بېيجىڭدا مەتبۇئاتتىن يوشۇرۇلغان خ ك پ-ج ھ پ سۆھبىتى
2013.01.16

«ھۆرىيەت» گېزىتىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، جۇمھۇرىيەت خەلق پارتىيىسىنىڭ رەئىسى كامال قىلىچدار ئوغلى باشچىلىقىدىكى ھەيئەت بېيجىڭدا، خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسى مەركىزى كومىتېتىنىڭ تاشقى ئىشلار مەسئۇلى ۋاڭ جىرۇ، خىتاي خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ تاشقى ئىشلار كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى نەن جىنجۇڭ، خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسى مەركىزى كومىتېتىدىن لى يۈەنچاۋ بىلەن ئايرىم-ئايرىم ئۇچراشقان. بۇ ئۇچرىشىشلار مۇخبىرلارغا يېپىق ھالدا ئېلىپ بېرىلغان بولۇپ، تۈركىيىدىن بارغان 16 ئاخبارات ئورنىنىڭ مۇخبىرلىرى ئىككى تەرەپ ئېلىپ بارغان مۇزاكىرىدىن تەپسىلىي مەلۇمات ئالالمىغان.
كامال قىلىچدار ئوغلى پارتىيە رەھبەرلىرى، مۇخبىرلار ۋە سودا-سانائەتچىلەر بولۇپ 120 كىشىلىك ھەيئەت بىلەن مەخسۇس ئايروپىلانغا ئولتۇرۇپ خىتايغا بارغان. كامال قىلىچدار ئوغلى زىيارىتىنى بېيجىڭدىن باشلىغان بولۇپ، شاڭخەي قاتارلىق بىر قانچە شەھەرنى زىيارەت قىلغاندىن كېيىن سەددىچىن سېپىلىنى زىيارەت قىلغان. كامال قىلىچدار ئوغلىنىڭ 6 كۈنلۈك زىيارىتىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى بېكىتى ئۈرۈمچى بولۇپ، ئۇ ئۈرۈمچىدە بىر ئۇنىۋېرسىتېتتا نۇتۇق سۆزلەيدىكەن.
كامال قىلىچدار ئوغلى بېيجىڭدا خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسىنىڭ سىياسىي بيۇرو ئەزاسى لى يۈەنچاۋ بىلەن ئۇچراشقان ۋە سۆھبەت ئېلىپ بارغان، ئۇچرىشىش ئاخىرلاشقاندىن كېيىن كامال قىلىچدار ئوغلى باشچىلىقىدىكى ھەيئەت ئۇيغۇر بىناكارلىق سەنئىتى ئۇسۇلىدا سېلىنغان ساراينى ئايلىنىپ چىققان ھەم تامدىكى رەسىملەر توغرىسىدا چۈشەنچە ئالغان.
ئۇچرىشىش بېيجىڭدىكى ئۇيغۇر بىناكارلىق ئۇسۇلىدا سېلىنغان شىنجاڭ سارىيىدا ئېلىپ بېرىلغان بولۇپ، جۇمھۇرىيەت خەلق پارتىيىسىنىڭ رەھبەرلىرىدىن لوغئوغلى مۇخبىرلارنىڭ بۇ ھەقتىكى سوئاللىرىغا جاۋاب بېرىپ مۇنداق دېگەن:
خىتاي ھۆكۈمىتى، تۈركىيە ئەھمىيەت بېرىپ كېلىۋاتقان ئۇيغۇر تۈركلىرىگە ئۆزلىرىنىڭ ئىگە چىقىۋاتقانلىقىنى ئىشارەت قىلدى. شۇ سەۋەبتىن ئۇلار قىلىچدار ئوغلىنى شىنجاڭ سارىيىدا قارشى ئېلىپ ئۈرۈمچىگە بېرىشنىڭ ئالدىدا بىر قىزغىنلىق كۆرسىتىشنى خالىدى.
بۇ ھەقتە «مىللەت» گېزىتىدە مۇنداق دېيىلگەن: خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسى، ئىقتىسادى ساھەدە ئەركىن سىستېمىنى تېزلەتكەن بولسىمۇ، ئاخبارات ئەركىنلىكى ساھەسىگە چەكلىمە قويۇشنى داۋام قىلماقتا. خىتاي دائىرىلىرى، كامال قىلىچدار ئوغلى بىلەن ئېلىپ بارغان ئۇچرىشىشقا ئالاقىدار تۈركىيە ئاخباراتچىلىرىغا پەقەت بىر قانچە مىنۇتلۇق كۆرۈنۈش ئېلىشقا رۇخسەت قىلىش بىلەن كۇپايە قىلدى. ئالەم بوشلۇقى تەتقىق قىلىش مەركىزىدە بەلگىلىك يەرلەرنى رەسىمگە ئېلىشقا رۇخسەت قىلغاننى ھېسابقا ئالمىغاندا، رەسىم ۋە سىنئالغۇغا ئېلىشقا رۇخسەت قىلمىدى. خۇسۇسەن قىلىچدار ئوغلىنىڭ ھەمراھلىقىدا بارغان ئاخباراتچىلارنىڭ ھېچقانداق پروگراممىغا قاتنىشىشىغا خىتاي تەرىپىدىن رۇخسەت قىلىنمىغانلىقى ئالاھىدە دىققەتنى تارتتى.
«ھۆرىيەت» گېزىتىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ئىككى تەرەپ سۈرىيە مەسىلىسى، ئىقتىسادى مەسىلىلەر توغرىسىدا مۇزاكىرە ئېلىپ بارغان. كامال قىلىچدار ئوغلى ئۇچرىشىشتىكى كۈنتەرتىپ توغرىسىدا سورىغان سوئاللارغا جاۋاب بېرىپ، خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسى ئەمەلدارلىرى، ئىككى تەرەپ مۇناسىۋەتلىرىنى تېخىمۇ تەرەققىي قىلدۇرۇشنى، بۇ مۇناسىۋەت بىلەن ئاياللار ۋە ياشلار تەشكىلاتلىرىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئېلىشنى تەلەپ قىلغانلىقىنى بىلدۈردى.
خەۋەردە بىلدۈرۈشىچە، كامال قىلىچدار ئوغلى يەنە جۇمھۇرىيەت خەلق پارتىيىسىنىڭ خىتاي سىياسىتى توغرىسىدا «بىر جۇڭگو»، «خىتاينىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلاشماسلىق»، «خىتاينىڭ زېمىن پۈتۈنلۈكىگە ھۆرمەت قىلىش»، «يۇرتتا تىنچلىق، جاھاندىن تىنچلىق چۈشەنچىسى بويىچە خىتاي بىلەن تىنچلىقنى ئاساس قىلغان تاشقى سىياسەت» دېگەنگە ئوخشاش مەزمۇنلاردا بايان قىلغان. قىلىچدار ئوغلى خىتاي دائىرىلىرىگە سۈرىيە مەسىلىسى ھەققىدە تۈركىيە، رۇسىيە ۋە خىتاي قاتارلىق ئۈچ تەرەپنىڭ بىرلىكتە يىغىن ئېچىش تەكلىپىنى سۇنغان.
NTV تېلېۋىزىيىسىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسى مەركىزى كومىتېتى سىياسىي بيۇروسىدىن لى يۈەنچاۋ ئۇچرىشىش جەريانىدا، جۇمھۇرىيەت خەلق پارتىيىسىنىڭ سۈرىيە سىياسىتىنى قوللايدىغانلىقىنى، ئەمما باشقا دۆلەتلەرنىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلاشماسلىق كېرەكلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان ۋە تۈركىيىدە ئىقتىسادى كرىزىس بارلىقىنى، ئەمما تۈركىيىنىڭ بۇنى سۈرىيە سىياسىتى بىلەن يوشۇرۇشقا ئۇرۇنۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن.
NTV تېلېۋىزىيىسىنىڭ تور بېتىدە كېرىم ئاتاجان ئىسىملىك بىر شەخس بۇ ھەقتە پىكىر بايان قىلغان بولۇپ مۇنداق دېيىلگەن:
تۈركىيە دۇنيا ئىقتىسادى فوندىغا قەرز بېرەلەيدىغان بىر ھالەتتە تۇرۇۋاتسا، بىر خىتاينىڭ بۇ خىل باياناتلارنى بېرىشى غەيرىي بىر ئىش. ئەسلى مەسىلە شۇكى، خىتاي سىياسىي ئىدېئولوگىيە سەۋەبىدىن سۈرىيە دىكتاتور ھاكىمىيىتىگە ياردەم بېرىۋاتىدۇ، چۈنكى ئەسەد ھاكىمىيىتى يىمىرىلسە، بىر كوممۇنىست دۆلەت دۇنيادىن يوقالغان بولىدۇ، تۈركىيە بۇنىڭدا تەسىر كۈچكە ئىگە بولغانلىقى ئۈچۈن تۈركىيىگە قارشى پۈتۈن كوزىرلارنى قوللىنىشقا ئۇرۇنماقتا، تۈركىيە ئىچىدە خاتا مەلۇماتلار ئارقىلىق ئىچىدىن بېسىم پەيدا قىلىشقا ئۇرۇنۇۋاتىدۇ، بىزدە دانىشمەن دەپ سانىلىۋاتقان ئېقىمدىكى كىشىلەر بۇ دىكتاتورلارنىڭ نېنىغا ياغ سۈرتۈپ خاتالىقىغا ئورتاق بولۇۋاتىدۇ.