د ئۇ ق خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ پىلانلىشىدىكى تور ھۇجۇمى كۈچەيگەنلىكى ھەققىدە ئاگاھلاندۇردى
2012.09.06
قۇرۇلتاينىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، يېقىندىن بۇيان تەشكىلات ۋە شەخسلەرگە بەزى قۇرۇلتاي رەھبەرلىرىنىڭ نامىدىن ۋىرۇس قاچىلانغان ئېلخەت يوللانغان بولۇپ، بەزى ئېلخەتلەر ئۇلارنىڭ ئېلخەت ئادرېسىغا تەقلىد قىلىپ ياسالغان ئادرېسلار بىلەن سېلىنغان.
ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرىگە، ئاممىۋى تەشكىلات ۋە خەلقئارا ئورگانلارغا يوللانغان بۇ خىل ئېلخەتلەرنىڭ ئاز دېگەندە 4 خىل ۋارىيانتى بايقالغان بولۇپ، بۇ ئېلخەتلەرنىڭ مەزمۇنى د ئۇ ق نىڭ يېقىندا گوللاندىيىدە چاقىرىلماقچى بولغان ئىجرائىيە كومىتېتى يىغىنىغا ئوخشاش، تەشكىلاتنىڭ نۆۋەتتىكى خىزمەت كۈنتەرتىپىگە مۇناسىۋەتلىك ئىشلارنى تېما قىلغان. د ئۇ ق باياناتتا ئەسكەرتىشىچە، ئۇلار بۇ قېتىمقى تور ھۇجۇمىنىڭ بۇرۇنقى ھۇجۇملار بىلەن بولغان ئوخشاشلىقى، ئۇنىڭ كۆپ تەرەپلىمىلىك ئالاھىدىلىكىگە قاراپ، د ئۇ ق نىڭ خىزمىتىگە بۇزغۇنچىلىق قىلىش مەقسەت قىلغان بۇ ھۇجۇمدا خىتاي دۆلىتىنىڭ قولى بارلىقىغا ئىشىنىدۇ.
باياناتتا، بۇ خىل ئېلخەتلەر خىتاينىڭ د ئۇ ق ۋە باشقا ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى ۋە چەتئەلدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئاساسىي كىشىلىك ھوقۇقىغا كاپالەتلىك قىلىش ۋە ئالغا سۈرۈشنى مەقسەت قىلغان تىنچ پائالىيەتلىرىنى تەقىب قىلىش ھەرىكىتى كىشىنى پەۋقۇلئاددە ئەندىشىگە سالىدىغان ئەھۋالغا بېرىپ يەتكەنلىكىدىن دېرەك بېرىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن.
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ ئىجرائىيە كومىتېتى رەئىسى دولقۇن ئەيسا بۇ قېتىملىق تور ھۇجۇمى ھەققىدە توختىلىپ، بۇ خىل ھۇجۇملارنىڭ قەرەللىك ئېلىپ بېرىلىدىغانلىقى، د ئۇ ق مۇھىم پائالىيەت ئورۇنلاشتۇرغان مەزگىللىرىدە ياكى زور ۋەقە يۈز بەرگەن ۋاقىتلاردا كۆپىيىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئۇنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، بۇ قېتىمقى ھۇجۇم د ئۇق نىڭ يېقىندا گوللاندىيىدە چاقىرىلىدىغان ئىجرائىيە كومىتېتى يىغىنى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇشى مۇمكىن. ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتى رەھبىرى، د ئۇ ق رەئىسى رابىيە قادىر خانىم د ئۇ ق ئىجرائىيە كومىتېتىنى گوللاندىيە پايتەختى ئامىستېردامدا پەۋقۇلئاددە يىغىنغا چاقىرغان. يىغىننىڭ 21-ئاۋغۇست باشلىنىپ، 3 كۈن ئېچىلىدىغانلىقى ئېلان قىلىنغان ئىدى.
د ئۇ ق غا قارىتىلغان تور ھۇجۇمى بۇ يىل 6-ئايدا بىر قېتىم كۈچەيگەن. شۇ قېتىمقى ھۇجۇم د ئۇ ق نىڭ ياپونىيىدە 4-نۆۋەتلىك قۇرۇلتىيى چاقىرىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ قاتتىق نارازىلىقىنى قوزغىغان مەزگىلگە توغرا كەلگەن ئىدى.
6-ئايدىكى تور ھۇجۇمىنى ئامېرىكىدىكى كاسپەرىسكي لابوراتورىيىسى، ناملىق بىر تور بىخەتەرلىك شىركىتى بايقىغان. مەزكۇر ئورۇن 7-ئاينىڭ باشلىرى ئېلان قىلغان دوكلاتتا كۆرسىتىلىشىچە، مەزكۇر شىركەتنىڭ مۇتەخەسسىسلىرى 6-ئاينىڭ 27 -كۈنى ئالما كومپيۇتېر مەشغۇلات سىستېمىسىغا قارىتىلغان تور ھۇجۇمىنى توسۇپ قالغان. ھۇجۇم ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرىنى نىشان قىلغان بولۇپ، بۇ كومپيۇتېر ساھەسىدىكىلەر «ئىلغار ئۈزلۈكسىز تەھدىت» دەپ ئاتايدىغان ۋىرۇس ھۇجۇمىنىڭ بىر قىسمى.
كالپەرسىكىي لابوراتورىيىسىنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، «ئىلغار ئۈزلۈكسىز تەھدىت» ناملىق ۋىرۇس ھۇجۇمى ئېلىپ بارغۇچى توربۇزارلىرى، ئالما كومپيۇتېرى ئىشلىتىدىغان بىر قىسىم ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرىنى تاللاپ، ئۇلارغا خاسلاشتۇرۇلغان ئېلخەت يوللىغان. بۇ ئېلخەتلەرگە ۋىرۇسلۇق ھۆججەتلەر قىستۇرۇلغان. ئۇ ئالما كومپيۇتېر مەشغۇلات سىستېمىسىدىن سۈڭگۈچ ئېچىپ ئۇچۇر ئوغرىلاش ئىقتىدارىغا ئىگە. دوكلاتتا، بۇ ۋىرۇسنىڭ ئۆزىنى نىقابلاش ئۈچۈن بەزىدە رەسىملەرگە قىستۇرۇلۇپ يوللىنىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
خىتاينىڭ بۇ خىل تور ھۇجۇملىرىدىن زادى قانچىلىك مەخپىي خەت-چەك ۋە ھۆججەتلەرنى ئوغرىلاپ كەتكەنلىكى مەلۇم ئەمەس. د ئۇ ق ئىجرائىيە كومىتېتى رەئىسى دولقۇن ئەيسا، گەرچە مەزكۇر تەشكىلات ھەر خىل بىخەتەرلىك تەدبىرلىرىنى ئېلىپ، تور ھۇجۇمىنىڭ بۇزغۇنچىلىقىدىن ساقلىنىشقا تىرىشىپ كەلگەن بولسىمۇ، بىراق تور ھۇجۇمىنى پۈتۈنلەي توسۇپ قېلىش ئىمكانىيىتى يوقلۇقىنى بىلدۈردى.
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى پەيشەنبە كۈنى ئېلان قىلغان باياناتىدا يەنە، قۇرۇلتاي نامىدا ئېلخەت تاپشۇرۇۋالغان كىشىلەرنى ئېھتىياتچان بولۇشقا ئاگاھلاندۇرۇپ، ئۇنىڭ راست ياكى ساختىلىقىنى ئېنىقلاپ ئېچىشقا چاقىرغان.
د ئۇ ق نىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، بۇ ئۇيغۇر ۋە تىبەت ۋە باشقا خىتاي كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرىنىڭ ئېلخەت ساندۇقىنىڭ تۇنجى قېتىم بۇ خىل ۋىرۇسنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىشى ئەمەس. 2011-يىلى 6-ۋە 7-ئايلاردا د ئۇ ق نىڭ تور بېكىتى تور ھۇجۇمىغا ئۇچراپ، ئېغىر بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىغان. تور بېكىتى پۈتۈنلەي تاقىلىپ قالغان ئىدى. تور ھۇجۇمى تور بېكىتى بىلەن چەكلىنىپ قالمىغان. د ئۇ ق ئىشخانا تېلېفونى ۋە يانفون نومۇرى كاشىلىغا ئۇچراپ، د ئۇ ق نىڭ ئېلخەت ساندۇقى ئىككى كۈن ئىچىدە نەچچە مىڭ ئەخلەت يوللانمىلار بىلەن توشقۇزۇۋېتىلگەن.
دولقۇن ئەيسا، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىغا تور ھۇجۇمى قوزغاپ، ئۇيغۇرلارنىڭ ئۇچۇر ئېلىش ئەركىنلىكى ۋە خەلقئارا قانۇنلارغا بۇزغۇنچىلىق قىلىۋاتقانلىقى، دۇنيا جامائەتچىلىكىنىڭ بۇ خىل قانۇنسىز ھەرىكەتكە دىققەت قىلىشىنى تەلەپ قىلدى.
لېكىن خىتاي ھۆكۈمىتى غەربتىكى كارخانا، ھۆكۈمەت ئورگانلىرىنى ۋە كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنى نىشان قىلغان بۇ خىل تور ھۇجۇملىرىدا ئۆزلىرىنىڭ قولى بارلىقىنى ئىزچىل رەت قىلىپ، تور ھۇجۇمىغا قارشى تۇرىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ كەلگەن. خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى ئىلگىرى ئېلان قىلغان بۇ ھەقتىكى بىر باياناتىدا « جۇڭگو ھۆكۈمىتى توربۇزۇش ھەرىكىتىگە قارشى تۇرىدۇ. جۇڭگو قانۇنى توربۇزارلىقنى چەكلەيدۇ. جۇڭگونىڭ ئۆزى توربۇزارلارنىڭ بۇزغۇنچىلىقىغا ئۇچراۋاتقان دۆلەت» دېگەن.