`تۈرك ئىسلام بىرلىكى ئۇيغۇر مەسىلىسىنى ھەل قىلالامدۇ؟`

قەشقەر ۋە كۇچادا يۈز بەرگەن ۋەقەلەر دۇنيانىڭ دىققەت ئېتىبارىنى ئۇيغۇر مەسىلىسىگە بۇرىدى. تۈركىيىدىكى بەزى ئاممىۋى تەشكىلاتلار ھەر خىل يوللار بىلەن ئۇيغۇر مەسىلىسىنى تۈركىيە جامائەتچىلىكىگە ئاڭلىتىشقا تىرىشماقتا. تۈركىيە مىللىي قىممەتلەرنى قوغداش ۋەخپى تۈركىيىدىكى گېزىتلەرگە ئېلان بېرىش ئارقىلىق ئۇيغۇر مەسىلىسىنى ئاڭلاتماقتا.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﻪﺭﻛﯩﻦ ﺗﺎﺭىم ﺧﻪﯞﯨﺮﻯ
2008.08.18
waqit-gezitide-elan-305.jpg ﺳﯜﺭﻩﺕ, 7 - 8 - 14 - ﺋﺎﯞﻏﯘﺳﺖ ﻛﯜﻧﻠﯩﺮﻯ ﯞﺍﻗﯩﺖ ﮔﯧﺰﯨﺘﯩﮕﻪ ﺑﯧﺮﯨﻠﮕﻪﻥ ﻣﺎﻗﺎﻟﻪ ﺋﯧﻼﻧﯩﻨﯩﯔ ﻛﯚﺭﯛﻧﯜﺷﻰ.
RFA Photo / Erkin Tarim

بۇ ۋەقىپ 7 - 8 - 14 - ئاۋغۇست كۈنلىرى ۋاقىت گېزىتىگە چوڭ بىر ئېلان بەرگەن بولۇپ، ئېلاننىڭ تېمىسى تۈرك ئىسلام بىرلىكى شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنى ھەل قىلىدۇ. ئېلاندا خىتايلارنىڭ ئۇيغۇرلارغا ئېلىپ بېرىۋاتقان بېسىم سىياسىتى ئەكس ئەتتۈرۈلگەن رەسىملەرگىمۇ يەر بېرىلگەن. قىرغىنچىلىقنىڭ ئىسمى شەرقىي تۈركىستان ناملىق كىچىك ماۋزۇنىڭ ئاستىدا ئۆلۈم جازاسى بېرىلگەن ئۇيغۇرلارنى ئۆلۈم مەيدانىغا ئېلىپ مېڭىۋاتقان ۋە ئۇيغۇرلارنى مەيداندا ئېتىۋاتقان رەسىملەرگە يەر بېرىلگەن.

شەرقىي تۈركىستاندا ئىنسانلىق تراگېدىيىسى، خىتايلار ئىنسان ئۆلتۈرۈش ئارقىلىق نوپۇسنى ئازايتىۋاتىدۇ خىتايدىكى تۈرمىلەر تەن جازاسى ئۆيى ۋە خىتايدا تەن جازاسى پەرياتلىرى ماۋزۇلىرىنىڭ ئاستىدىمۇ ئېچىنىشلىق رەسىملەرگە يەر بېرىلگەن. بۇ رەسىملەرنىڭ دەل ئوتتۇرىسىغا تۈركىيەنى مەركەز قىلغان ئوتتۇرا ئاسىيا تۈرك جۇمھۇرىيەتلىرى ۋە مۇسۇلمان دۆلەتلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بىر تۈرك ئىسلام بىرلىكىنىڭ خەرىتىسىگە يەر بېرىلگەن. بۇ رەسىملەرنىڭ ئۈستىگە چوڭ خەتلەر بىلەن يېزىلغان بىر بۆلۈمدە، شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى ۋە ئۇنى ھەل قىلىشنىڭ يوللىرى ئاڭلىتىلغان.

ئېلان مۇنداق باشلايدۇ: بۈگۈن دۇنيانىڭ بەزى رايونلىرىدا مۇسۇلمانلار قېيىن ۋەزىيەتتە ياشىماقتا. مەسىلەن خىتاينىڭ غەربىي قىسمىغا جايلاشقان شەرقىي تۈركىستان خەلقى كېيىنكى 50 يىل جەريانىدا ئېغىر بېسىم ئاستىدا ياشىماقتا. نوپۇسىنىڭ كۆپى ئۇيغۇرلاردىن تەركىپ تاپقان بولۇپ، بۇ ئۇيغۇرلار قېيىن ۋەزىيەتتە ياشىماقتا. 1965 - يىلىدىن كېيىن خىتايلار تەرىپىدىن قەتىل قىلىنغان ئۇيغۇرلارنىڭ سانى ئىنتايىن كۆپ.

خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى زومىگەرلىكى شەرقىي تۈركىستانغا قالايمىقانچىلىق، كۆڭۈلسىزلىك ۋە غەزەپ نەپرەت ئېلىپ كەلمەكتە. بۇ خىل يوللار بىلەن مىللەتلەرنى ئېزىش ۋاقتى ئاللاھ بۇرۇن ئۆتۈپ كەتتى. خىتايلار شەرقىي تۈركىستانلىقلارغا ئۆزىنى ئۆزى باشقۇرۇش ھەققىنى بەرسە، ئىقتىسادىي جەھەتتىنمۇ مۇستەقىللىقىنى بەرسە، خىتايغىمۇ پايدىسى بار. ئۆز تۇپراقلىرىدا بېسىم كۆرمەي ئەركىنلىك ئىچىدە ياشىغان شەرقىي تۈركىستان، خىتاي ئۈچۈنمۇ پايدا ئېلىپ كېلىدۇ.

بۇ ھەقلەرنىڭ خىتايلار تەرىپىدىن شەرقىي تۈركىستانغا بېرىلىشى تۈرك ئىسلام بىرلىكىنىڭ سايىسىدا ئەمەلگە ئاشىدۇ. بۇنداق بىر كۈچ شەرقىي تۈركىستانلىقلارنى قوللاپ قۇۋەتلەيدىغان بولسا، خىتاينىڭ مۇسۇلمان دۇنياسى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىمۇ ياخشىلىنىدۇ. ئىسلام بىرلىكى ئىچىدە يېرىنى ئالغان شەرقىي تۈركىستاننىڭ خىتايغا خەۋپ ئېلىپ كەلمەيدىغانلىقىنى چۈشەندۈرۈش كېرەك.

قىسقىسى بۇ رەسىملىك ئېلاندا تۈرك ئىسلام بىرلىكى قۇرۇلسا شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى، پەلەستىن مەسىلىسىگە ئوخشاش مەسىلىلەرنىڭ ھەل بولىدىغانلىقى تەكىتلەنگەندىن باشقا، خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسىنى شەرقىي تۈركىستاندا ئېلىپ بېرىۋاتقان قىرغىنچىلىق سىياسىتىنى توختىتىشقا چاقىرغان.

تۈركىيىدىكى ۋاقىت گېزىتىدە ئېلان قىلىنغان `تۈرك ئىسلام بىرلىكى شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنى ھەل قىلىدۇ` ماۋزۇلۇق ئېلاننى گېزىتكە بەرگەن مىللى قىممەتلەرنى قوغداش فوندى ئىلگىرى سۈرۈۋاتقان تۈرك ئىسلام بىرلىكى ئوتتۇرا ئاسىيا تۈركىي جۇمھۇرىيەتلىرى ۋە پۈتۈن مۇسۇلمان دۆلەتلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بىر ئىتتىپاقداشلىق ئىكەن. ئۇلار دېگەن بۇ بىرلىكنى قۇرۇپ چىقىش مۇمكىنچىلىكى بارمۇ؟ بۇنداق بىر بىرلىك راستىنلا شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنى ھەل قىلالامدۇ؟

بۇ ھەقتە كۆز قارىشىنى ئېلىش ئۈچۈن ئىسلام دۇنياسى تەتقىقاتلىرى مۇتەخەسسىسى ۋارىسجان ئەپەندىگە مىكروفونىمىزنى ئۇزاتتۇق.


پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.