تۈركىيىدىكى تەشكىلاتلار 1 - ئۆكتەبىر مۇناسىۋىتى بىلەن مەتبۇئات باياناتى ئېلان قىلدى

بۈگۈن 10 - ئاينىڭ 1 - كۈنى خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتى رەسمى قۇرۇلغان كۈن. دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى بۇ كۈننى ماتەم كۈنى ئېلان قىلىپ، ئۇيغۇرلارنى خىتاينىڭ ھەرقايسى دۆلەتلەردىكى ئەلچىخانىلىرىنىڭ ئالدىدا نامايىش قىلىش، بايانات ئېلان قىلىش، مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنلىرى ئۆتكۈزۈش ئارقىلىق نارازىلىق بىلدۈرۈشكە چاقىرغان ئىدى.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﻪﺭﻛﯩﻦ ﺗﺎﺭىم
2008.10.01
turkiye-namayish-metbuat1-305 ﺳﯜﺭﻩﺗﺘﻪ، 6 - ﺋﺎﻳﻨﯩﯔ - 27 ﻛﯜﻧﻰ ﺋﻪﻧﻘﻪﺭﻩﺩﻩ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﺑﯧﺮﯨﻠﻐﺎﻥ ﺋﻮﻟﯩﻤﭙﯩﻜﻜﻪ ﻗﺎﺭﺷﻰ ﺋﻪﺭﻛﯩﻨﻠﯩﻚ ﻣﻪﺷﺌﯩﻠﯩﻨﻰ ﻳﻪﺗﻜﯜﺯﯛﺵ ﻧﺎﻣﺎﻳﯩﺸﯩﺪﯨﻦ ﻛﯚﺭﯛﻧﯜﺵ.
RFA Photo / Erkin Tarim

ھەر يىلى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ چاقىرىقى بويىچە تۈركىيىدىكى شەرقىي تۈركىستان ئاممىۋى تەشكىلاتلىرى خىتاي ئەلچىخانىسىنىڭ ئالدىدا نامايىش ئۆتكۈزەتتى.

بۇ يىل تۈركىيىدە 10 - ئاينىڭ 1 - كۈنى روزى ھېيت بىلەن بىر كۈنگە توغرا كېلىپ قالغاچقا مەتبۇئات باياناتى ئېلان قىلىش بىلەن چەكلىنىپ قالدى.

بۈگۈن تۈركىيىنىڭ قەيسەرى شەھرىدە پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان شەرقىي تۈركىستان مەدەنىيەت ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى تەشكىلات بىناسىدا مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى چاقىرىپ خىتايلارنىڭ شەرقىي تۈركىستانغا بېسىپ كىرگەندىن بۇيانقى 59 يىل جەريانىدا ئۇيغۇرلارغا ئېلىپ بارغان سىياسىتىنى ئاڭلاتقاندىن باشقا، تۈركىيىدىكى پۈتۈن تۈرك ۋە چەتئەللىك مۇخبىرلارغا مەتبۇئات باياناتىنى فاكس ۋە ئېلخەت ئارقىلىق ئەۋەتىپ بەرگەن.

بىزگە بۇ ھەقتە د ئۇ ق مۇئاۋىن باشلىقى سېيىت تۈمتۈرك ئەپەندى مەلۇمات بەردى.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، ئەنقەرەدىكى ئىختىيارى مۇخبىرىمىز ئەركىن تارىمنىڭ مەلۇماتلىرىنى ئاڭلىغايسىلەر.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.