تۈرك پارلامېنت ئەزاسى سىراجىدىن قاراياغىز: '5 - ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسى ئىرقىي قىرغىنچىلىق'

2009 - يىلى 7 - ئاينىڭ 5 - كۈنىدىكى ۋەقە دۇنيا جامائەتچىلىكىنىڭ دىققىتىنى ئۈرۈمچىگە تارتقان ئىدى. تۈركىيە باش مىنىستىرى رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ ئۈرۈمچى ۋەقەسىدە خىتاينى "ئىرقىي قىرغىنچىلىق قىلدى " دەپ ئەيىبلىشى بىلەن تۈركىيە پارلامېنتىدىكى تۈركىيە - خىتاي دوستلۇق گۇرۇپپىسىنىڭ ئەزالىرىدىن 7 كىشى ئەزالىقتىن ئىستىپا بەرگەن ئىدى.

0:00 / 0:00

بۇلاردىن بىرى ھازىرقى ھۆكۈمەتنى ئىدارە قىلىۋاتقان ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيىسىدىن كېلىپ چىققان پارلامېنت ئەزاسى سىراجىدىن قاراياغىز ئەپەندىدۇر.

بىز، 6 - ئاينىڭ 30 - كۈنى پارلامېنت ئەزاسى سىراجىدىن قاراياغىز ئەپەندىنى پارلامېنتتىكى ئىشخانىسىدا زىيارەت قىلىپ، ئۇنىڭدىن ئۇيغۇر مەسىلىسى ۋە 5 - ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسى ھەققىدە مۇھىم سوئاللارنى سورىدۇق.

سىراجىدىن قاراياغىز ئەپەندى سۆزىدە، 5 - ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسىنى "بىر قاراشتا ئىرقىي قىرغىنچىلىق دېگىلى بولمىسىمۇ، خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئېلىپ بېرىۋاتقان سىياسىتىگە ئەتراپلىق قارايدىغان بولسا، بۇنى ئىرقىي قىرغىنچىلىق دېيىشكە بولىدۇ" دەپ تەكىتلىدى.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى سۆھبىتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.