تۇرپانيۈزى دېھقانلىرى: «بىز پەقەت ئۆزىمىزنىڭ قانۇنىي ھەق-ھوقۇقىمىزنى تەلەپ قىلدۇق»

تۇرپانيۈزى دېھقانلىرى ئۆزلىرىنىڭ خىتايدا بەلگىلەنگەن قانۇن-نىزاملار بويىچە ئەرز قىلىپ، مەلۇم نەتىجىگە ئېرىشكەنلىكىنى، ئەمما ئاخىرقى مەقسەتكە يەتمىگۈچە ئەرز قىلىشنى توختاتمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
مۇخبىرىمىز مېھرىبان
2012.01.25
dehqan-305.jpg ئۇيغۇر ئېلىدىكى دېھقانلار.
RFA

يېزىلىق ھەم ناھىيىلىك ھۆكۈمەتنىڭ مەجبۇرلىشى بىلەن، يېرى ھەم باغلىرىدىن ئايرىلىپ قالغان تۇرپانيۈزى يېزىسىدىكى ئون نەچچە دېھقان، 2009-يىلى 10-ئايدىن باشلاپ، ئىلگىرى-ئاخىرى بولۇپ ئىلى ئوبلاستى ھەم ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى ئەرزىيەت ئىدارىلىرىگە يېزىلىق ھۆكۈمەت ھەم ناھىيىلىك ھۆكۈمەت ئۈستىدىن ئەرز قىلىشنى داۋاملاشتۇرغان.

رادىئومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان دېھقانلارنىڭ بىلدۈرۈشىچە، دېھقانلار 2 يىلدىن ئارتۇق ئەرز قىلىش ئارقىلىق، نۆۋەتتە ئەينى چاغدا مەجبۇرىي ھالدا ئەرزان سېتىۋېتىلگەن يەرلىرى ئۈچۈن، يۇقىرىسى ئۈچ يۈز نەچچە مىڭ، تۆۋىنى 90 مىڭ يۈەن ئەتراپىدا تۆلەم پۇلغا ئېرىشكەن. ئەينى چاغدا 200 مو ئەتراپىدىكى باغنى500 مىڭ يۈەنگە سېتىشنى رەت قىلغان نۇرى ئىسىملىك دېھقان ئائىلىسى تولۇقلانغان باھا بويىچە 2 مىليون 400 مىڭ يۈەنگە ئېرىشكەن.

غۇلجا ناھىيىسىنىڭ ئۆرۈكلۈك بېغى دەپ تەرىپلىنىپ كېلىۋاتقان، تۇرپانيۈزى يېزىسىنىڭ يۇقىرىقى تۇرپانيۈزى مەھەللىسى غۇلجا تەۋەسىدىكى ساياھەت مەركەزلىرىنىڭ بىرى. مەلۇم بولۇشىچە، يېزىدىكى دېھقانلارنىڭ ياز پەسلىدىكى كىرىملىرىنىڭ بىر قىسمى مۇشۇ باغلاردىن كېلىدىكەن. ئەمما، يېزىلىق ھۆكۈمەت 2009-يىلى ئەتىيازدا بۇ باغلارنى دېھقانلارنىڭ رازىلىقىسىز خىتاي شىركەتلىرىدىن «بېيجىڭ چىڭخۇا شىركىتى» گە سېتىپ بېرىش توختامى تۈزگەن.

ئۇيغۇرلار زىچ ئولتۇراقلاشقان مەھەللىگە خىتاي شىركىتىنىڭ يەرلىشىشى يېزىدىكى دېھقانلارنىمۇ غەزەپلەندۈرگەن. مۇشۇنداق بىر پەيتتە يېزىلىق ھۆكۈمەت ھەم ناھىيىلىك ھۆكۈمەت يەر سودىسىدىن ئالىدىغان پايدىنى كۆزلەپ، نۇرى، ئۈمگۈلسۈم، ئارۇپ قاتارلىق باغ ئىگىلىرىنىڭ نارازىلىقىغا قارىماي، 2009-يىلى ياز پەسلىدە دېھقانلارغا ئالداش، پوپوزا، تەھدىت ۋاسىتىلىرىنى قوللىنىپ، ئۇلارنى باغلىرىنى ئەرزان باھادا خىتاي شىركەتلىرىگە سېتىپ بېرىشكە مەجبۇرلىغان. ئەينى چاغدا بۇ خىل بېسىم ھەم مەجبۇرلاش سەۋەبىدىن باغ ئىگىلىرىدىن 70 ياشلىق نۇرى ئاكا تۇيۇقسىز قوزغالغان يۈرەك كېسىلى سەۋەبىدىن 5-ئاي مەزگىلىدە ئۆلۈپ كەتكەندىن كېيىنلا، يېزىلىق ھۆكۈمەت كادىرلىرى دېھقانلارغا قاراتقان مەجبۇرلىشىدىن بىر مەزگىل ۋاز كەچكەن. ئەمما باغ رايونىدىكى 10 نەچچە دېھقاننىڭ يەرلىرى يەنىلا ئەرزان باھادا چىڭخۇا شىركىتىگە سېتىپ بېرىلگەن. ئەينى چاغدا رادىئومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان تۇرپانيۈزى دېھقانلىرى ئۆز نارازىلىقلىرىنى ئىپادىلىگەن ئىدى.

زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان دېھقانلارنىڭ بىلدۈرۈشىچە، دېھقانلارنىڭ توختىماي ئەرز قىلىشى نەتىجىسىدە ئىلى ئوبلاستىدىن مەخسۇس ئادەم كېلىپ، تۇرپانيۈزى يېزىسىدىكى دېھقانلارنىڭ باغلىرى ھەم تېرىلغۇ يەرلىرىنىڭ سېتىلىش مەسىلىسىنى تەكشۈرگەن. يېزىدىكى دېھقانلارنىڭ قاتتىق بېسىمى ئارقىلىق، ئەينى چاغدا دېھقانلارنىڭ باغلىرى ھەم تېرىلغۇ يەرلىرىنى ئۆلچەشكە مەسئۇل بولغان يېزا كادىرلىرىدىن، يۇقىرىقى تۇرپانيۈزى كەنتى ھەم تۆۋەنكى تۇرپانيۈزى كەنتىنىڭ كەنت باشلىقلىرى ئابدۇسەمەت، تىلىۋالدى قاتارلىق ئىككى كىشى خىزمىتىدىن ئېلىپ تاشلىنىپ، تەكشۈرۈشكە بۇيرۇلغان. يېزا باشلىقى پەخىردىن خىزمىتىدىن يۆتكىۋېتىلگەن، يېزىلىق پارتكومنىڭ خىتاي مىللىتىدىن بولغان جاڭ فامىلىلىك سېكرېتارى تەكشۈرۈلۈشكە باشلىغان. شۇنداقلا بۇ ئىشقا ئالاقىدار بولغان ناھىيىلىك ھۆكۈمەتتىكى بەزى كادىرلارمۇ ئەسلى خىزمەت ئورنىدىن يۆتكىۋېتىلگەن.

زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان تۇرپانيۈزى دېھقانلىرى يەنە بۇ قېتىم دېھقانلارغا تۆلەم پۇل بېرىش قارار قىلىنغاندىن كېيىن، تۇرسۇن قاسىم، تۇرسۇن ناسىر، مۇتەللىپ ئائىلىسىدىكىلەر بېرىلگەن تۆلەم پۇلنىڭ ئازلىقىنى بىلدۈرۈپ، تۆلەم پۇلنى ئېلىشنى رەت قىلغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۆز كىملىكىنى ئاشكارىلاشنى خالىمايدىغان دېھقانلارنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ قېتىمقى يەر داۋاسىدا دېھقانلارنىڭ ئەرزىنى بىر تەرەپ قىلىشقا مەسئۇل بولغان كادىرلار دېھقانلارنى ئاگاھلاندۇرۇپ، ئەگەر دېھقانلار ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى قاتارلىق چەتئەل ئاخبارات ئورگانلىرىغا يېزىدىكى ئىشلار ھەققىدە خەۋەر بەرمەسلىككە ۋەدە قىلسىلا، ئۇلارنىڭ ئىشلىرىنىڭ ھۆكۈمەت تەرىپىدىن مۇۋاپىق ھەل قىلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان تۇرپانيۈزى دېھقانلىرى، يېزىدىكى ئەھۋاللارنى مەتبۇئاتلارغا ئىنكاس قىلىش ئىرادىسىدىن يانمايدىغانلىقىنى ئىپادىلەپ، دېھقانلارنىڭ تۆلەم پۇلغا ئېرىشىشىدە يېزىدىكى دېھقانلارنىڭ ھەققانىيەت تۇيغۇسى ھەم مەتبۇئات خەۋەرلىرىنىڭ رول ئوينىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

دېھقانلار ئۆز بايانلىرىدا، ئۆزلىرىنىڭ بۈگۈنكىدەك نەتىجىگە ئېرىشىشىدە دېھقانلارنىڭ خىتايدا بەلگىلەنگەن قانۇنىي تەرتىپلەر بويىچە كوللېكتىپ ھالدا ئەرز قىلىشنى داۋاملاشتۇرغاندىن باشقا، يېزىدا يۈز بەرگەن ناھەقچىلىكلەرنى خەلقئارا مەتبۇئاتلارغا ئاڭلاتقىنىنىڭ مەلۇم نەتىجە بەرگەنلىكىنى تەكىتلەپ، ئۆزلىرىنىڭ ئېرىشىشكە تېگىشلىك قانۇنىي ھەق-ھوقۇقلىرىنى تەلەپ قىلىش ئىرادىسىدىن يانمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.