'تۈركىيىدە خىتاينى چۈشىنىش' پائالىيىتى قەيسەرىدە ئۆتكۈزۈلمەيدىكەن
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﻪﺭﻛﯩﻦ ﺗﺎﺭﯨﻢ
2010.10.22
2010.10.22

RFA Photo / Erkin Tarim
ھازىرغىچە ئۇيغۇر ناخشا - ئۇسۇل ئۆمىكى ئويۇن قويدى، تۈركىيە - خىتاي مۇناسىۋىتى ھەققىدە ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى، خىتاي تاماقلىرى بايرىمى نامىدا پائالىيەتلەر ئېلىپ بېرىلدى.
پروگرامما بويىچە بۇنىڭدىن كېيىن يازغۇچىلار ئۇچرىشىش، تۈرك ژۇرنالىستلار خىتايدا، خىتاي ژۇرنالىستلار تۈركىيىدە زىيارەت ئېلىپ بېرىش، تېلېۋىزىيە پروگراممىلىرى ھەپتىسى، تۈركىيىدىكى بەزى ئۈنىۋېرسىتېت ۋە تەتقىقات مەركەزلىرىگە خىتايچە كىتاب سوغات قىلىش پائالىيەتلىرى ئۆتكۈزىلىدىكەن.

خىتاينى چۈشىنىش پائالىيىتىنى ئۆتكۈزۈش ئۈچۈن تەييارلىق خىزمىتى 6 ئاي بۇرۇن باشلانغان ئىدى. ھەتتا خىتاي ئەلچىسى گۇڭ بىر قانچە قېتىم قەيسەرى شەھەر باشلىقى ۋە قەيسەرى ۋالىسى بىلەن ئۇچرىشىپ، قەيسەرىدىمۇ خىتاينى چۈشىنىش پائالىيىتى ئېلىپ بېرىشنى قارار قىلغان ئىدى. ئەمما رەسمىي تارقىتىلغان پروگراممىدا قەيسەرى يوق.
تۈركىيىدە خىتاينى چۈشىنىش پائالىيىتىگە ئۇيغۇرلارنى يېقىن كەلتۈرمەيۋاتىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە خىتايلار تۈركىيىدە قورققان ھالدا پائالىيەت ئۆتكۈزمەكتە. ئۇيغۇر سەنئەتچىلەر ئىستانبۇلدا ئويۇن قويغاندا ئىستانبۇلدا كوچىلاردا مال سېتىپ تىجارەت قىلىۋاتقان خىتايلارنى ئەكىلىپ ئۇيغۇرچە نۇمۇرلارنى كۆرسەتكەن بولسىمۇ، ئىستانبۇلدىكى ئۇيغۇرلارنى زالغا كىرگۈزمىگەن.
بۇ پائالىيەتكە خىتاي ئىنتايىن ئەھمىيەت بېرىۋاتقان بولسىمۇ تۈركىيە ھۆكۈمىتى ۋە تۈرك خەلقىنىڭ قىزىقىشى يوق. تۈرك مەتبۇئاتلىرىدا ناھايىتى ئاز يەر بېرىلمەكتە.
ئۇنداقتا خىتايلار كۈتكەن ئۈمىدىگە يېتەلىدىمۇ؟ خىتاينىڭ ئۇيغۇر سەنئەت ئۆمىكىنىڭ پروگراممىلىرىنى ئۇيغۇرلارغا كۆرسەتمەسلىكىدىكى سەۋەب نېمە؟ خىتاي قەيسەرىدىكى پائالىيىتىنى نېمە ئۈچۈن ئەمەلدىن قالدۇردى؟ بۇ پائالىيەتنىڭ ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتنى تەرەققى قىلدۇرۇشقا نېمە پايدىسى بولار؟ دېگەنگە ئوخشاش سۇئاللارغا جاۋاب تېپىش ئۈچۈن مۇناسىۋەتلىك كىشىلەر بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.
يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى سۆھبىتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.