0:00 / 0:00
31 ياشلىق تۇنسا ئۈرۈمچى جىمىسار ناھىيىسىدىن بولۇپ، ئۇزۇن يىل خىتاي ئۆلكىلىرىدە تىجارەت بىلەن شۇغۇللانغان. 5-ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسىدىن كېيىن 25-ئىيۇلدا تۇغقان يوقلاش ئۈچۈن جىمىسارغا بارغىنىدا 5-ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسىدە بالىسى يوق بولۇپ كەتكەن 2 ئايال ئۇنىڭدىن بالىسىنى تېپىش ئۈچۈن ياردەم تەلەپ قىلغان. دەل شۇ چاغدا ساقچى كېلىپ ئۇنى تۇتۇپ ساقچى ئىدارىسىگە ئاپىرىپ سوراققا تارتقان. ساقچىلار ئۇنى 5-ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسىگە قاتناشقانلارغا ئىقتىسادى ياردەم قىلدىڭ دەپ ئەيىبلەپ قىينىغان. تونۇسا ساقچى ئىدارىسىدە تەن جازاسىغا ئۇچرىغان، كېيىن خىتاي ئەمەلدارلارغا پۇل بېرىپ مالايشىياغا چىقىپ، ئۇ يەردىن شۋېتسىيىگە قېچىپ كەلگەن.
ئۇنىڭ ئېچىنىشلىق ھايات كەچۈرمىشلىرىگە قىزىقسىڭىز، يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن مۇخبىرىمىزنىڭ ئۇنىڭ بىلەن ئېلىپ بارغان سۆھبىتىنى ئاڭلاڭ.