جۇمھۇرىيەت خەلق پارتىيىسى مۇئاۋىن باشلىقى بىلەن خىتاي زىيارىتى ھەققىدە سۆھبەت

ئىككى كۈندىن بېرى خىتايدا رەسمىي زىيارەتتە بولۇۋاتقان تۈركىيە جۇمھۇرىيەت خەلق پارتىيىسى رەئىسى كەمال قىلىچدارئوغلۇ زىيارەت داۋامىدا خىتاي ھۆكۈمىتى ۋە كومپارتىيىسى دائىرىلىرى بىلەن ئايرىم-ئايرىم كۆرۈشۈشتە بولدى ۋە ئۇلارنىڭ ھەدىيىلىرىنى قوبۇل قىلدى.
ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەركىن تارىم
2013.01.15
faruq-loghoghlu-bilen-sohbet-305.jpg تۈركىيە جۇمھۇرىيەت خەلق پارتىيىسى مۇئاۋىن رەئىسى فەرۇق لاغئوغلۇ(سولدا) رادىئومىزغا مەزكۇر پارتىيىنىڭ سىياسىتىنى چۈشەندۈردى. 2013-يىلى 15-يانۋار، تۈركىيە.
Erkin Tarim

12-يانۋاردىن 18-يانۋارغىچە داۋاملىشىدىغان زىيارىتىگە مۇخبىرلار ۋە تىجارەتلەرنى قاتناشتۇرغان قىلىچدارئوغلۇ زىيارىتىنىڭ تۇنجى كۈنى بېيجىڭنىڭ گۇگۇڭ خان سارىيى ۋە سەددىچىن قاتارلىق ساياھەت رايونلىرىنى تاماشا قىلدى. نۆۋەتتە كەمال قىلىچدار ئوغلۇنىڭ ئۈرۈمچىنى زىيارەت قىلىشى، شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىدا نۇتۇق سۆزلىشى ۋە شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پەخرى دوكتورلۇق ئۇنۋانىغا ئېرىشىشى پىلانلانماقتا.

بىز جۇمھۇرىيەت خەلق پارتىيىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى فارۇق لوغئوغلى ئەپەندى بىلەن خىتايغا مېڭىشتىن بۇرۇن سۆھبەت ئۆتكۈزگەن ئىدۇق.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ سۆھبەتنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلىغايسىلەر.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.