تۈركىيە TV5 تېلېۋىزىيىسىدە ئۇيغۇر مەسىلىسى توغرىسىدا پروگرامما تارقىتىلدى

تۈركىيە تېلېۋىزىيە قاناللىرى ئۇيغۇرلارغا ئالاھىدە قىزىۋاتقان بولۇپ، ئۇيغۇرلار توغرىسىدا مەخسۇس پروگراممىلارمۇ ئورۇنلاشتۇرۇپ نەق مەيداندىن تارقىتىپ كەلمەكتە.

0:00 / 0:00

تۈركىيىدە دۆلەتلىك ۋە خۇسۇسىي باشقۇرۇشتىكى شىركەتلەرگە ئائىت 200 دىن ئارتۇق تېلېۋىزىيە قاناللىرى بار. بۇ تېلېۋىزىيە قاناللىرى تۈركىيە قانۇنىدا بەلگىلەنگەن ئاخبارات ئەركىنلىكى ئاساسىدا ئۆز ئالدىغا مۇستەقىل پروگرامما تارقىتىدۇ.

2012‏-يىلى 3-ئاينىڭ 16-كۈنى تۈركىيە ۋاقتى كەچ سائەت 22:00 دىن 24:00 كېچە بولغان ئارىلىقتا تۈركىيە TV5 تېلېۋىزىيىسىنىڭ «چېگرا سىرتىدا » ناملىق پروگراممىسىدا شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى توغرىسىدا مەخسۇس پروگرامما تارقىتىلدى. بۇ بۇ پروگراممىغا شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ مەسئۇللىرىدىن ئابدۇلھەكىمخان مەخسۇم، ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخان، دوكتور ئالىمجان ئاتاۋۇللاھ قاتارلىق كىشىلەر قاتناشتى ۋە رىياسەتچىنىڭ ئۇيغۇرلار توغرىسىدا سورىغان سوئاللىرىغا جاۋاب بەردى. پروگراممىغا TV5 تېلېۋىزىيە قانىلىنىڭ خادىمى مۇستافا كايا ئەپەندى رىياسەتچىلىك قىلدى.

turkiye-TV5-telewiziye-Uyghurlar-385.jpg
تۈركىيە TV5 تېلېۋىزىيىسىدە ئۇيغۇر مەسىلىسى توغرىسىدىكى پروگراممىغا مۇستافا كايا ئەپەندى رىياسەتچىلىك قىلدى.. 2012-يىلى 16-مارت، تۈركىيە. (RFA/Arslan)

پروگرامما جەريانىدا، ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخى، جۇغراپىيىسى، شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئىستراتېگىيىلىك ئەھمىيىتى، سىياسىي ۋەزىيىتى، يەر ئاستى ۋە يەر ئۈستى بايلىقلىرى، ئۇيغۇرلارنىڭ دىنى، مىللىي ئۆرپ-ئادەتلىرى ۋە مەدەنىيەتلىرى توغرىسىدا پىكىر-مۇلاھىزە يۈرگۈزۈلدى. 2 سائەت داۋام قىلغان بۇ پروگرامما TV5 تېلېۋىزىيە قانىلىدا سۈنئىي ھەمراھ ئارقىلىق نەق مەيداندىن بىۋاسىتە تارقىتىلدى.

بىز بۇ پروگرامما ھەققىدە پروگراممىغا قاتناشقان شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخان بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.