ياپونىيىدىكى ئۇيغۇر زىيالىيسى تۇرمەمەت ھاشىم «ئۆزىمىزنىڭ تارىخىنى ئۆزىمىز يېزىشىمىز كېرەك»
2011.09.19
چەتئەلدىكى ئۇيغۇر زىيالىيلىرى ئىچىدە مەيلى ئۇ قايسى دۆلەتتە قايسى كەسىپ بىلەن شۇغۇللانمىسۇن، ئۆز مىللىتىگە بولغان سۆيگۈ ۋە بۇرچ تۇيغۇسىنىڭ تۈرتكىسىدە، ئۆزلۈكىدىن ياكى خالىسانە ھالدا باشقا ئەل، باشقا مىللەتلەرگە ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخى، سىياسىي، ئىجتىمائىي ۋە ئىقتىسادىي ۋەزىيەتلىرى، مەدەنىيەت ۋە سەنئىتىنى تونۇشتۇرۇپ كېلىۋاتقان زىيالىيلار ئاز ئەمەس. ئەنە شۇلارنىڭ قاتارىدىكى، ياپونىيە ئوتتۇرا ئاسىيا تەتقىقات مەركىزىدىكى ئۇيغۇر زىيالىي تۇرمەمەت ھاشىم، 17-سېنتەبىر توكيودا ئۇيغۇر تارىخى ھەققىدە مەخسۇس لېكسىيە سۆزلەش پائالىيىتىنى باشلىدى. تۇرمەمەت ئەپەندىنىڭ كەسپى ئەسلى تارىخ بولمىسىمۇ، ئەمما ئۇ ياپونىيىدە ئۇزۇن يىل ئوقۇش ۋە ياشاش جەريانىدا، ئۇيغۇر تارىخىغا قىزىققۇچىلارنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر تارىخىنى بۇرمىلاپ ئېلان قىلغان ناتوغرا ماتېرىياللارغا مۇراجىئەت قىلىۋاتقانلىقىنى بايقاپ، ئۇيغۇر تارىخىنى ياپونىيىلىكلەرگە ھەقىقىي تۈردە توغرا يەتكۈزۈشنىڭ ياپونىيىدىكى ئۇيغۇر زىيالىيلىرىنىڭ باش تارتىپ بولمايدىغان بىر بۇرچى ئىكەنلىكىنى چۈشىنىپ يەتكەن ۋە بۇ جەھەتتە ئەمەلىي پائالىيىتىنى باشلىغان.
يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن بۇ ھەقتە تۇرمەمەت ئەپەندى بىلەن مۇخبىرىمىزنىڭ ئۆتكۈزگەن سۆھبىتىگە دىققەت بەرگەيسىلەر.