"تۈركىيە ئۇيغۇر رايونىدا كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچلىكىنى تۈگىتىش ئۈچۈن ئۈستىگە چۈشكەن ۋەزىپىنى ئورۇنلايدۇ"

تۈركىيە 2009 ‏ - يىللىق ئۇچۇر ئاخباراتى ۋە ئاخبارات ۋاستىلىرى يىغىنىغا قاتنىشىش ئۈچۈن ئىستانبۇلغا كەلگەن تۈركىيە دۆلەت مىنىستىرى ۋە مۇئاۋىن باش مىنىستىر بۈلەنت ئارىنچ يىغىن ئارىسىدا مۇخبىرلارنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بەردى.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﺎﺭﺳﻼﻥ
2009.08.10
Bulent-Arinc-sozde-305 ﺗﯜﺭﻛﯩﻴﻪ ﺩﯙﻟﻪﺕ ﻣﯩﻨﯩﺴﺘﯩﺮﻯ ﯞﻩ ﻣﯘﺋﺎﯞﯨﻦ ﺑﺎﺵ ﻣﯩﻨﯩﺴﺘﯩﺮ ﺑﯜﻟﻪﻧﺖ ﺋﺎﺭﯨﻨﭻ ﺳﯚﺯﺩﻩ.
www.byegm.gov.tr ﺩﯨﻦ ﺋﯧﻠﯩﻨﺪﻯ.

مىنىستىر بۈلەنت ئارىنچ، بىر مۇخبىرنىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسى ۋە 5 ‏ - ئىيۇل ئۈرۈمچى قانلىق ۋەقەسى ھەققىدە سورىغان سوئالىغا جاۋاب بېرىپ مۇنداق دېدى:

خىتايدا يۈز بەرگەن ۋەقەلەر ھەقىقەتەن بىزنى قايغۇلاندۇرىدۇ. ئۇيغۇر رايونىدىكى يۇرتداشلىرىمىز ۋە قېرىنداشلىرىمىز بىلەن تارىختىن بىرى ناھايىتى چوڭقۇر بىر مۇناسىۋىتىمىز بار. بۈگۈنكى كۈندە مېنىڭ بىلىشىمچە، تۈركىيىدە 300 مىڭدىن ئارتۇق ئۇيغۇرلار ياشايدۇ. يىللاردىن بۇيان بۇ قېرىنداشلىق مۇناسىۋىتىمىز كەڭ تۈردە داۋام قىلماقتا. ئەسلىدە خىتاي بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرىمىزدە ئىككى دۆلەت ۋە پارلامېنتلار ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتلەرنىڭ بەك ياخشى ئىكەنلىكىنى دەپ ئۆتىمەن. ئۇ يەردە ياشاۋاتقان ئىرقداشلىرىمىز، قېرىنداشلىرىمىزنىڭ ئوخشاش زاماندا تۈركىيە ۋە خىتاي مۇناسىۋەتلىرىدە بىر دوستلۇق كۆۋرۈكلۈك رولىنى ئوينىغانلىقىنى بىلىمىز.

ئەپسۇسلىنارلىقى، كەچمىشتىن بۈگۈنگىچە ۋە ھازىر پۈتكۈل دۇنيانىڭ كۆز ئالدىدا يۈز بېرىۋاتقان ۋە ھەممىمىزنىڭ ۋۇجۇدىنى تىكەنلەشتۈرىدىغان، ھەممىمىزنى قايغۇلاندۇرغان، ۋەھشىيلىك دەرىجىگە يەتكەن ۋەقەلەرگە دۈچ كېلىۋاتىمىز. ھازىر خىتاي ئەسكەرلىرى كوچىلارنى ئىشغال قىلدى. ھەمدە خىتاي چىنلىلىرى دېيىلگەن پۇقراچە كىيىنگەن مىلىتانلار قوللىرىدىكى تاياق ‏ - كالتەك بىلەن، ئۆلتۈرىدىغان ئەسۋابلار بىلەن كوچىلارغا چىقتى، ئۇيغۇرلارنى ئوۋلىدى، ئۆيلەر بېسىلدى. كىچىك بالىلار، ئاياللار تۇتۇلدى. ئەپسۇسلىنارلىق بىلەن، كۆپ ساندا ئىنسانلارنىڭ ئۆلگەنلىكىنى ئاڭلاۋاتىمىز. بۇلارغا قارشى تۈركىيە ئۇچۇر يوللاش ۋە خىزمەت ئىشلەش بىلەن ناھايىتى چوڭ غەيرەت قىلماقتا. بۇ ۋەقەلەرنىڭ تېلېۋۇزۇرلاردا كۆرۈنۈشى، خەۋەرلەردە تارقىلىشى، شۈبھىسىزكى، تۈركىيە، رادىئو ‏ - تىلېۋىزىيە قاناللىرىنىڭ مۇۋاپپەقىيىتىگە كۆز يۇمالمايدۇ، ئۇ يەردىكى مۇخبىرلىرىمىزنىڭ ھەر تۈرلۈك خەتەرلەرنى كۆز ئالدىغا قويۇپ بۇ ۋەقەلەرنى دۇنيا جامائەتىگە ئاڭلىتىشقا غەيرەت قىلىشى پايدىلىق بولدى.

تۈركىيە دۆلەت مىنىستىرى ۋە مۇئاۋىن باش مىنىستىر بۈلەنت ئارىنچ سۆزىدە يەنە، 5 ‏ - ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسىنى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ۋە ياۋرۇپا ئىتتىپاقى شۇنداقلا دۇنيادىكى كۈچلۈك دۆلەتلەرنىڭ كۈن تەرتىپىگە كەلتۈرىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ مۇنداق دېدى:

ھۆرمەتلىك باش مىنىستىرىمىزنىڭ بۇ ھەقتىكى قىلىشقا تېگىشلىك سۆزلەرنى ئىپادىلىگەنلىكىنى بىلىسىلەر، ھۆرمەتلىك تاشقى مىنىستىرىمىزمۇ بۇ ھەقتە خىزمەت ئىشلىمەكتە، بىز بۇ ۋەقەنى شۈبھىسىز بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى، ياۋرۇپا ئىتتىپاقى مىنىستىرلىرى ۋە دۇنيادا سۆزى ئۆتىدىغان دۆلەتلەرنىڭ كۈن تەرتىپىگە كەلتۈرۈشنى خالايمىز، خىتاي ئىقتىسادىي جەھەتتىكى كۈچى، نوپۇسى ۋە دۇنيا سىياسىتىدىكى تەسىر كۈچى بىلەن بۇ ۋەقەلەرنىڭ ئۈستىنى يېپىشقا، يوشۇرۇشقا ئۇرۇنۇپ كەلدى. خىتاي ئەمەلدارلىرىنىڭ مىڭلارچە ئىنسانلارنى ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەنلىرىنى چۈچۈش ئىچىدە ئاڭلىدۇق. يەنى بىز خىتاي بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرىمىزگە پەۋقۇلئاددە ئەھمىيەت بېرىۋاتىمىز، ئەمما مەسىلە پەقەت كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسى سۈپىتىدە ئوتتۇرىغا قويۇلدى. كوچىلاردا مىڭلىغان جەسەتلەر ياتقان، ئۆزى يالغۇز ئەسكەرلەرنىڭ، تانكىلارنىڭ ئۇرۇش ماشىنىلىرىنىڭ ئالدىدا قارشىلىق كۆرسىتىۋاتقان ئاياللار بار، ئۇ يەردە مەيدانغا چىققان ۋەقەلەرنى ئىشلىگەن كىشىلەرنىڭ ئىزدەپ تېپىلىشى ئەلۋەتتە مۇمكىن، بۇ ۋەقەلەرنىڭ تۈركىيە بىلەن خىتاي مۇناسىۋەتلىرىنى بۇزمايدىغان بىر ئۆلچەمدە دەرھال بىر تەكشۈرۈش بىلەن نەتىجىلىك ئاخىرلىشىشى ھەممىمىزنىڭ ئارزۇسى، بىز بۇ ھەقتە خىتايغا ياردەملىشىشنى خالايمىز، ئەمما كۆزى قىزارغان ئىنسانلارنىڭ چېكىدىن ئاشقان كۈچ قوللىنىپ بىگۇناھ ئىنسانلارغا قارىتا ئېلىپ بېرىۋاتقان باستۇرۇش تەھدىتلىرىنى قايغۇ ئىچىدە كۆرۈۋاتىمىز. بۇنىڭغا قارىتا قىلىشقا تېگىشلىك ۋەزىپىلەرنى ئىجرا قىلىش ئۈچۈن پۈتكۈل خەلقئارا ساھەدە غەيرەت بىلەن خىزمەت ئىشلەۋاتىمىز.

تۈركىيە دۆلەت مىنىستىرى ۋە مۇئاۋىن باش مىنىستىرى بۈلەنت ئارىنچ يەنە مۇخبىرنىڭ، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى رابىيە قادىر خانىمغا مۇناسىۋەتلىك سورالغان سوئالىغا جاۋاب بېرىپ مۇنداق دېدى:

رابىيە خانىمنىڭ ئىنتېرنىتتە ۋە بەزى تىلېۋىزىيە قاناللىرىدا قىلغان سۆزلىرى بار، ئۇ سۆزىدە، تۈركىيە ھۆكۈمىتىگە ۋە ھۆرمەتلىك دۆلەت رەئىسىمىزگە تەشەككۈر ئېيتتى. بۇ ھەقتە ھەر تۈرلۈك قوللاش ۋە ھەمكارلىقنى تۈركىيىدىن ئالغانلىقىنى ئىپادىلىدى. ھەقىقەتەن بۇنىڭدىن باشقا بىر شەكلى بولمايتتى. ۋەقەلەرنى كۆزىتىۋاتىمىز، ئەمما قاراپ تۇرمايمىز. بۇ ھەقتە قىلىشقا تېگىشلىك پۈتكۈل ۋەزىپىلەرنى كۈچىمىزنىڭ يېتىشىچە قىلىمىز، پۈتكۈل دۇنياغا ئاڭلىتىمىز، ھازىر بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى بىخەتەرلىك كومىتېتىنىڭ ۋاقىتلىق ئەزاسى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن، بۇنى تۈركىيىنىڭ قىلىدىغانلىقىغا ئىشىنىشىڭىز لازىم. ئەمما بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى بىخەتەرلىك كومىتېتىنىڭ بەش دائىمىي ئەزاسىنىڭ بىرسى بولغان خىتاينىڭ، ئېلىنغان قارارلارنى رەت قىلىش ئېھتىمالى قانچىلىك يۇقىرى بولسا بولسۇن، تۈركىيە بۇ ۋەھشىيلىكنى پۈتكۈل دۇنياغا كەڭ تۈردە ئاڭلىتىدۇ ۋە ئۇ يەردە ئىنسان ھەقلىرى دەپسەندىچلىكىنى تۈگىتىش ئۈچۈن ئۈستىگە چۈشكەن ۋەزىپىنى ئورۇنلايدۇ.
 
يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.
 
پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.