تۈرك دۇنياسى ياشلىرى بىرلىكى رەئىسى ئەكرەم ئابدۇللاھ، مۇئاۋىن رەئىسى شەمسەتتىن كۈزەچى، باش كاتىپى ئېلشات ئابدۇللاھ ۋە مۇرات تويلىدىن تەركىب تاپقان بىر ھەيئەت تۈركىيىنىڭ ئەنقەرە شەھىرىدە بىر قاتار ئۇچرىشىشلارنى ئېلىپ باردى. مەزكۇر ھەيئەت ئالدى بىلەن تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى باش مىنىستىرلىقى تەنتەربىيە ئىدارىسىنىڭ مۇدىرى ئادنان گۈل بىلەن كۆرۈشۈپ تۈرك دۇنياسىدا تەنتەربىيە ساھەسىدە قانداق ھەمكارلىق ئېلىپ بېرىش ھەققىدە مۇزاكىرە ئېلىپ باردى.
بۇ ھەيئەت يەنە تۈرك دۇنياسى ھەمكارلىق ئىدارىسىنىڭ رەھبەرلىرى بىلەن ئۇچرىشىپ 7-ئاينىڭ 10-كۈنىدىن 15-كۈنىگىچە سىپرۇس تۈرك جۇمھۇرىيىتىدە ئېچىلىدىغان تۈرك دۇنياسى ياشلىرى قۇرۇلتىيى ھەققىدە مەلۇمات بەردى.
تۈرك دۇنياسى ياشلىرى قۇرۇلتىيى رەھبەرلىرىدىن تەركىب تاپقان بۇ ھەيئەت ئارقىدىن تۈركىيە باش مىنىستىرلىقىنىڭ قارمىقىدىكى تۈركىي جۇمھۇرىيەتلەر ۋە قېرىنداش مىللەتلەر ئىدارىسى رەھبەرلىرى بىلەن ئۇچرىشىپ تۈرك دۇنياسىنىڭ مەسىلىلىرى ۋە ھەل قىلىش يوللىرى ھەققىدىكى ئۆز كۆز قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويغان. تۈرك دۇنياسى قۇرۇلتىيى باش كاتىپى ئېلشات ئابدۇللاھنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ يىل سىپۇرۇستا ئېچىلىدىغان 15-نۆۋەتلىك تۈرك دۇنياسى ياشلىرى قۇرۇلتىيىدا تۈركىي جۇمھۇرىيەتلىرىنىڭ مۇستەقىللىقىنىڭ 20-يىللىقىنى تەبرىكلەش بىلەن بىرلىكتە ئۇيغۇرلار، ئىراقتىكى تۈركمەنلەر، ئىراندىكى ئەزەربەيجانلىقلار، تاتارىستان ۋە قىرىمدىكى تاتارلارنىڭ مەسىلىلىرى مۇزاكىرە قىلىنىدىكەن.
ئۇ سۆزىدە يەنە تۈرك دۇنياسى ياشلىرى تەشكىلاتىنىڭ ئەڭ مۇھىم ۋەزىپىلىرىدىن بىرىنىڭ ھازىر شەرقىي تۈركىستان ياشلىرى دۇچار بولۇۋاتقان مەسىلىلەرنى تۈرك دۇنياسى جامائەتچىلىكىگە ئاڭلىتىش ۋە بۇنى ھەل قىلىشنىڭ يوللىرىنى ئىزدەش ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.