تورونتودا ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقىنىڭ بىر يىللىقىنى خاتىرىلەش نامايىشى ئۆتكۈزۈلدى

كانادانىڭ تورونتو شەھىرىدە 5 - ئىيۇل ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقىنىڭ بىر يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن، خىتاي ھۆكۈمىتىگە نارازىلىق نامايىشى ئۆتكۈزۈلدى. نامايىش 5 - ئىيۇل كۈنى شۇ جاي ۋاقتى چۈشتىن كېيىن سائەت 2 دە باشلاندى. نامايىشقا تورونتودا ياشاۋاتقان كۆپ ساندىكى ئۇيغۇر قاتناشتى. نامايىش خىتاينىڭ تورونتودا تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسىنىڭ ئالدىدا ئېلىپ بېرىلدى.

0:00 / 0:00

نامايىشچىلار " خىتاي ئۇيغۇرلارنى ئۆلتۈرۈشنى توختات"، "خىتاي شەرقى تۈركىستاندىن چىقىپ كەت"، " تېررورچى خىتاي، فاشست خىتاي"، " 5 - ئىيۇل قىرغىنچىلىقى ئۇنتۇلمايدۇ" دېگەندەك شوئارلارنى توۋلاشتى.

بۇ نامايىشنى كانادا ئۇيغۇر جەمئىيىتى تەشكىللىگەن بولۇپ،نامايىش جەريانىدا زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان كانادا ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى رۇقىيە تۇردۇش خانىم سۆز قىلدى.

شۇ كۈنى ھاۋا ناھايىتى ئىسسىق بولسىمۇ، ئەمما قوللىرىدا ئاي يۇلتۇزلۇق كۆك بايراق ۋە 5 - ئىيۇل ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقى ئەكس ئەتتۈرۈلگەن رەسىملەرنى كۆتۈرۈشكەن نامايىشچىلار ناھايىتى جۇشقۇن ھالەتتە، شوئارلارنى توۋلاپ خىتاي ھۆكۈمىتىگە بولغان نارازىلىقىنى ئىپادىلىدى.

نامايىش جەريانىدا زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان شاكىر ئەپەندى ئۆزىنىڭ 5 - ئىيۇل شېھىتلىرى بىلەن بىر سەپتە تۇرۇپ ئىسسىق قانلىرىنى ئۇلار بىلەن بىرلىكتە ئاققۇزالمىغانلىقىغا بولغان ئېچىنىش ھېسسىياتىنى ئىپادىلىدى.

ھاۋانىڭ قاتتىق ئىسسىق بولۇشىغا پەرۋا قىلماي، تۇغۇلغىنىغا ئەمدىلا بىرنەچچە ئاي بولغان بوۋىقىنى كۆتۈرۈپ نامايىشچىلار سېپىگە قوشۇلغان بىر ياش خانىم ئۆزىنىڭ ھىسسىياتىنى ئىپادىلىدى.

بىز نامايىش جەريانىدا يەنە، كانادا ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ سابىق رەئىسى مەمەت توختى ئەپەندىنىمۇ زىيارەت قىلدۇق. ئۈ ئۇ بۈگۈنكى نامايىش جەريانىدىكى ئۆز تۇيغۇلىرىنى ئىپادىلىدى.

نامايىش چۈشتىن كېيىن سائەت 5 كە قەدەر داۋاملاشتى.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى سۆھبىتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.