تۈركىيە مەتبۇئاتلىرىدا ۋېن جياباۋنىڭ تۈركىيە زىيارىتى مەسىلىسى

خىتاي باش مىنىستىرى ۋېن جياباۋنىڭ 10 - ئاينىڭ 8 - كۈنىدىن 10 - كۈنىگىچە تۈركىيىدە ئېلىپ بارغان رەسمىي زىيارىتى شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنى يەنە بىر قېتىم تۈركىيىنىڭ كۈنتەرتىپىگە ئېلىپ كەلدى.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﻪﺭﻛﯩﻦ ﺗﺎﺭﯨﻢ
2010.10.11
Wen-jyabawgha-eltilghan-ayaq-305 ﺳﯜﺭﻩﺗﺘﻪ، 10 - ﺋﺎﻳﻨﯩﯔ 8 - ﻛﯜﻧﻰ، ﺧﯩﺘﺎﻱ ﺑﺎﺵ ﻣﯩﻨﯩﺴﺘﯩﺮﻯ ﯞﯦﻦ ﺟﻴﺎﺑﺎﯞﻧﯩﯔ ﻣﺎﺷﯩﻨﯩﺴﯩﻐﺎ ﻗﺎﺭﯨﺘﯩﭗ ﺋﯧﺘﯩﻠﻐﺎﻥ ﺋﺎﻳﺎﻍ.
www.worldbulletin.net

تۈركىيە باش مىنىستىرى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان بىلەن خىتاي باش مىنىستىرى ۋېن جياباۋ بىرلىكتە ئۆتكۈزگەن مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا، رەجەپ تاييىپ ئەردوغان پەقەتلا ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى تىجارىي مۇناسىۋەت ھەققىدىلا توختالدى.

خىتاي باش مىنىستىرى ۋېن جياباۋ بولسا ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى تىجارىي مۇناسىۋەتتىن باشقا يەنە تېررورىزمغا قارشى كۈرەشتە ھەمكارلىقنى كۈچەيتىش ھەققىدىمۇ توختالدى.

مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى قىسقا بولدى. ئاخىرىدا مۇخبىرلارنىڭ سوئال سورىشىغىمۇ رۇخسەت قىلىنمىدى. مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا ئىككى باش مىنىستىر ئۇيغۇر مەسىلىسىنى تىلغا ئالمىغان بولسىمۇ، لېكىن تۈركىيىدىكى پۈتۈن گېزىت، رادىئو ۋە تېلېۋىزىيىلەر 4 كۈندىن بېرى شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىگە ئورۇن بەرمەكتە.

10 - ئاينىڭ 8 - كۈنى ئەتىگەندە ۋېن جياباۋ تۇرغان مېھمانخانىدىن چىقىۋاتقاندا ئىككى ئۇيغۇرنىڭ ۋېن جياباۋنىڭ ماشىنىسىغا ئاياغ ئېتىش بىلەن باشلىغان نارازىلىق نامايىشى، ئەتىسى , يەنى 10 - ئاينىڭ 9 - كۈنى ئىستانبۇلدا داۋاملاشتى. بۇ نارازىلىق نامايىشلىرى تۈركىيە مەتبۇئاتلىرىدا كەڭ - كۆلەمدە يەر ئالدى. ئىنتېرنېت ۋە تېلېۋىزىيە خەۋەرلىرىدە "شەرقىي تۈركىستانلىقلار خىتاي باش مىنىستىرىنى ئايىغى بىلەن كۈتۈۋالدى"، "شەرقىي تۈركىستانلىقلار خىتاي باش مىنىستىرىگە ئاياغ ئاتتى" دېگەندەك تېمىلار يورۇتۇلدى.
Turk-metbuatida-sherqiy-turkistan-Turkiye-Xitay-Wenjyabaw-305
ۋاقىت گېزىتى 10 - ئاينىڭ 9 - كۈنىدىكى خەۋىرىدە "باش مىنىستىرلىك بىناسىنىڭ ئىچىدە توختامنامىلەرگە قول قويۇلدى سىرتتا خىتايغا نارازىلىق نامايىشى ئۆتكۈزۈلدى" تېمىسىدا خەۋەر قىلدى. بۇ خەۋەردە تۈركىيە باش مىنىستىرى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان بىلەن خىتاي باش مىنىستىرى ۋېن جياباۋنىڭ ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدا سودا، قاتناش، مەدەنىيەت ۋە ئالاقە - ئۇچۇر قاتارلىق ساھەلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 8 توختامنامىغا قول قويغانلىقى، دەل بۇ توختامنامىلارغا قول قويۇلىۋاتقاندا ئىستانبۇل، قەيسەرى ۋە ئەنقەرەدىن كەلگەن كۆپ ساندا شەرقىي تۈركىستانلىقنىڭ بىنا سىرتىدا نارازىلىق نامايىشى ئۆتكۈزگەنلىكى يېزىلغان.
 
ستار گېزىتىدە ئېلان قىلىنغان، "خىتاي بىلەن بولغان تىجارەتتە تارىخىي قەدەم تاشلاندى" ماۋزۇلۇق خەۋەردە ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى تىجارەتتە تۈرك لىراسى بىلەن خىتاي پۇلى يۇئەننىڭ ئىشلىتىلىدىغانلىقى يېزىلغان. بۇ ماقالىدە تۈركىيە بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدا تۈزۈلگەن 8 ساھەدىكى توختامنامىغا قول قويۇلغانلىقى، بۇلارنىڭ ئىچىدىكى مۇھىملىرى بولسا تۈركىيە بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى تىجارەتتە دوللار ئىشلەتمەي تۈرك لىراسى بىلەن يۈئەننىڭ ئىشلىتىلىشى، ئەسكى شەھىر بىلەن ئىستانبۇل، ئەنقەرە بىلەن سىۋاس ئوتتۇرىسىدىكى تېز پويىزنى خىتاي بىلەن ئورتاق ياساش، بۇلاردىن باشقا ئىستانبۇلدىن بېيجىڭغا بارىدىغان "زامانىۋى يىپەك يولى" نامىدىكى تۆمۈر يولنى خىتاي دۆلىتى بىلەن ئورتاق ياساش، تېخنولوگىيە جەھەتتىكى ھەمكارلىققا ئوخشاش بىر يۈرۈش توختامنامىلار ئىكەنلىكى يېزىلغان.
Turk-metbuatida-sherqiy-turkistan-Turkiye-Xitay-305
بۇلاردىن باشقا تۈركىيە باش مىنىستىرى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان 2015 - يىلىدا تۈركىيە بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى تىجارەت سوممىسىنى 50 مىليارد دوللارغا چىقىرىشنى پىلانلاۋاتقانلىقىنى ئېيتتى. تۈركىيىنىڭ ئەڭ نوپۇزلۇق گېزىتلىرىدىن بىرى بولغان رادىكال گېزىتىدە، "تۈركىيە بىلەن خىتاي ئىستراتېگىيىلىك ئورتاق بولىدۇ" دېگەن تېمىدا ماقالە ئېلان قىلىندى. ماقالىنىڭ ئاستىدىكى كىچىك ماۋزۇدا "خىتاي باش مىنىستىرى ۋېن جياباۋنىڭ تۈركىيە زىيارىتى شەرقىي تۈركىستانلىقلارنىڭ نامايىشى بىلەن ليۇ شاۋبوغا بېرىلگەن نوبېل مۇكاپاتىنىڭ سايىسىدا كۆمۈلۈپ قالدى" دېيىلگەن. تۈركىيىنىڭ ئەڭ چوڭ گېزىتلىرىدىن بىرى بولغان ھۈررىيەت گېزىتىدە "ئۇيغۇرلارغا ئىگە چىقىش ۋاقتى ئەمەس" تېمىسىدا ئوبزور ئېلان قىلىندى.

مەمەت يىلماز يازغان ئوبزورىدا مۇنداق دېيىلگەن: "خىتايلار بىلەن سودا - ھەمكارلىق توختامنامىسى تۈزىدۇق. توختامنامىدا ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى تىجارەتنى 10 مىسلى كۆپەيتىش قارار قىلىندى. كۆپەيتسەك كىمگە پايدا ئېلىپ كېلىدۇ؟ خىتايدىن ئالغان مېلىمىز ساتقان مېلىمىزدىن 10 ھەسسە كۆپ، يەنى بىز زىيان تارتىۋاتىمىز."
 
ئوبزورچى مەمەت يىلماز ئەپەندى ئوبزورىدا ئۇيغۇر مەسىلىسى ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دەپ يازىدۇ: "خىتاي باش مىنىستىرى ۋېن تۈركىيىگە كەلگەن كۈنى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەئىسى رابىيە قادىر خانىم بىلەن ئېلىپ بېرىلغان بىر سۆھبەت ئەلجەزىرە تېلېۋىزىيىسىدە بېرىلدى. رابىيە قادىر خانىم بەزىدە كۆز ياشلىرىنى تۇتالماستىن خىتايلارنىڭ ئۇيغۇرلارغا ئېلىپ بېرىۋاتقان بېسىم ۋە قىرغىنچىلىق سىياسىتىنى ئاڭلاتتى. باش مىنىستىرىمىز رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ بۇ ھەقتە خىتاي باش مىنىستىرىگە بىر نەرسىلەر دېيىشىنى كۈتمىدىم. چۈنكى، خىتايدىن مەنپەئەت بار، پۇل بار. ئۇيغۇرلارغا ئىگە چىقسا بىچارە ئۇيغۇرلاردىن پايدا تەگمەيدۇ، ئۇيغۇرلار ئەرەبلەرگە ئوخشاش رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ رەسىمىنى ئۆيىگە ئاسالمايدۇ. ئۇيغۇرلار ۋەتىنىدە نامايىش قىلىپ رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ رەسىمىنى قولىدا كۆتۈرەلمەيدۇ. بۇنداق بىر ۋەزىيەتتە بىچارە ئۇيغۇرلارنىڭ ھەققىنى نېمىشقا قوغدىسۇن؟"
   
بۇ قېتىمقى زىيارەتتە خىتاي باش مىنىستىرى ۋېن جياباۋ تېررورىزمغا قارشى كۈرەشتە ھەمكارلىق ئېلىپ بېرىشنى تەكىتلىگەن بولسىمۇ تۈركىيە باش مىنىستىرى رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ بۇنى تىلغا ئالماسلىقىنى قانداق چۈشىنىشىمىز كېرەك؟   

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.

 
پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.