تۈركىيە ھەربىي مۇزېيىدا ئۇيغۇر تارىخىغا ئالاھىدە ئورۇن بېرىلگەن

تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى دۆلىتى 1923-يىلى قۇرۇلغان بولسىمۇ، تۈركلەر ئۆزلىرىنىڭ سىياسىي، ئىقتىسادىي، مەدەنىيەت ۋە ھەربىي تارىخىنىڭ مىلادىدىن بۇرۇنقى ھۇن ئىمپېرىيىسى مەزگىلىدىن باشلانغانلىقىنى بىلىدۇ.

0:00 / 0:00

بۇنى ئىستانبۇلنىڭ شىشلى رايونىغا جايلاشقان تۈركىيە ھەربىي مۇزېيىنى ئېكسكۇرسىيە قىلسىڭىز، ئېنىق كۆرۈۋالالايسىز. مۇزېيدا تۈركلەرنىڭ ئۈچ مىڭ يىللىق ھەربىي تارىخى ئەكس ئەتتۈرۈلگەن بولۇپ، ئۇيغۇرلارنىڭ ئومۇمىي تۈرك تارىخىدىكى ئورنى ئالاھىدە گەۋدىلەندۈرۈلگەن. مۇزېينىڭ ئىشىكىدىن كىرگىنىڭىزدە، تارىختا قۇرۇلغان تۈرك دۆلەتلىرىنىڭ مۇھىملىرىنىڭ بايراقلىرى قويۇلغان بولۇپ، بۇلارنىڭ ئىچىدە ئۇيغۇر دۆلىتى، قاراخانلى دۆلىتىنىڭ بايراقلىرى ۋە بۇ دۆلەتلەر ھەققىدە بېرىلگەن ئەتراپلىق مەلۇماتلار دىققىتىڭىزنى تارتىدۇ. تۈركىيە ھەربىي مۇزېيىغا تارىختا تۈركلەر ئۇرۇشتا ئىشلەتكەن چوڭ‏-كىچىك قوراللار ۋە ھەربىي تارىخ ھەققىدىكى مۇھىم بۇيۇملار، رەسىملەر قويۇلغان. بۇلاردىن باشقا، تارىختا قولغا كەلتۈرگەن غەلىبىلەر ھەققىدە تەپسىلىي مەلۇمات بېرىلگەن.

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەركىن تارىم تۈركىيە ھەربىي مۇزېيىدا ئۇيغۇر دۆلىتى ۋە خاقانى يادىكارلىقى ئالدىدا. 2012-يىلى 2-ئاۋغۇست، ئىستانبۇل.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن ئىختىيارىي مۇخبىرىمىزنىڭ تۈركىيە ھەربىي مۇزېيىنى زىيارەت قىلىپ نەق مەيداندىن تەييارلىغان پروگراممىسىنى ئاڭلايسىلەر.