تۈركىيە دۆلەت تېلېۋىزىيىسىدە `شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى`

2008 - يىلى بېيجىڭ ئولىمپىك مۇسابىقىسىنى باھانە قىلىپ تۇرۇپ خىتايلارنىڭ ئۇيغۇرلارغا ئېلىپ بارغان بېسىم سىياسىتىگە تۈركىيە مەتبۇئاتلىرى ئالاھىدە يەر بەردى.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﻪﺭﻛﯩﻦ ﺗﺎﺭىم
2008.11.25
Tur-dolet-TV-uyg-mesile-305.jpg 11 - ﺋﺎﻳﻨﯩﯔ 24 - ﻛﯜﻧﻰ، . TRT ، ﻳﻪﻧﻰ ﺗﯜﺭﻛﯩﻴﻪ ﺩﯙﻟﻪﺕ ﺗﯧﻠﯧﯟﯨﺰﯨﻴﯩﺴﯩﺪﻩ ﺑﯧﺮﯨﻠﮕﻪﻥ `ﻣﻪﺭﻫﺎﺑﺎ ﺩﯗﻧﻴﺎ` ﻧﺎﻣﻠﯩﻖ 45 ﻣﯩﻨﯘﺗﻠﯘﻕ ﭘﺮﻭﮔﺮﺍﻣﻤﯩﺪﺍ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﻣﻪﺳﯩﻠﯩﺴﯩﮕﻪ ﻣﻪﺧﺴﯘﺱ ﻳﻪﺭ ﺑﯧﺮﯨﻠﮕﻪﻥ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﺳﯜﺭﻩﺕ، ﺷﯘ ﻛﯜﻧﻜﻰ ﭘﺮﻭﮔﺮﺍﻣﻤﯩﻨﯩﯔ ﺳﻪﻫﻨﻪ ﻛﯚﺭﯛﻧﯜﺷﻰ.
RFA Photo / Erkin Tarim

2008 - يىلىنىڭ مەھمۇت قەشقىرى يىلى دەپ ئېلان قىلىنغانلىقىمۇ مەھمۇت قەشقىرى بىلەن بىرلىكتە ئۇيغۇر مەسىلىسىنىڭمۇ تۈرك مەتبۇئاتلىرىدا ئالاھىدە يەر بېرىلىشىگە سەۋەب بولدى. TRT ، يەنى تۈركىيە دۆلەت تېلېۋىزىيىسى، 11 - ئاينىڭ 24 - كۈنى بېرىشكە باشلىغان `مەرھابا دۇنيا` ناملىق 45 مىنۇتلۇق پروگراممىدا ئۇيغۇر مەسىلىسىگە مەخسۇس يەر بېرىلدى.

پروف. در. چېتىن ئەلماس ئەپەندى بىلەن قىرغىزىستانلىق بەرقان خانىم رىياسەتچىلىك قىلغان بۇ پروگرامما 11 - ئاينىڭ 24 - كۈنى تۈركىيە ۋاقتى چۈشتىن كېيىن سائەت 5تە تارقىتىلدى. بۇ پروگراممىغا ئەنقەرە ھاجەتتەپە ئۇنىۋېرسىتېتى تارىخ ئوقۇتقۇچىسى در. ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى بىلەن قەيسەرىلىك ئۇيغۇر مۇزىكانت ئابدۇللاھ كۆسە ئەپەندىلەر قاتناشتى. `مەرھابا دۇنيا` ناملىق بۇ پروگرامما نەق مەيداندىن تارقىتىلغان پروگرامما بولۇپ، پروگرامما جەريانىدا تېلېۋىزىيە كۆرگۈچىلەر دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن تېلېفون قىلىپ كۆز قاراشلىرىنى بايان قىلىشتى.

`مەرھابا دۇنيا` پروگراممىسىنىڭ رىياسەتچىسى پروف. در. چېتىن ئەلماس ئەپەندى ئالدى بىلەن بۇ پروگراممىنى تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: " بۈگۈن شەرقىي تۈركىستانلىق مېھمانلىرىمىز بار. بۈگۈنكى پروگرامىمىزدا شەرقىي تۈركىستان ھەققىدە سۆھبەت قىلىمىز. سىتۇدىئومىزدا ھاجەتتەپە ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇتقۇچىسى ياردەمچى دوتسېنت در. ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى بىلەن قەيسەرىلىك مۇزىكا مۇئەللىمى ئۇيغۇر مۇزىكانت ئابدۇللاھ كۆسە بىز بىلەن بىللە. ئۇ بىزگە ئۇيغۇر مۇزىكىلىرىدىن ئۆرنەكلەر سۇنىدۇ."

45 مىنۇتلۇق بۇ پروگراممىدا ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخى ۋە بۈگۈنكى مەسىلىلىرى ھەققىدە سۆھبەت ئېلىپ بېرىلغاندىن باشقا ئۇيغۇر ناخشىلىرىدىن ئۆرنەكلەر سۇنۇلدى.


پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.