تۈركىيىدىكى ئۇيغۇرلار روزا ھېيتنى كۆڭلى يېرىم ھالدا ئۆتكۈزمەكتە

بۈگۈن پۈتۈن دۇنيادىكى بىر يېرىم مىليارت مۇسۇلمان، "12 ئاينىڭ سۇلتانى" دەپ ئاتالغان مۇقەددەس رامازان ئېيىنى ئىبادەت ۋە ساخاۋەت بىلەن تاماملاپ، روزى ھېيتنى تەنتەنە بىلەن كۈتۈۋالدى.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﻪﺭﻛﯩﻦ ﺗﺎﺭﯨﻢ
2009.09.21
Istanbuldiki-yighilish-urumqi-shehitliri-305 12 - ﺋﯩﯘﻝ، ﺋﯩﺴﺘﺎﻧﺒﯘﻟﺪﯨﻜﻰ ﭼﺎﻏﻠﯩﻴﺎﻥ ﻣﻪﻳﺪﺍﻧﯩﺪﺍ ﺋﯚﺗﻜﯜﺯﯛﻟﮕﻪﻥ 5 - ﺋﯩﻴﯘﻝ ﺋﯜﺭﯛﻣﭽﻰ ﻗﺎﻧﻠﯩﻖ ﯞﻩﻗﻪﺳﻰ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺋﯚﺗﻜﯜﺯﯛﻟﮕﻪﻥ ﻛﻪﯓ ﻛﯚﻟﻪﻣﻠﯩﻚ ﻳﯩﻐﯩﻠﯩﺸﺪﯨﻦ ﺑﯩﺮ ﻛﯚﺭﯛﻧﯜﺵ.
RFA Photo / Arslan

بۇ مۇبارەك كۈندە، مۇسۇلمانلارنىڭ ئەڭ بۈيۈك ئارزۇسى بولسا، ھېيت نامىزىنى ئىسلامنىڭ شەرتلىرى بويىچە كۆڭۈللۈك ئوقۇش، شۇنداقلا نامازدىن يېنىپ قەبرىستانلىققا بېرىپ تۈگەپ كەتكەن ئاتا - ئانا، ئۇرۇغ - ‏تۇغقا ۋە دوست ‏ - يارەنلىرىنىڭ تۇپراق بېشىدا ئولتۇرۇپ قىرائەت ئۆتكۈزۈش ئارقىلىق، ئۇلارنىڭ روھىغا ئاللاھتىن شاتلىق تىلەش بىلەن بىرگە بىر بىرى بىلەن ھېيىتلىشىش ئارقىلىق ھال ئەھۋال سوراش، ئۆز - ئارا ياردەملىشىشتىن ئىبارەت.

بۇ، مۇسۇلمانلار ئۈچۈن ئەڭ زور مەنىۋى خۇشاللىقتۇر. بۈگۈن تۈركىيىدىكى 75 مىليون مۇسۇلمان تەنتەنىلىك ھالدا روزى ھېيتى ئۆتكۈزمەكتە. ئۇنداقتا تۈركىيىنىڭ ئىستانبۇل، ئەنقەرە ۋە قەيسەرى قاتارلىق جايلىرىدا ئولتۇراقلاشقان ئۇيغۇرلار بۇ روزا ھېيىتنى قانداق ئۆتكۈزۈۋاتىدۇ؟ تۈركىيىدە پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان شەرقىي تۈركىستان ئاممىۋى تەشكىلات مەسۇللىرى ھېيت مۇناسىۋىتى بىلەن دۇنيادىكى ئۇيغۇرلارغا نېمە دېمەكچى؟ تۈركىيىدە ئوقۇۋاتقان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارچۇ؟

زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغانلارنىڭ ھەممىسى ئوخشاشلا بۇ رامازان ئېيىنىڭ شۇنداقلا روزى ھېيتىنىڭ 5 - ئىيۇل ئۈرۈمچى قەتلىئامى تۈپەيلىدىن كۆڭۈللىرى يېرىم ھالدا ئۆتكۈزۈشكەنلىكىنى ئېيتىشتى.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.