تۈركىيە ھەربىي مۇزېيىدا ئۇيغۇر تارىخىغا ئالاھىدە ئورۇن بېرىلگەن

تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى دۆلىتى 1923-يىلى قۇرۇلغان بولسىمۇ، تۈركلەر ئۆزلىرىنىڭ سىياسىي، ئىقتىسادىي، مەدەنىيەت ۋە ھەربىي تارىخىنىڭ مىلادىدىن بۇرۇنقى ھۇن ئىمپېرىيىسى مەزگىلىدىن باشلانغانلىقىنى بىلىدۇ.
ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەركىن تارىم
2012-08-02
Share
uyghur-doliti-turkiye-herbiy-muzeyida-305.jpg تۈركىيە ھەربىي مۇزېيىدا ئۇيغۇر دۆلىتى ھەققىدە بېرىلگەن مەلۇمات. 2012-يىلى 2-ئاۋغۇست، ئىستانبۇل.
RFA/Erkin Tarim

بۇنى ئىستانبۇلنىڭ شىشلى رايونىغا جايلاشقان تۈركىيە ھەربىي مۇزېيىنى ئېكسكۇرسىيە قىلسىڭىز، ئېنىق كۆرۈۋالالايسىز. مۇزېيدا تۈركلەرنىڭ ئۈچ مىڭ يىللىق ھەربىي تارىخى ئەكس ئەتتۈرۈلگەن بولۇپ، ئۇيغۇرلارنىڭ ئومۇمىي تۈرك تارىخىدىكى ئورنى ئالاھىدە گەۋدىلەندۈرۈلگەن. مۇزېينىڭ ئىشىكىدىن كىرگىنىڭىزدە، تارىختا قۇرۇلغان تۈرك دۆلەتلىرىنىڭ مۇھىملىرىنىڭ بايراقلىرى قويۇلغان بولۇپ، بۇلارنىڭ ئىچىدە ئۇيغۇر دۆلىتى، قاراخانلى دۆلىتىنىڭ بايراقلىرى ۋە بۇ دۆلەتلەر ھەققىدە بېرىلگەن ئەتراپلىق مەلۇماتلار دىققىتىڭىزنى تارتىدۇ. تۈركىيە ھەربىي مۇزېيىغا تارىختا تۈركلەر ئۇرۇشتا ئىشلەتكەن چوڭ‏-كىچىك قوراللار ۋە ھەربىي تارىخ ھەققىدىكى مۇھىم بۇيۇملار، رەسىملەر قويۇلغان. بۇلاردىن باشقا، تارىختا قولغا كەلتۈرگەن غەلىبىلەر ھەققىدە تەپسىلىي مەلۇمات بېرىلگەن.ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەركىن تارىم تۈركىيە ھەربىي مۇزېيىدا ئۇيغۇر دۆلىتى ۋە خاقانى يادىكارلىقى ئالدىدا. 2012-يىلى 2-ئاۋغۇست، ئىستانبۇل.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن ئىختىيارىي مۇخبىرىمىزنىڭ تۈركىيە ھەربىي مۇزېيىنى زىيارەت قىلىپ نەق مەيداندىن تەييارلىغان پروگراممىسىنى ئاڭلايسىلەر.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت