تۈركىيە پارلامېنتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى سادىق ياقۇت ئەپەندى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىنى قوبۇل قىلدى

11-ئاينىڭ 30-كۈنى تۈركىيە پارلامېنتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى سادىق ياقۇت ئەپەندى خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسى سىياسەت تەتقىقات مەركىزى باشلىقى سوڭ چۇياڭنى قوبۇل قىلىپ، تۈركىيە بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەت ھەققىدە توختالغاندا نۇقتىلىق ھالدا ئۇيغۇر مەسىلىسى ھەققىدە توختالغان.
ئىختىيارى مۇخبىرىمىز ئەركىن تارىم
2010-12-01
Share
sadiq-yakut-we-duq-heyeti-305 ﺗﯜﺭﻛﯩﻴﻪ ﭘﺎﺭﻻﻣﯧﻨﺘﯩﻨﯩﯔ ﻣﯘﺋﺎﯞﯨﻦ ﺭﻩﺋﯩﺴﻰ ﺳﺎﺩﯨﻖ ﻳﺎﻗﯘﺕ ﺋﻪﭘﻪﻧﺪﻯ ﺩﯗﻧﻴﺎ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﻗﯘﺭﯗﻟﺘﯩﻴﻰ ﯞﻩﻛﯩﻠﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﻗﻮﺑﯘﻝ ﻗﯩﻠﻔﺎﻧﺪﯨﻜﻰ ﻛﻮﺭﯛﻧﯜﺵ
RFA/Erkin Tarim

بۇ خەۋەر مەتبۇئاتلاردىن ئورۇن ئالغاندىن كېيىن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى سېيىت تۈمتۈرك دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى نامىدىن ئەنقەرەگە كېلىپ سادىق ياقۇتقا رەخمەت ئېيتتى. سادىق ياقۇت پارلامېنت بىناسىدىكى ئىشخانىسىدا ھەيئەتنى قوبۇل قىلىپ، خىتاي ۋەكىللەر ئۆمىكىنى قوبۇل قىلغاندا قىلغان سۆزىنىڭ ئۆزىنىڭ شەخسىي كۆز قارىشى ئەمەسلىكىنى، بۇنىڭ دۆلەت سىياسىتى ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.

40 مىنۇت ئەتراپىدا داۋاملاشقان ئۇچرىشىشتا ئۇيغۇر مەسىلىسى ھەققىدە كۆپ سۆزلەر بولدى.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت