تۈركىيە پارلامېنتنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى نەۋزات پاقدىل د ئۇ ق ۋەكىللىرىنى قوبۇل قىلدى

تۈركىيە پارلامېنتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى نەۋزات پاقدىل ئەپەندى د ئۇ ق مۇئاۋىن رەئىسى، شەرقىي تۈركىستان مەدەنىيەت ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى باشلىقى سېيىت تۈمتۈرك ئەپەندى بىلەن د ئۇ ق تەپتىش ھەيئىتى ئەزاسى ھايرۇللا ئەفەندىگىل ئەپەندىنى پارلامېنت بىناسىدىكى ئىشخانىسىدا قوبۇل قىلدى.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﻪﺭﻛﯩﻦ ﺗﺎﺭﯨﻢ
2010.01.14
parlament-muawin-bashliqi-newzat-paqdil-DUQ-Siyit-Tumturk-305.jpg ﺳﯜﺭﻩﺕ، ﺗﯜﺭﻛﯩﻴﻪ ﭘﺎﺭﻻﻣﯧﻨﺘﯩﻨﯩﯔ ﻣﯘﺋﺎﯞﯨﻦ ﺑﺎﺷﻠﯩﻘﻰ ﻧﻪﯞﺯﺍﺕ ﭘﺎﻗﺪﯨﻞ ﺋﻪﭘﻪﻧﺪﻯ ﺩ ﺋﯘ ﻕ ﻣﯘﺋﺎﯞﯨﻦ ﺭﻩﺋﯩﺴﻰ، ﺷﻪﺭﻗﯩﻲ ﺗﯜﺭﻛﯩﺴﺘﺎﻥ ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﻪﺕ ﯞﻩ ﻫﻪﻣﻜﺎﺭﻟﯩﻖ ﺟﻪﻣﺌﯩﻴﯩﺘﻰ ﺑﺎﺷﻠﯩﻘﻰ ﺳﯧﻴﯩﺖ ﺗﯜﻣﺘﯜﺭﻙ ﺋﻪﭘﻪﻧﺪﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺩ ﺋﯘ ﻕ ﺗﻪﭘﺘﯩﺶ ﻫﻪﻳﺌﯩﺘﻰ ﺋﻪﺯﺍﺳﻰ ﻫﺎﻳﺮﯗﻟﻼ ﺋﻪﻓﻪﻧﺪﯨﮕﯩﻞ ﺋﻪﭘﻪﻧﺪﯨﻨﻰ ﭘﺎﺭﻻﻣﯧﻨﺖ ﺑﯩﻨﺎﺳﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﯩﺸﺨﺎﻧﯩﺴﯩﺪﺍ ﻗﻮﺑﯘﻝ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﻛﯚﺭﯛﻧﯜﺷﺘﯩﻦ ﺑﯩﺮﻯ.
RFA Photo / Erkin Tarim

ناھايىتى قىزغىن ئۆتكەن بۇ ئۇچرىشىشتا سېيىت تۈمتۈرك ئەپەندى 5 - ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسىدىن كېيىن خىتاي ھەيئەتلىرىنىڭ ئارقا - ئارقىدىن تۈركىيىنى زىيارەت قىلىپ ئۈرۈمچى ۋەقەسى ھەققىدە يالغان مەلۇمات بېرىۋاتقانلىقىنى تۈرك رەھبەرلىرىنىڭ خىتايلارنىڭ گەپلىرىگە ئىشەنمەسلىكى كېرەكلىكىنى ئېيتتى.

تۈركىيە پارلامېنتى مۇئاۋىن باشلىقى نەۋزات پاقدىل ئەپەندى بولسا ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتنىڭ نورمال داۋام قىلىۋاتقانلىقىنى تۈركىيە خىتاي مۇناسىۋىتىدە ئۇيغۇرلارنىڭ كۆۋرۈكلۈك رولى ئوينىشى كېرەكلىكىنى بىلدۈردى.

بۇ ئۇچرىشىشتا يەنە قايسى مەسىلىلەر مۇزاكىرە قىلىندى؟ يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

پىكىر

Anonymous
Jan 18, 2010 04:45 AM

ﺑﯩﺰ ﺋﯩﺖ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯚﺭﯨﻨﻰ ﯪﻳﺮﯨﺸﻨﻰ ﺑﯩﻠﯩﻤﯩﺰ

Anonymous
Jan 15, 2010 03:58 AM

38ﺧﯩﻞ ﺳﻮﺩﯨﻠﯩﺮﯨﯖﻨﻰ ﭘﯜﺗﺘﯜﺭﯨﯟﺍﺗﻘﺎﻧﺪﯨﻨﻜﯩﻦ ﯬﻣﺪﻯ ﺑﻮﻟﺪﻯ ﻳﺎﻟﻐﺎﻧﺪﯨﻦ ﺩﯗﻕ ﺩﻩﭖ ﻗﻮﺑﯘﻝ ﻗﯩﻠﯩﯟﯦﺮﯨﺸﻤﻪ...ﺷﻪﺭﻗﯩﻲ ﺗﯜﺭﻛﯩﺴﺘﺎﻧﻠﯩﻘﻼﺭ ﺳﺎﺭﺍﯓ ﯬﻣﻪﺱ.

Anonymous
Jan 16, 2010 10:39 AM

ﺳﯩﻴﯩﺖ ﺗﯜﻣﺘﯜﺭﻙ ﯞﻩ ﺩﯗﻧﻴﺎ ﯰﻳﻐﯘﺭ ﻗﯘﺭﯗﻟﺘﯩﻴﻰ ---ﯰﻳﻐﯘﺭﻧﻰ ﯪﻟﺪﯨﻤﺎﺳﻠﯩﻘﯩﯖﻼﺭﻧﻰ ﯴﻣﯩﺪ ﻗﯩﻠﯩﻤﯩﺰ!!!!
ﺗﯜﺭﻛﯩﻴﻪﻟﯩﻜﻠﻪﺭ ﺳﻮﺩﯨﺴﯩﻨﻰ ﻗﯩﻠﯩﯟﯦﺮﯨﺪﯗ؟؟؟؟ﻳﻪﻧﻪ ﺧﯩﺘﺎﻳﻨﻰ ﺗﯩﻠﻼﭖ ﻗﺎﻟﯩﯟﯦﺮﯨﺪﯗ؟؟؟ ﺑﯘ ﻧﯧﻤﯩﮕﻪ ﻫﯧﺴﺎﺏ؟؟؟؟