تۈركىيىنىڭ بىر قىسىم سىياسىي پارتىيە رەئىسلىرى ۋېن جياباۋنىڭ تۈركىيە زىيارىتىگە قارشى بايانات ئېلان قىلدى

بىرنەچچە كۈندىن بۇيان، تۈركىيە بۈيۈك بىرلىك پارتىيىسىنىڭ رەئىسى يالچىن توپچى، مىللەتچى ۋە مۇھاپىزكار پارتىيىسىنىڭ رەئىسى ئەخمەت يىلماز ۋە تۈركىيە مەزلۇملار جەمئىيىتى ئىستانبۇل شۆبە باشلىقى جىھاد كۆكدەمىر قاتارلىق كىشىلەر ۋېن جياباۋنىڭ تۈركىيە زىيارىتىگە قارشى بايانات ئېلان قىلدى.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﺎﺭﯨﺴﻼﻥ
2010.10.14
Turkler-naraziliqi-wen-jyabaw-turkiye-uyghur-mesilisi-305 ﺳﯜﺭﻩﺕ، ﺗﯜﺭﻙ ﻣﻪﺗﺒﯘﺋﺎﺗﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﺋﯧﻠﯩﻨﯩﭗ ﻛﯩﺮﯨﺸﺘﯜﺭﯛﻟﮕﻪﻥ.
ﺗﯜﺭﻙ ﻣﻪﺗﺒﯘﺋﺎﺗﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﺋﯧﻠﯩﻨﺪﻯ.

يالچىن توپچى: ئىنسانىيەتكە قارشى تراگېدىيە يۈز بېرىۋاتسا ئۇنى كىچىك چاغلاپ خىتاينىڭ زالىملىقىغا كۆز يۇمۇۋاتقانلىقىنى ئەيىبلەيمىز.

تۈركىيە بۈيۈك بىرلىك پارتىيىسىنىڭ رەئىسى يالچىن توپچى 2010 ‏- يىلى 10 - ئاينىڭ 10 ‏- كۈنى بۈيۈك بىرلىك پارتىيىسىنىڭ رەسمىي تور بېتى ئارقىلىق خىتاي باش مىنىستىرىنىڭ تۈركىيە زىيارىتىگە قارشى بايانات ئېلان قىلدى.

تۈركىيە بۈيۈك بىرلىك پارتىيىسىنىڭ رەئىسى يالچىن توپچى باياناتىدا، تۈركىيە ھۆكۈمىتىنىڭ خىتايغا قارىتا ئېلىپ بېرىۋاتقان سىياسىتىنىڭ خاتا ئىكەنلىكىنى، بىر ئىنسانىيەتكە قارشى تراگېدىيە يۈز بېرىۋاتسا، ئۇنى كىچىك چاغلاپ، خىتاينىڭ زالىملىقىنى كۆرمەسكە سالغانلىقىنى ئەيىبلەيدىغانلىقىنى ئىپادىلىدى.

يالچىن توپچى ئەپەندى باياناتىدا، خىتاي باش مىنىستىرى ۋېن جاباۋنىڭ تۈركىيە زىيارىتىنى تەنقىد قىلدى. شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇيغۇرلارنىڭ، خىتاي دۆلىتى ئىجرا قىلىۋاتقان، بېسىم سىياسەت ئاستىدا قىلىۋاتقانلىقىنى ئىپادىلىگەن يالچىن توپچى ئەپەندى مۇنداق دېدى: "خىتاي باش مىنىستىرىنىڭ تۈركىيە زىيارىتىدە تۈركىيە ھۆكۈمىتىنىڭ شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى ھەققىدە نېمىلەرنى ئوتتۇرىغا قويغانلىقىنى، ئىستراتېگىيىلىك ھەمكارلىشىش جەھەتتە كېلىشىمنامىگە ئىمزا قىلىشقاندا، قېرىنداشلىرىمىز، دىنداشلىرىمىز بولغان ئۇيغۇر تۈركلىرى ئۈچۈن قايسى خىل ياخشىلىق تەلەپلەردە بولغانلىقىنى، بىلىشنى خالايمىز."

يالچىن توپچى باياناتىدا يەنە مۇنداق دېدى: "پۈتكۈل دۇنيا خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىگە دىققەت قىلىۋاتقان بىر پەيتتە تۈركىيىنىڭ ئىستراتېگىيىلىك ئورتاقلىشىش ھەققىدە كېلىشىم تۈزۈش بىلەن مەشغۇل بولۇشى ۋە ئۇيغۇر تۈركلىرى ئۈچۈن پكك مەسىلىسىنى ئوتتۇرىغا چىقىرىپ نومۇسسىزلىق قىلىشىغا ھۆكۈمەتنىڭ سۈكۈت قىلىۋاتقانلىقىغا چىداپ تۇرالمايمىز ۋە توغرا تاپمايمىز. خىتاينىڭ پكك تەشكىلاتىنى تېررورچى تەشكىلات دەپ ئېتىراپ قىلماسلىقىمۇ ئىككى دۆلەت مۇناسىۋەتلىرىدە ئايرىم بىر مەسىلە. تۈركىيە ھۆكۈمىتىنىڭ خىتاي سىياسىتىنى خاتا دەپ قارايمىز ۋە ئۇ يەردە بىر ئىنسانىيەتكە قارشى تراگېدىيە يۈز بېرىۋاتسا ئۇنى كىچىك چاغلاپ خىتاينىڭ زالىملىقىغا كۆز يۇمۇۋاتقانلىقىنى ئەيىبلەيمىز."

يالچىن توپچى يەنە، پ ك ك مەسىلىسى بىلەن شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنىڭ ئوخشاشمايدىغان ئىككى ئايرىم مەسىلە ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ مۇنداق دېدى: "پ ك ك تەشكىلاتى قوراللىق تېررورچى زالىم تەشكىلات. ئۇيغۇرلار تېررورچى ئەمەس، پۈتكۈل دەرتلىرى ئىنساندەك ياشاش، خىتاينىڭ زۇلمىدىن، بېسىمىدىن قۇتۇلۇشتىن ئىبارەت. ئۇيغۇرلار بىگۇناھ مەزلۇم خەلق."

ئۇ، باياناتىنىڭ ئاخىرىدا مۇنداق دېدى: "تۈركىيە ھۆكۈمىتى خىتايدىن قورقۇپ رابىيە قادىرغا ۋىزا بېرەلمەيۋاتىدۇ، ھۆكۈمەتنىڭ چۈشەنچىسىدىكى ئىچكى - تاشقى خىتاي كوزىرى ئەپسۇسلىنارلىق بىلەن ئۇيغۇر قېرىنداشلارنىڭ قەھرىمانى رابىيە قادىر خانىمغا ۋىزا بېرىشكە توسالغۇ بولىۋاتىدۇ. رابىيە قادىر خانىم خىتاي زۇلمىنىڭ سىمۋولى، تۈركىيە رابىيە قادىر خانىمغا ئىگە چىقىش كېرەك. تۈركىيە ھۆكۈمىتى خىتاي بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرىدە، شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىگە كۆز يۇمماسلىق كېرەك. شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىگە كىشىلىك ھوقۇق ۋە دېموكراتىيە جەھەتتە بىر نۇقتىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ خەلقئارادا خىتايغا قارشى ئېمبارگو يۈرگۈزۈشتە ئالدىنقى سەپتە رول ئېلىش كېرەك."

مىللەتچى ۋە مۇھاپىزكار پارتىيىسىنىڭ رەئىسى ئەخمەت يىلماز خىتاي بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلەرگە ئاگاھلاندۇرۇش بەردى.

مىللەتچى ۋە مۇھاپىزكار پارتىيىسىنىڭ رەئىسى ئەخمەت يىلماز تۈركىيىنىڭ ئىران ۋە خىتاي مۇناسىۋەتلىرىگە قارىتا ئاگاھلاندۇرۇش بېرىپ، تۈركىيە بىلەن خىتاي مۇناسىۋەتلىرىنىڭ بىر تەھدىت ئىكەنلىكىنى ۋە بۇ مۇناسىۋەتلەرنى توسۇش كېرەكلىكىنى بىلدۈردى.

مىللەتچى ۋە مۇھاپىزكار پارتىيىسىنىڭ رەئىسى ئەخمەت يىلماز تەرىپىدىن "جىھان" خەۋەر ئاگېنتلىقى ئارقىلىق 2010 ‏- يىلى 10 ‏- ئاينىڭ 13 - كۈنى ئېلان قىلىنغان باياناتىدا، تۈركىيە ھۆكۈمىتىنى تەنقىدلەپ، "باش مىنىستىر ئەردۇغان خاتا چۈشەنچىلەردە بولىۋاتىدۇ. نە ئىران، نە سۈرىيە، نە خىتاي بۇ مىللەتكە دوست بولالمايدۇ. بۇ خاتالىقنىڭ كۈچلىنىشىگە تۆھپە قوشۇۋاتقان ھۆكۈمەت، مىللەتنىلا ئەمەس كەلگۈسىدە پۈتكۈل رايوننى چىقىش يولى تاپالمايدىغان بىر تۇيۇق يولغا باشلاپ قويىدۇ"، دېدى.

ئەخمەت يىلماز ئەپەندى باياناتىنىڭ داۋامىدا يەنە مۇنداق دېدى: "خىتاي بىلەن ھەربىي مانېۋىر ئۆتكۈزۈش قوبۇل قىلىنمايدۇ، خىتاي ھەرگىزمۇ تەڭتۇش ئەمەس، بەلكى تەڭپۇڭلۇقنى بۇزىدىغان بىر كاندىدات. خىتاي ئۆز ئورنىدىن ھەرىكەت قىلماسلىقى كېرەك. خىتاينىڭ سەددىچىن سېپىلىدىن ئېشىشىنى توسۇش كېرەك. ھۆكۈمەت ئىسرائىلىيىنى دۈشمەن دەپ قارىغانلىقى سەۋەبىدىن ئىران ۋە سۈرىيە مۇناسىۋەتلىرىدىكى خاتالىقنى ھېس قىلماي، خىتاي ۋە ئىران بىلەن بولغان خاتا مۇناسىۋەتلىرىنى كۈچلەندۈرۈۋاتىدۇ. ئىران خىتاينى قوللاپ، دۇنيا ئۈچۈن چوڭ بىر تەھدىت پەيدا قىلىشقا تەييارلىق قىلىۋاتىدۇ. ھەم ئىران ھەم خىتاينى 'توختا!' دەپ ئاگاھلاندۇرۇش بېرىش كېرەك. دۇنيا ئامېرىكىدىن بەش ھەسسە ئارتۇق چوڭلۇقتا بولغان، خىتايدىن قۇتۇلالمايدۇ. ئىران ئامېرىكا بىلەن تەڭپۇڭلۇقنى ساقلاش ئۈچۈن تېخىمۇ خەتەرلىك بىر قەدەم بېسىپ خىتايغا ئوخشاش خۇدانى تونۇمايدىغان بىر كۈچنى ئوتتۇرا شەرققە تارتىپ كىرىشكە تىرىشماقتا. تۈركىيە ھۆكۈمىتىمۇ ئىسرائىلىيىگە بولغان دۈشمەنلىكى سەۋەبىدىن بۇنى قوللىماقتا."

ئەخمەت يىلماز ئەپەندى باياناتىنىڭ داۋامىدا يەنە مۇنداق دېگەن: "خىتاي كۈچلەنگەندە، ئاللاغا ئىشىنىدىغان پۈتكۈل خەلقلەر يېقىن زاماندا چوڭ بىر تەھدىتكە دۇچ كېلىدۇ. خىتاي تارىختىن بۇيان تۈركلەر بىلەن دۈشمەنلىشىپ كەلگەن. خىتاينىڭ ئوتتۇرا شەرققە كەلتۈرۈلۈشى نادانلىقتۇر. تۈركىيە ھۆكۈمىتى، خىتاينىڭ ھەربىي ئەسلىھە ئىشلەپ چىقىرىشقا ياردەم بېرىۋاتقان ئىراننى ئاگاھلاندۇرۇشى كېرەك. ئىران خىتاينىڭ ھەربىي جەھەتتە كۈچلىنىشىنى خالايدۇ. ئىران ۋە خىتاي كۈچلىنىپ دۇنياغا تەھدىت بولۇش پىكرىدە چىڭ تۇرماقتا. ئۆز - ئارا مەنپەئەتلەر رايوننى قىيىن ئەھۋالغا قويىدىغان بىر ۋەزىيەت شەكىللەندى.

2010 - يىلى 10 ‏- ئاينىڭ 9 - كۈنى تۈركىيە مەزلۇملار جەمئىيىتى ئىستانبۇل شۆبە باشلىقى جىھاد كۆكدەمىر، مەزلۇملار جەمئىيىتىنىڭ رەسمىي تور بېتىدە، خىتاي باش مىنىستىرى ۋېن جاباۋنىڭ تۈركىيە زىيارىتىگە قارىتا بايانات ئېلان قىلدى.

باياناتتا مۇنداق دېيىلگەن: "شەرقىي تۈركىستان، ئاسىيادا ئەڭ كۆپ كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرى بولىۋاتقان، ئەڭ مۇھىم مەركەزلەردىن بىرى. خىتاينىڭ ئىشغالى ئاستىدا قالغان بۇ رايوندا، مۇسۇلمان شەرقىي تۈركىستان خەلقىگە قارىتا، يېرىم ئەسىردىن بېرى ئىجرا قىلىنىۋاتقان ئېتنىك ۋە دىنى ئايرىمىچىلىق سىياسەتلىرى سەۋەبىدىن مىڭلىغان ئىنسان ھاياتىدىن ئايرىلدى ۋە يەنە مىڭلىغان ئىنسانلار سەرسان - سەرگەندان بولۇپ دۇنيانىڭ ئوخشىمىغان دۆلەتلىرىدە پاناھلىق تىلەشكە مەجبۇر بولدى."
 
باياناتتا يەنە 5 ‏- ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسى ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېيىلگەن: "2009‏ - يىلى 7 - ئاينىڭ 5 ‏- كۈنى شەرقىي تۈركىستاندا يۈز بەرگەن ۋەقەلەر سەۋەبىدىن، خىتاينىڭ ئون نەچچە يىل ئاسسىمىلياتسىيە قىلىش سىياسەتلىرىنىڭ قۇربانى بولغان ئۇيغۇر ئاز سانلىقلارنىڭ مەسىلىلىرى، خەلقئارا جامائەتنىڭ كۈن تەرتىپىگە يېڭىدىن كەلدى. يۈز بەرگەن ۋەقەلەردە يۈزلىگەن كىشى ئۆلدى ۋە مىڭلىغان كىشى يارىلاندى. ۋەقەنى پەيدا قىلغان دېگەن داۋا بىلەن ئونلىغان ئۇيغۇر ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىندى. يۈزلىگەن كىشى ھازىرمۇ قاماقتا ياتماقتا. خەلق، تۇتقۇن قىلىش ۋە قىيىن قىستاققا ئېلىش، تۇيۇقسىز يوقاپ كېتىش، تۇتقۇن قىلىنغانلاردىن ئۇزۇن مۇددەت خەۋەر ئالالماسلىققا ئوخشاش ۋەقەلەر شەرقىي تۈركىستاندا يۈز بېرىۋاتقان ۋەقەلەردۇر. ئۇنىڭدىن باشقا يەنە مەھبۇسلارنىڭ جىسمىدىكى ئىچكى ئەزالىرىنى سېتىشتەك ئورگان تىجارىتى، نامايىش قىلىش ۋە توپلىنىش جەھەتتىكى ھوقۇقىنىڭ دەپسەندىچىلىكى، ئاخبارات ۋە پىكىر ئەركىنلىكى جەھەتتە چەكلىمىگە ئۇچرىشى، ھەربىي ھالەت ئېلان قىلىش، ئىجتىمائىي ۋە مەدەنىيەت ساھەلەردە ئېلىپ بېرىلىۋاتقان بېسىملار، شەرقىي تۈركىستاندا يۈز بېرىۋاتقان باشتا كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسى قاتارلىق نۇرغۇن مەسىلىلەر ھەل قىلىنىشىنى كۈتۈپ تۇرماقتا.
 
باياناتنىڭ ئاخىرىدا يەنە مۇنداق دېيىلگەن: "مەزلۇم دەر جەمئىيىتى، خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتى ئەمەلدارلىرىغا قارشى 5 ‏- ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەلىرىنىڭ باش جاۋابكارلىرى ھەققىدە تۈركىيە سوت مەھكىمىسىگە جىنايەت ئىشلىگەنلىكىگە ئالاقىدار ئەرز سۇنغان بولۇپ، بۇ جاۋابكارلار تىزىملىكىدە باش مىنىستىر ۋېن جاباۋنىڭ ئىسمى يېزىلغان. مەزلۇملار جەمئىيىتى، تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى مىنىستىرلىرىنى، ئۇيغۇرلارنىڭ بېشىغا كەلگەنلەرگە كۆز يۇمماسلىققا، خەلقئارا مۇناسىۋەتلەردە كىشىلىك ھوقۇققا ھۆرمەت قىلىدىغان بىر مەيداندا تۇرۇشقا چاقىرىق قىلىدۇ. مەزلۇملار جەمئىيىتى تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىنى، خىتاي دۆلىتى بىلەن ئېلىپ بېرىلغان ھەر قانداق مۇناسىۋەتلەردە شەرقىي تۈركىستان ۋە تىبەتكە ئوخشاش رايونلاردا يۈز بېرىۋاتقان ۋەقەلەرگە دىققەت قىلىشقا چاقىرىق قىلىدۇ.

باياناتنىڭ ئاستىغا مەزلۇملار جەمئىيىتى ئىستانبۇل شۆبە باشلىقى جىھات گۆكدەمىرنىڭ ئىمزاسى يېزىلغان.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.

 
پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.