داڭلىق ناخشىچى قايا قۇزۇجۇ ئەپەندى ۋە شەرقىي تۈركىستان مۇستەقىللىق مەسىلىسى

ئەنقەرەنىڭ ئەتىمەسگۇت رايونىدا ئۆتكۈزۈلگەن 7 - نۆۋەتلىك ئاناتولىيە مەدەنىيەت ۋە سەنئەت فېستىۋالىدا ئۇيغۇر مەدەنىيەت - سەنئىتىگە ئالاھىدە ئورۇن بېرىلگەن ئىدى.

0:00 / 0:00

9 - ئاينىڭ 22 - كۈنى كەچ مەخسۇس ئۇيغۇر ناخشا - ئۇسۇلىغا ئايرىلغان بولۇپ، بۇ كېچىدە ئىستانبۇلدىن كەلگەن ئۇيغۇر سەنئەتچىلەر ئۇيغۇر ناخشا - ئۇسۇللىرىدىن نەمۇنىلەر كۆرسەتتى.

كېچىلىك پائالىيەتتە يەنە، تۈركىيىدە تۈركىي مىللەتلەرنىڭ ناخشىلىرىنى ئورۇنلاپ تونۇلغان سەنئەتكار قايا قۇزۇجۇ ئەپەندىمۇ سەھنىگە چىقىپ، ناخشا ئوقۇدى.

ئۇ، سەھنىدە تاماشىبىنلارغا شەرقىي تۈركىستاننىڭ مۇستەقىل بولۇشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى ئېيتتى. قايا قۇزۇجۇ ئەپەندى سەھنىدىن چۈشكەندىن كېيىن، ئۇيغۇر مەسىلىسى، ئۇيغۇر مەدەنىيىتى ۋە ئۇيغۇر مۇزىكىسى ھەققىدە ئۇنىڭ بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.