پرو. دوكتور ئۈمىد ئۆزداغ ئەخمەت داۋۇدئوغلۇنىڭ زىيارىتى ھەققىدە توختالدى

تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئەخمەت داۋۇدئوغلۇ ئۈرۈمچىدىكى زىيارىتىنى تاماملاپ شىئەنگە قاراپ ئۇچقان. ئۇ قەشقەردە مۇخبىرلارغا بەرگەن باياناتىدا، "تۈركىيە - خىتاي مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىي قىلىشى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى قېرىنداشلىرىمىز ئۈچۈنمۇ كۆپ پايدىلىق" دېگەن.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﻪﺭﻛﯩﻦ ﺗﺎﺭﯨﻢ
2010.10.29
Ahmet-davutoglu-qeshqerde-305 ﺳﯜﺭﻩﺕ، ﺗﯜﺭﻛﯩﻴﻪ ﺗﺎﺷﻘﻰ ﺋﯩﺸﻼﺭ ﻣﯩﻨﯩﺴﺘﯩﺮﻯ ﺋﻪﺧﻤﻪﺕ ﺩﺍﯞﯗﺩﺋﻮﻏﻠﯘ ﯞﻩ ﺋﺎﻳﺎﻟﻰ ﻣﻪﻫﻤﯘﺕ ﻗﻪﺷﻘﯩﺮﻯ ﺳﯜﺭﯨﺘﻰ ﺋﺎﻟﺪﯨﺪﺍ.
www.worldbulletin.net ﺩﯨﻦ ﺋﯧﻠﯩﻨﺪﻯ.

تۈركىيە ت ر ت تېلېۋىزىيىسى مۇخبىرى لەۋەنت ئۇلۇچەر بېيجىڭدىن ئەۋەتكەن خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، تۈركىيە ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى بېشىر ئاتالاي ئەپەندىمۇ بېيجىڭدا خىتاي جامائەت خەۋپسىزلىك مىنىستىرى مېڭ جيەنجۇ بىلەن ئەتكەسچىلىك، قانۇنسىز كۆچ، خەلقئارا جىنايەت ۋە تېررورلۇققا قارشى كۈرەشتە ھەمكارلىق قاتارلىق مەسىلىلەر ھەققىدە مۇزاكىرە ئېلىپ بارغان.
    
تۈركىيە 21 - ئەسىر ئېنىستېتۇتى باشلىقى پروفېسسور دوكتور ئۈمىد ئۆزداغ ئەپەندى تۈركىيە - خىتاي مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققى قىلىۋاتقانلىقىنى، ئەمما ھازىرغىچە بۇنىڭ ئۇيغۇرلارغا پايدا ئېلىپ كەلمىگەنلىكىنى ئېيتىپ مۇنداق دېدى: "تۈركىيە، خىتاي بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى ئۇيغۇرلارغىمۇ پايدا ئېلىپ كېلىدىغان ھالدا ئورنىتىلسا، ئۇ ۋاقىتتا تاشقى ئىشلار مىنىستىرىنىڭ باياناتى بىزنى مەمنۇن قىلىدۇ. ئەمما، ھازىرغىچە تۈركىيە - خىتاي مۇناسىۋىتىدىكى تەرەققىياتنىڭ ئۇيغۇرلارغا پايدا ئېلىپ كەلگەنلىكىنى كۆرۈپ باقمىدۇق. ئەگەر تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ ئۇيغۇرلارغا پايدا يەتكۈزۈش مەقسىتى بولسا، بۇنىڭ ئۈچۈن ئالاھىدە كۈچ چىقىرىشى كېرەك. بۇ پەقەتلا ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى سىياسىي، ئىقتىسادىي، تىجارىي مۇناسىۋەتلەر تەرەققىي قىلىۋاتىدۇ دېگەن بىلەنلا بولمايدۇ. چۈنكى خىتاي بىر تەرەپتىن تۈركىيە بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى تەرەققىي قىلدۇرسا، يەنە بىر تەرەپتىن ئۇيغۇرلارغا بولغان بېسىمىنىمۇ كۈچەيتىۋاتىدۇ."

پروفېسسور دوكتور ئۈمىد ئۆزداغ ئەپەندى تۈركىيىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىگە داۋاملىق ھالدا ئۇيغۇر مەسىلىسىنى تەكىتلەپ تۇرۇشى كېرەكلىكىنى ئېيتىپ مۇنداق دېدى: "تۈركىيە ئۇيغۇر مەسىلىسىگە ئەھمىيەت بېرىۋاتقانلىقىنى بېيجىڭ ھۆكۈمىتىگە داۋاملىق ھالدا ئەسكەرتىپ تۇرۇشى كېرەك."

پروفېسسور دوكتور ئۈمىد ئۆزداغ ئەپەندى يەنە، تۈركىيە ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى بېشىر ئاتالاينىڭ خىتاي ج خ مىنىستىرى بىلەن بۇ قېتىم ئېلىپ بارغان مۇزاكىرىسىنىڭ ئۇيغۇرلارغا روھىي جەھەتتىن زىيان سېلىشتىن باشقا ھېچبىر رولى يوقلۇقىنى ئېيتىپ مۇنداق دېدى: "بۇ مۇزاكىرىنىڭ مەزمۇنىنى بىلمەيمەن. خىتاي پ ك ك تېررور تەشكىلاتىغا قارشى تۈركىيىگە قانداق ياردەم قىلار بۇنىڭغا گۇمان بىلەن قارايمەن. خىتاينىڭ تېررور خەۋپى ئاستىدا ئەمەسلىكىنىمۇ ياخشى بىلىمىز. تۈركىيە خىتايغا قانداق ياردەم قىلىدۇ. بۇلار ئېنىق ئەمەس. تۈركىيە ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى بېشىر ئاتالاي بېيجىڭدا ئېلىپ بېرىۋاتقان بۇ مۇزاكىرىدىن ھىچ نېمە چىقمايدۇ. بۇ خىل مۇزاكىرىلەر پەقەتلا سىمۋوللۇق ئەھمىيەتكە ئىگە. بۇ ئۇيغۇرلارغا روھىي جەھەتتىن زىيان بېرىدۇ."

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.