ئىستانبۇلدا «ئىستىخبارات ۋە جاسۇسلۇق ھەرىكەتلىرىگە قارشى تاقابىل تۇرۇش» دېگەن تېمىدا يىغىن ئۆتكۈزۈلدى
2013.01.21

بۇ يىغىنغا شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ رەھبەرلىرى ۋە ئەزالىرى بولۇپ 50 كە يېقىن ياشلار قاتناشتى. يىغىنغا، تۈركىيە ئىستراتېگىيە تەتقىقات چۈشەنچىلەر ئىنستىتۇتىنىڭ مۇتەخەسسىسى دوكتور ئەركىن ئەكرەم ئالاھىدە تەكلىپ بىلەن قاتنىشىپ «ئىستىخبارات ۋە جاسۇسلۇققا قارشى تاقابىل تۇرۇش» دېگەن تېمىدا لېكسىيە بەردى.
دوكتور ئەركىن ئەكرەم ئالدى بىلەن ئىستىخبارات ۋە جاسۇس توغرىسىدا يېزىلغان بىر قۇر ئاساسىي كىتابلارنى تونۇشتۇرۇپ ئۆتتى كېيىن، ئىستىخباراتنىڭ كېلىپ چىقىشى، ئىستىخبارات ھەرىكەتلىرى، ۋە ئىستىخباراتقا قارشى قانداق تاقابىل تۇرۇش دېگەن مەزمۇندا ئومۇمىي چۈشەنچە بەردى. ئۇنىڭدىن كېيىن يەنە جاسۇسلارنىڭ ئاخباراتلارنى قانداق ئۇسۇلدا توپلايدىغانلىقى، ئىستىخباراتقا ۋە جاسۇسلۇققا قارشى قانداق تاقابىل تۇرۇش كېرەكلىكى توغرىسىدا توختالدى.
دوكتور ئەركىن ئەكرەم سۆزىدە يەنە چەتئەل ئىستىخبارات ئورگانلىرى توغرىسىدا توختالدى ۋە خىتاي، ئامېرىكا ۋە تۈركىيە قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ ئىستىخبارات ئىدارىلىرىنىڭ خىزمەت پائالىيەتلىرى توغرىسىدا مەلۇمات بەردى. ھەر قانداق دۆلەت ئىستىخبارات ئورگىنى بولمىسا پۇت تىرەپ تۇرالمايدىغانلىقىنى، بىلدۈردى ۋە دۆلەت بىخەتەرلىكى ۋە سىياسىتىنىڭ ئىستىخبارات ئورگىنى بىلەن زېچ مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكىنى ئىپادىلىدى.
دوكتور ئەركىن ئەكرەم سۆزىدە، ئىستىخبارات ۋە ئىستراتېگىيىنىڭ مۇناسىۋىتى، ئىستىخباراتنىڭ ئەخلاق ئۆلچىمى، ئىستىخبارات ۋە ئىستىخباراتقا قارشى تۇرۇشنىڭ ماھىيىتى توغرىسىدا توختالدى ۋە خىتاي ئىستىخبارات ھەرىكەتلىرىنى مىسال قىلىپ چۈشەندۈردى. جاسۇسلارنىڭ، سىياسىي، ئىقتىسادى، تىجارى ۋە ئەسكەر ساھەلەردە مەخپىي ئۇچۇر توپلاش ۋە ياكى شۇنىڭغا ئوخشاش پائالىيەت قىلىش بىلەن شۇغۇللىنىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى ۋە ئىستىخبارات ۋە جاسۇسلۇققا قارشى تۇرۇشتىكى قىيىنچىلىقلارنى سۆزلەپ ئۆتتى شۇنداقلا جاسۇسلارنىڭ سالاھىيىتىنى ئېنىقلاش ئەڭ قىيىن ئىش ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.
دوكتور ئەركىن ئەكرەم سۆزىدە يەنە ئىستىخبارات ۋە جاسۇسلۇق ھەرىكەتلىرىنىڭ ئۈچ تۈرلۈك يولى بارلىقىنى ئىپادىلىدى.
1-قانۇنلۇق ئىستىخبارات، بۇ بولسا ئۇچۇق ئاخباراتلاردىن ئۇچۇر توپلاش.
2-قانۇن بىلەن قانۇنسىزلىق ئوتتۇرىسىدا ئاخبارات توپلاش. يەنى قانۇنلۇق سالاھىيىتى بىلەن ھەر تۈرلۈك ساھەلەردە دۆلەت مەمۇرلىرى، مىنىستىرلار، مەسلىھەتچىلەر، دىپلوماتلار ۋە مۇخبىرلار ۋە ئىستراتېگىيە تەتقىقات ئورگانلىرىنىڭ مۇتەخەسسىسلىرى بىلەن ئۇچۇرۇشۇپ سۆھبەت قىلىش ئارقىلىق ئاخبارات توپلاش.
3-قانۇنسىز ئىستىخباراتچىلىق قىلىش. يەنى كېرەكلىك بولغان ئاخباراتلارنى ئوغرىلاش، ئىنسانلارنى پۇل ئارقىلىق سېتىۋېلىش بىلەن، ئېلېكترونلۇق ۋە ياكى دىجىتال مۇھىتتىن پايدىلىنىپ قانۇنسىز ھالدا ئاخبارات توپلاش دېگەنگە ئوخشاش.
دوكتور ئەركىن ئەكرەم بۇ ئۈچ خىل جاسۇسلۇق ھەرىكەتلەرگە قارشى تەدبىر ئېلىش ئۇسۇللىرىنى سۆزلەپ ئۆتتى. ۋە بۇ ئۈچ خىل جاسۇسلۇق پائالىيىتىگە قارشى 3 تۈرلۈك تەدبىر توغرىسىدا تەپسىلىي توختالدى.
1-ھەر تۈرلۈك ئاۋاز تىڭشىغۇچ جىھازلارنىڭ خەۋپىگە قارشى بىخەتەرلىكنى كۈچەيتىش. مەخپىيەتلىكنى ساقلىغۇچى خادىملارنى داۋاملىق تەكشۈرۈپ تۇرۇش. مەتبۇئاتقا مەلۇمات بەرگەندە ۋە يىغىنلاردا سۆز قىلغاندا مەخپىيەتلىككە ئالاقىدار گەپ سۆزلەرنى قەتئىي قىلماسلىق.
2-ھوشيارلىقنى ئۆستۈرۈش، مەخپىي ھۆججەتلەرنى بىخەتەر ئورۇندا ساقلاش.
3-مەخپىيەتلىكنى داۋاملىق نازارەت قىلىش، كۆزىتىپ تۇرۇش كېرەك.
ئۇنداق بولمايدىكەن، قانۇنسىز ئاخبارات توپلىغۇچى جاسۇسلار شۇ ساھەدە مۇتەخەسسىس بولغانلىقى ئۈچۈن بەزى ۋاقىتلاردا جاسۇسقا قارشى ئېلىنغان تەدبىرلەر يېتەرلىك بولمايدىكەن. شۇنىڭ ئۈچۈن بۇنداق ۋەزىيەتتە كەڭ تۈردە نازارەتنى كۈچەيتىپ دىققەتلىك بولۇش كېرەك بولىدىكەن.
بۇ يىغىن ئىككى سائەت داۋام قىلغان بولۇپ، ئاخىرىدا خىتاي ئىستىخبارات ئىدارىسىنىڭ ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن جاسۇسلۇق قىلىش ھەرىكەتلىرى توغرىسىدا سوئال-جاۋاب بىلەن ئاياغلاشتى.