دائىرىلەرنىڭ تۇرپانيۈزى يېزىدىكى باغلارنى خىتاي شىركىتىگە سېتىشقا مەجبۇرلىغان كادىرلارنى بىر تەرەپ قىلغانلىقى ھەققىدە دېھقانلارنىڭ قاراشلىرى

2009 - يىلى ياز پەسلىدە غۇلجا ناھىيىسى تۇرپانيۈزى يېزىسىدا يۈز بەرگەن يېزىلىق ھۆكۈمەتنىڭ «تۇرپانيۈزى باغلىرىنى خىتاي شىركىتىگە سېتىپ بېرىش» ۋەقەسى، دېھقانلارنىڭ ئەرز قىلىشى نەتىجىسىدە نۆۋەتتە دائىرىلەر تەرىپىدىن تەكشۈرۈلۈشكە باشلىغان.
مۇخبىرىمىز مېھرىبان
2012.01.27
turkistan-tagh-bagh-305.png ئۇيغۇر ئىلىنىڭ تاغ-باغلىرى
Public Domain

زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان دېھقانلار، يېزىدا ئېلىپ بېرىلىۋاتقان تەكشۈرۈلۈش ئەھۋالى ھەققىدە توختىلىپ، ئەينى چاغدا دېھقانلارنى يېرىنى سېتىشقا مەجبۇرلىغان يېزا كادىرلىرىنىڭ جازالىنىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلەش بىلەن بىللە، ۋەقەنى بىر تەرەپ قىلىشتا ھۆكۈمەت دائىرىلىرىنىڭ ۋەقەدە جاۋابكارلىقى سۈرۈشتۈرۈلۈشكە تېگىشلىك يېزا كادىرلىرىغا نىسبەتەن پەرقلىق مۇئامىلە قوللىنىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان دېھقانلارنىڭ بىلدۈرۈشىچە، 2009 - يىلى كۈز پەسلىدىن باشلاپ، يېزىدىكى دېھقانلارنىڭ ئىلى ئوبلاستى ھەم ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئەرزىيەت ئىدارىسى قاتارلىق جايلارغا ئەرز قىلىشى نەتىجىسىدە ئىلى ئوبلاستىدىن مەخسۇس ئادەم ئاجرىتىلىپ، تۇرپانيۈزى يېزىسىدىكى دېھقانلارنىڭ باغلىرى ھەم تېرىلغۇ يەرلىرىنىڭ سېتىلىش مەسىلىسىنى تەكشۈرۈشكە باشلىغان.

ئەينى چاغدىكى يەر سودىسىدا، دېھقانلارغا قارىتا ئالداش، زورلاش، تەھدىت ۋاسىتىلىرىنى قوللىنىپ، دېھقانلارنىڭ باغلىرىنى خىتاي شىركىتىگە سېتىپ بېرىش ئارقىلىق، ئوتتۇرىدىن زور پايدىغا ئېرىشكەن يېزا كادىرلىرىنىڭ جازالىنىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىگەن بىر دېھقان، بۇ قېتىمقى تەكشۈرۈشتە دائىرىلەرنىڭ يېزا كادىرلىرىنى بىر تەرەپ قىلىشتا جاڭ فامىلىلىك يېزىلىق پارتكوم سېكرىتارىنى قانات ئاستىغا ئېلىش خاھىشىنىڭ بارلىقى ھەققىدە يېزىدىكى دېھقانلار ئارىسىدا غۇلغۇلا بولۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

بۇ دېھقان يېزىلىق پارتكوم سېكرېتارى جاڭنىڭ شۇ قېتىمقى يەر سودىسىدا زور پايدا ئېرىشكەنلەرنىڭ بىرى بولسىمۇ، ئەمما دائىرىلەرنىڭ مەسىلىنى بىر تەرەپ قىلىشتا دېھقانلارنىڭ باغلىرىنى ئۆلچەش ئىشىغا مەسئۇل بولغان كەنت باشلىقى ئابدۇسەمەت، تىلىۋالدى قاتارلىقلار ئۈستىدىن تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقىنى جاكارلاش ئارقىلىق، دېھقانلارنىڭ غەزىپىنى بىر مەزگىل پەسەيتىشكە ئۇرۇنۇپ، بۇ قېتىمقى يەر سودىسىدا تېخىمۇ كۆپ پايدىغا ئېرىشكەن خىتاي مىللىتىدىن بولغان جاڭ فامىلىك پارتكوم سېرىتارى ۋە ئۇنىڭ ئارقا تىرەكلىرىنىڭ پارىخورلۇق قىلمىشلىرىغا نىسبەتەن تەكشۈرگۈچىلەرنىڭ كۆز يۇمۇش پوزىتسىيىسىدە بولۇۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

رادىئومىز ئىگىلىگەن ئۇچۇرلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، يېزىدىكى دېھقانلارنىڭ قاتتىق بېسىمى ئارقىلىق، ئەينى چاغدا دېھقانلارنىڭ باغلىرى ھەم تېرىلغۇ يەرلىرىنى ئۆلچەشكە مەسئۇل بولغان يېزا كادىرلىرىدىن، يۇقىرىقى تۇرپانيۈزى كەنتى ھەم تۆۋەنكى تۇرپانيۈزى كەنتىنىڭ كەنت باشلىقلىرى ئابدۇسەمەت، تىلىۋالدى قاتارلىق ئىككى كىشى خىزمىتىدىن ئېلىپ تاشلىنىپ، تەكشۈرۈشكە بۇيرۇلغان. يېزا باشلىقى پەخىردىن بولسا خىزمىتىدىن يۆتكىۋېتىلگەن.

دېھقانلارنىڭ ئىنكاسىدىن مەلۇم بولۇشىچە، يېزىدىكى دېھقانلار ئۇيغۇر مىللىتىدىن بولغان يېزا باشلىقى پەخىرىدىننىڭ بۇ قېتىمقى يەر سودىسىدا ئۆز ئۈستىگە ئېلىشقا تېگىشلىك مەسئۇلىيىتى بار دەپ قارىسىمۇ، لېكىن دېھقانلار يەر سودىسىدىكى ھەقىقى مەسئۇلىيەت يەنىلا يېزىلىق پارتكوم سېكرېتارى جاڭ ۋە ئەينى چاغدا تۇرپانيۈزى باغلىرىنى سېتىشنى بېكىتكەن تېخىمۇ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلاردا دەپ قارىغان. ئەمما دائىرىلەرنىڭ، مەسىلىنىڭ تېخىمۇ كېڭىيىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، ۋەقەنىڭ تەپسىلاتىغا مۇناسىۋەتلىك ئىنچىكە ھالقىلارنىڭ ۋە مۇناسىۋەتلىك ئەمەلدارلارنىڭ پارىخورلۇق قىلمىشلىرىنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشىدىن ئېھتىيات قىلىۋاتقانلىقى دېھقانلار ئارىسىدىكى مۇنازىرىلەرنىڭ ئاساسى تېمىسى بولماقتا ئىكەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.