تۈركىيە - تۈركمەنىستان دوستلۇق جەمئىيىتى باشلىقى قادىر توسۇن ئەپەندىنىڭ ئۇيغۇر دىيارى تەسىراتى
ئىختىيارى مۇخبىرىمىز ئەركىن تارىم
2012.01.06
2012.01.06

Photo: RFA

بۇ سەۋەبتىن تۈركىيىدىن ئېكىسكۇرسىيىگە بارىدىغان كىشىلەرنىڭ سانىمۇ كۈنسايىن كۆپەيمەكتە. بەزى كىشىلەر ئۈرۈمچى، تۇرپان ۋە قەشقەر قاتارلىق جايلارنى ئېكسكۇرسىيە قىلىپ كەلگەندىن كېيىن ئۇ يەردە كۆرگەنلىرىنى تۈركىيىدىكى گېزىت - ژۇرناللاردا ئېلان قىلماقتا ياكى تۈركىيىنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا بۇ ھەقتە دوكلات بەرمەكتە.
بۇلاردىن بىرى تۈركىيە - تۈركمەنىستان دوستلۇق جەمئىيىتى باشلىقى قادىر توسۇن ئەپەندى. ئۇ ئۆتكەن يىلى 7 - ئاينىڭ ئاخىرىدا ئۈرۈمچى، تۇرپان، قەشقەر، يەكەن ۋە يېڭىسار قاتارلىق جايلارنى ئېكىسكۇرسىيە قىلغان بولۇپ، ئۇ يەردە كۆرگەنلىرىنى رادىئومىزغا ئاڭلاتتى. تۆۋەندە ئۇنىڭ بىلەن ئېلىپ بارغان سۆھبىتىمىزنى ئاڭلاڭلار.