلىغايسىلەر.