تورونتودىكى ئۇيغۇرلار تىبەت ئەركىنلىك مەشئىلى پائالىيىتىدە تىبەتلىكلەر بىلەن بىرگە
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﻛﺎﻣﯩﻞ ﺗﯘﺭﺳﯘﻥ ﺧﻪﯞﯨﺮﻯ
2008.05.19
2008.05.19
مارت ئېيىدا، گرېتسىيىنىڭ ئاتېنا ۋە ئولىمپىيە شەھەرلىرىدىن باشلانغان،سىمۋوللۇق تۈستىكى بۇ مەشئەل ياۋروپادىكى بىرقانچە مۇھىم شەھەرنى ئايلىنىپ، ئالدىنقى ھەپتىدە كانادا يېتىپ كەلگەن ۋە ۋانكۇۋېر، ئوتتاۋا ۋە مونترېئال قاتارلىق شەھەرلەردە ئايلاندۇرۇلغان ئىدى.
5000 ئەتراپىدا تىبەتلىك كۆچمەن ياشايدىغان تورونتو شەھىرى بۇ مەشئەلنىڭ كانادادىكى ئاخىرقى بېكىتىدۇر. بۇ مۇناسىۋەت بىلەن كانادا تىبەت كومىتېتى تورونتو شەھىرىدە تىبەت ئەركىنلىك مەشئىلىنى قارشى ئېلىش ۋە خىتاي ھۆكۈمىتىگە قارشى نارازىلىق پائالىيەتلىرى ئۆتكۈزدى. تورونتودىكى خىتاي كونسۇلخانىسىنىڭ ئالدىدا ئۆتكۈزۈلگەن نارازىلىق ۋە سۈكۈتتە تۇرۇش پائالىيىتىگە تىبەتلىكلەرنى قوللاش يۈزىسىدىن ئۇيغۇرلارمۇ قاتناشتى.
تىبەت ئەركىنلىك مەشئىلى دۇنيادىكى 50 نەچچە مۇھىم شەھەرنى ئايلىنىپ،ئاخىرى بېيجىڭ ئولىمپىك مۇسابىقىسىنىڭ ھارپىسىدا تىبەتكە يەتكۈزىلىدۇ. بېيجىڭ دائىرىلىرى ئولىمپىك مەشئىلىنى ئۇيغۇر رايونى بىلەن تىبەتتە ئايلاندۇرۇش ئارقىلىق،دۇنياغا ئۇيغۇر ۋە تىبەتلىكلەرنىڭ خىتاي ھۆكۈمرانلىقىدا بەختىيار ياشاۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىشكە ئۇرۇنماقتا.
تورونتودىكى نامايىش خىتايدىكى يەر تەۋرەشتە ۋە بېرمادىكى سۇ ئاپىتىدە ئۆلگەنلەرنىڭ روھىغا سۈكۈتتە تۇرۇش بىلەن باشلانغان. كانادا ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى رۇقىيە تۇردۇش خانىم ۋە سىياسىي پائالىيەتچى تۇيغۇن ئابدىۋەلىلەر بۈگۈنكى بۇ نامايىشقا قاتنىشىشنىڭ سەۋەبلىرى ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ پائالىيەتلىرى ھەققىدە توختالدى.