تۈركىيىدە ئوقۇش پۈتتۈرگەن ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار دىپلومىلىرىنى مىنىستىرنىڭ قولىدىن ئالدى

1991 - يىلى سوۋېت ئىتتىپاقى پارچىلانغاندىن كېيىن، 1992 - يىلىدا تۈركىي جۇمھۇرىيەت ۋە دۇنيانىڭ ھەرقايسى دۆلەتلىرىدە ياشاۋاتقان تۈركىي مىللەتلەردىن ئوقۇغۇچى ئەكىلىپ تۈركىيىدە ئوقۇتۇش ئىش پىلانى باشلىتىلغان ئىدى.

0:00 / 0:00

5 - ئاينىڭ 9 - كۈنى مائارىپ مىنىستىرلىكىنىڭ چوڭ زالىدا ئۆتكۈزۈلگەن بۇ ئوقۇش پۈتتۈرۈش مۇراسىمىدا ئالدى بىلەن، بۇ ئىش پىلانى تونۇشتۇرۇلغان ھۆججەتلىك فىلىم كورسىتىلدى. بۇ ھۆججەتلىك فىلىمدە ھازىرغىچە تۈركىيىدە ئۇنىۋېرسىتېت پۈتتۈرگەن تۈركىي مىللەتلەردىن كەلگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ سانىنىڭ 5000 ئىكەنلىكى، ھازىرغىچە تۈرك ئۇنىۋېرسىتېتلىرىغا كىرگەن ئوقۇغۇچى سانىنىڭ 7500 ئىكەنلىكى ئاڭلىتىلدى.

كېيىن تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى مىللىي مائارىپ مىنىستىرى نىمەت چۇبۇقچۇ خانىم، مىنىستىر بولغاندىن كېيىنكى تۇنجى نۇتقىنى بۇنداق مەنىلىك بىر مۇراسىمدا قىلغانلىقى ئۈچۈن ئۆزىنى ئىنتايىن بەخىتلىك ھىس قىلىۋاتقانلىقىنى ئاڭلىتىپ مۇنداق دېدى: "بۇنداق مەنىلىك بىر كۈندە ئاراڭلاردا بولغانلىقىم ئۈچۈن ئىنتايىن خۇرسەن بولدۇم. ھەممىڭلەرگە چىڭ كۆڭلۈمدىن ھۆرمەت بىلدۈرىمەن. مەن مىنىستىر بولغاندىن كېيىن قاتناشقان تۇنجى يىغىننىڭ بۇنداق مەنىلىك بىر يىغىن بولۇشىمۇ مېنى ئىنتايىن خۇرسەن قىلغانلىقىنى تەكىتلىمەكچىمەن. 1992 - يىلى باشلىتىلغان تۈركىي مىللەتلەردىن ئوقۇغۇچىلارنى تۈركىيىگە ئەكىلىپ ئوقۇتۇش ئىش پىلانى يېڭى مۇستەقىل بولغان تۈركىي جۇمھۇرىيەتلەرگە ۋە تۈركىي مىللەتلەرگە ئىختىساسلىق كىشىلەرنى يېتىشتۈرۈپ بېرىشتە ئىنتايىن مۇھىم رول ئويناش بىلەن بىرگە، بىر تۇغقان تۈركىي مىللەتلەرنىڭ ئۆزئارا چۈشىنىشىدە ئىنتايىن مۇھىم رول ئوينىماقتا."

نىمەت چۇبۇقچۇ خانىم تۈركىي مىللەتلەردىن ئوقۇغۇچى ئوقۇتۇش ئىش پىلانىدىن 57 دۆلەتتىن كەلگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ پايدىلىنىۋاتقانلىقىنى ئاڭلىتىپ مۇنداق دېدى: "بۇ ئىش پىلانىدىن بۈگۈنگىچە سانسىز ئوقۇغۇچىلار پايدىلاندى. بۇنىڭدىن پايدىلىنىۋاتقان دۆلەت ۋە رايونلارنىڭ سانى ھازىر 57 گە چىقتى. بىز تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى دۆلىتى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن بۇ ئىش پىلانىغا ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىۋاتىمىز. سىلەر كېلەچەكتە تۈركىي مىللەتلەر ئارىسىدىكى كۆۋرۈكلۈك ۋەزىپىسىنى ئۆتەيسىلەر. ھەممىڭلەرنىڭ بۇنىڭدىن كېيىنكى ھاياتىڭلاردا مۇۋەپپەقىيەتلىك بولۇشىڭلارنى تىلەيمەن."

كېيىن ئەخمەت يېسىۋى ئۇنىۋېرسىتېتى ناخشا - ئۇسسۇل ئۆمىكى ئويۇن قويۇپ، قىرغىز، ئۇيغۇر، قازاق ئازەربايجان ۋە تۈرك ناخشا - ئۇسسۇللىرىدىن نەمۇنىلەر كۆرسەتتى.

تۈركىيە مائارىپ مىنىستىرلىكى بۇ يىل ئوقۇش پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئاتا - ئانىلىرىنىمۇ ئوقۇش پۈتتۈرۈش مۇراسىمىغا تەكلىپ قىلغان بولۇپ، ئۇلارنى سەھنىگە تەكلىپ قىلىپ، مىنىستىر نىمەت چۇبۇقچۇ ئۇلارغا بىر يۈرۈش سوۋغاتلار بەردى.

كېيىن تۈركىيە دۆلەت مىنىستىرى نىمەت چۇبۇقچۇ خانىم 22 دۆلەتتىن كەلگەن تۈركىي مىللەت ئوقۇغۇچىلارنىڭ دىپلوملىرىنى ئۆز قولى بىلەن تارقاتتى.

بىز ئوقۇش پۈتتۈرۈش مۇراسىمى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، مىكروفونىمىزنى يېڭى ئوقۇش پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئاتا - ئانىلىرى ۋە ئوقۇغۇچىلارغا ئۇزاتتۇق.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.